ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 3587 |
تۆھپىسى: سەر |
|
3-ئاينىڭ 9 كۈنى ئوينالغان گېرمانىيە بىرلەشمىسىدە بېرمىن كوماندىسى نىۋرىنبورگ كوماندىسىنى 2-0 نەتىجە بىلەن يەڭدى. ئەمما مۇسابىقە جەريانىدا مۇنداق بىر غەلىتە ئىش يۈز بەردى. بېرمىن كوماندىسىنىڭ ئوتتۇرا مەيدان توپچىسى خونتى سەبدىشى ياندىن تاشلىغان توپقا تېزلىكتە ئىنكاس بىلدۇرۇپ ۋارتار تەرەپكە يۈگۈرۋاتقاندا قارشى تەرەپ بېكىنىڭ پۇت سېلىشىدىن ئەندىكىپ دەرھال يىقىلغان. باش رېپىر بۇنى نوقتا توپ قىلىپ ھۆكۈم چىقارغان ئىدى. ئەمەلىيەتتە بۇ قىلچىلىكمۇ قائىدىگە خىلاپ ھەرىكەت ئەمەس بولۇپ نىۋرىنبورگ بېكىنىڭ پۇتى خونتىنىڭ پۇتىغا تېگىپمۇ كەتمىگەن.
موشۇنداق ئەھۋالدا ئەلۋەتتە نۇرغۇن توپچىلار نوقتا توپ كەلگەنلىكدىن خوش بۇلۇپ ئۆزىنىڭ يالغان ھەرىكىتىنى راستقا چىقىرىشقا ئورىنىدۇ. بىراق خونتى ئۇنداق قىلمىغان. ئەكىسچە باش رېپىردىن بۇ نوقتا توپنىڭ خاتا قويۇپ بېرىلگەنلىكىنى، ئۆزىنىڭ قارشى تەرەپ بېكىنىڭ پۇتىنىڭ تېگىپ كىتىشىدىن ئەنسرەپ يىقىلغانلىقىنى چۈشەندۈرگەن. باش رېپىر خونتىنىڭ بۇ گىپىگە ئاساسەن بۇ نوقتا توپنى بىكار قىلغان. خۇنتنىڭ بۇ ئىشىدىن پۇتۇن مەيداندىكى تاماششىبىنلار تەسىرلىنىپ ئالقىشلىغان. نىۋرىىنبورگ بىكىمۇ ئۇنىڭ بىلەن قول ئېلىشىپ ھۆرمىتىنى ئىپادىلىگەن. ( ئىلگىرى بۇنداق ئىشنىڭ يۈز بەرگەن ياكى يۈز بەرمىگەنلىكى توغۇرلۇق ئېنىق مەلۇمات ئالالمىدىم.ماتىرياللاردىنمۇ ئىلگىرى بۇنداق قۇيۇپ بېرىلگەن نوقتا توپنىڭ نەق مەيداندىلا بىكار قىلىغنىنى پەقەتلا ئۇچراتىمىدىم. )
|
|