ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 150 |
جۇغلانمىسى: 2386 |
تۆھپىسى: سەر |
|
دىيارىمىز ۋاقتى 3-ئاينىڭ 12-كۈنى ئەتتىگەن سائەت 1:45 تە ياۋرۇپا چىمپىيونلۇق بىرلەشمىسى 8 كۈچلۈك 2-ئۇچرىشىش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزىلىدۇ. گىرمانىيە زەردارى بايرىن مىيۇنخىن كۇلۇبى ئارىيان پۇتبول مەيدانىدا ئىنگىلاند دەرىجىدىن تاشقىرى لوڭقىسى كىچىك زومىگىرى ئارسىنال كۇلۇبىنى كۈتىۋالىدۇ.
مۇسابىقىدىن ئىلگىرىكى ئاخپارات ئىلان قىلىش يىغىنىدا سابىق بايرىن توپچىسى كىروس ئۈزىنىڭ كەلگۈسى ئۈستىدە توختىلىپ مۇنداق دىگەن: كەلگۈسۈم توغرىسىدا تېخى ئىنىق قارار چىقىرىلمىدى، ئىنگىلاند دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسى ماڭا نىسپەتەن بىر تاللاش، بۇ بىر سىر ئەمەس. تېخى ھېچ قانداق توختامنىڭ ئەمەلگە ئاشقىنى يوق، قارىغاندا يازدا نەتىجىسى چىقىدىغان ئوخشايدۇ. ئەگەر بايرىندىن ئايرىلسام ھەرقانداق ئىشنىڭ يۈز بىرىش مۇمكىنچىلىكى بار. مەن چۇقۇم ئەستايىدىل ئويلىنىپ ئاندىن توغرا قاراش چىقىرىمەن. مەن تاراتقۇلارنىڭ چىقارغان مىنىڭ ئىنگىلاندقا بارىدىغانلىق توغرىسىدىكى خەۋىرىمنى ئاڭلىدىم.
مۇخپىر كىروستىن مانچىستىر بىرلەشمىسىگە قېتىلىش ئىمكانىيتى توغرىسىدا سورالغاندا كىروس مۇنداق جاۋاپ بەرگەن: ئەگەر بايرىندىن ئايرىلسام بۇ خىل مۇمكىنچىلىكنى ئويلىشىمەن.
نۆۋەتتە كىروسنىڭ كۇلۇپ بىلەن بولغان توختام ئۇزارتىش ئىشى ئىزچىل ئارقىغا سۈرۈلۈپ كىلىۋاتىدۇ. كىروس كۆپ قېتىم ئۈزىنىڭ كۇلۇپ بىلەن توختام ئۇزارتىش ئارزۇسى بارلىقىنى، بىراق ئالدىنقى شەرتىنىڭ 7 مىليۇن ياۋرۇلۇق مائاش ۋە ئاساسلىق ئەزالىق ئۇرۇن كاپالىتى ئىكەنلىكىنى ئېيتقان.
كىروسنىڭ مەيداندىن ئالماشتۇرۇلۇپ چۈشۈرۋىتىلگەندىن كىيىنكى كۈرۈنىشى ( پەلىيىنى كۈرۈش سوپىسىدىكى ماشقاۋۇل گۇئادىئالا تەرەپكە قارىتىپ ئاتقان )


« كۈندىلىك پوچتا گىزىتى » نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا مويىس تونى كىروس ئۈچۈن ھەپتىلىك مائاشى 250 مىڭ فونىستىرلىڭ چىقىرىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. تونى كىروسنىڭ بايرىندىكى ھەپتىلىپ مائاشى 75 مىڭ فونىستىرلىڭ بۇلۇپ، مانچىستىر بىرلەشمىسى چىقارغان باھا 3 ھەسسە يۇقىرى بولغان. ئۇنىڭ ئۈستىگە كىروس مانچىستىر بىرلەشمىسىدە ئاساسلىق ئەزالىق ئورنىغا ئىرىشەلىشى مۇمكىن.
|
|