ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 3515 |
تۆھپىسى: سەر |
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا سەۋدا تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-3-12 18:25
قۇياش يوللىغان ۋاقتى 2014-3-12 17:44 
گۇناھ بايېرىندىما؟؟؟
بولدى، مادىرىدچىلار ، خاپا بول ...
مەن گۇناھ بەيرىندە دىگەن گەپنىى قىلماقچى ئەمەس، ئۆزىل ۋە ئارسىنالنى مەسخىرە قىلغان بەيرىن مەستانىلىرىنىڭ قىلمىشى ئۆزىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ، قىلمىشىنىڭ جازاسىنىمۇ ئۆزى تارتىدۇ، بىراق بەيرىننى چەكلىسۇن دىگەن شەخىسنىڭ گىپىمۇ شۇنىڭغا ئوخشاش ئۆزىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ، بۇنىڭ مادرىد بىلەن ياكى مادرىد مەستانىسىلىق بىلەن قىلچە مۇناسىۋىتى يوق. ھەممە مادرىد مەستانىلىرىنىڭ پىكرىگىمۇ ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. شەخىسنىڭ ئۆزىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ. شۇ شەخىسكە قارشى پىرىڭىز بولسا شۇنىڭ ئۆزىگە چىرايلىق نەقىل قىلىپ، قارشى پىكرىڭىزنى ئوتتۇرۇىغا قويۇپ، ئىلمىي ئاساستا چىرايلىق مۇنىرىلەشسىڭىز بولىدۇ، شۇڭا بۇ مۇنازىرە مۇنبىرى. شۇنداقلا ھەم بەيرىننى چەكلەش توغرىلىق ئىنكاس قالدۇرغانلار مادرىد مەستانىلىرىلا ئەمەسكەن. شۇڭا سىزنىڭ مادرىدنىڭ ئۆتمۈشتىكى توپچىلىرىنىڭ قىلمىشىنى مىسال قىلىش ئارقىلىق نىمە مەخسەتنى ئىپادىلىمەكچى دىمەكچى خالاس. مادرىد توپچىلىرى مۇشۇنداق قىلغان يەردە بايرىن مەستانىلىرى بۇنداق قىلسا نىمە بولماقچى؟ - دىگەن مەخسەت بارمۇ ياكى بەيرىننى جازالىماقچى بولسا ئاۋۋال روبىنھو قاتارلىقلارنىڭ ئۆتمۈشتىكى قىلمىشىنى جازالاپ بولغاندىن كىيىن ئاندىين نۆۋەت بەيرىنگە نۆۋەت كىلىدۇ دىمەكچىمۇ؟ شۇنى بىلىۋىلىشنى مەخسەت قىلغان.
بۇ بەيرىن توغرىلىق تېمىكەن، شۇڭا ئوخشىمىغان خاراكتىردىكى مەستانىلەرنىڭ ئوخشىمىغان ئۇسۇلدا ئوخشىمىغان پىكىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇشى تۇرغانلا گەپ. ئۇلارغا قارشى پىكرىڭىز بولسا، بۇ تېما بىلەن ھېچقانداق مۇناسىۋىتىنى بولمىغان ئۆتمۈشتىكى ئىشنى مىسال قىپ تۇرۇپ بەيرىننى جازالىماسلىقى كېرەك دىيىشنىڭ زۆرۈرىيىتى يوق دىمەكچى خالاس. بۇنداق مىساللارنى سۆزلەپ كەلسەك، ھەر قانداق كوماندىنىڭ بىز بىلىدىغان ياكى بىلمەيدىغان خاتالىق قىلمىشىلىرى مەۋجۇتقۇ دەيمەن. بىز بەيرىننى چەكلىسۇن دەپ قويغانغا بەيرىنى چەكلىمەسلىككە تىگىشلىك خاتالىقلارغا بەيرىننى چەكلەپ قويمايدۇ. ئەگەر بەيرىننى چەكلەشكە تىگىشلىك قىلمىش سادىر بوپ قالسا بىز چەكلىمىسۇن دېسەكمۇ بىكار. مەستانىلەرنىڭ بۇنداق چىكىدىن ئاشقان لوزۇنكىلارنى كۆتۈرۈپ چىققان قىلمىشلىرىغا ئادەتتە كوماندىغا ئىقتىسادىي جەھەتتىن جەرىمانە قويىدۇ، بۇ پەسىلدە كىلىتلىقلار كوماندىسىمۇ مەستانىلىرىنىڭ مۇشۇنىڭغا ئوخشاپ كىتىدىغان قىلمىشى سەۋەپلىك 75مىڭ ياۋرو جەرىمانە قويۇلغان. بەيرىنگىمۇ مۇئەييەن قىممەتتتە ئىقتىسادى جاشا بىرىلىشى مۇمكىن. لوزۇنكا كۆتۈرۈپ چىققان مەستانىلىرىگە قارىتا، جازانى بەيرىن كوماندىسى ئۆزى يۈرگۈزۋالسا بولىدۇ، مەسىلەن مۇسابىقە كۆرۈشىنى چەكلەش قاتارلىق. شۇڭا بىر نەچچە مەستانىنىڭ بۇنداق قىلمىشلارغا بىرىلىدىغان جازانى ئۇقۇشماستىن دەپ قويغان گىپىگە بۇ ئىنكاس ياكى تېما بىلەن قىلچە ئالاقىسى بولمىغان مادرىدنىڭ ئۆتمۈشتىكى ئىشىنى مېسال قىلىش تولىمۇ ئارتۇقچە، مەنمۇ بىر مادرىد مەستانىسى، مەن ئۇنداق گەىپنى قىممىدىم، شۇنداقلا ئۇ مەستانىلەرنىڭ ئىنكاسى ماڭا ۋەكىللىك قىلمايدۇ، ئەمما مادرىدنىڭ ئۇ ئېشىنى كۆتۈرۈپ چىقسىڭىز مىنىڭ سىزنى نەقىل قىلىپ مۇنازىرىلەشكۈم كىلىپ قالىدىكەن، توغرا چۈشىنىڭ ھە.
يەنە ئاۋۇ رەسىمدە كۆرسىتىلگەن روبىنھو، كارلوس قاتارلىقلارنىڭ تەبرىكلەش ھەركىتى نېمە مەنىنى ئىپادىلىگەن؟ مەن چۈشەنمەيدىكەنمەن، مۇمكىن بولسا چۈشەندۈرۈپ قويىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن.  |
|