akyipakelan roni : 13999092457
كۆرۈش: 810|ئىنكاس: 23

تۇرپان بىرلەشمىسىنىڭ 3 – ئايلانما خەۋىرى (ئاتەش)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئاتەش تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-3-10 19:34  

تۇرپان بىرلەشمىسىنىڭ 3 – ئايلانمىسى 9 – مارت يەكشەنبە كۈنى، ۋىلايەتلىك تەجرىبە ئوتتۇرا مەكتەپ پۇتبول مەيدانىدا نورمال ئېلىپ بېرىلدى.

تۇنجى مەيداندا ئەلقىيا كوماندىسى بىلەن قاڭقىل كوماندىسى ئۇچراشتى.(1:1)


ئەلقىيا كوماندىسى
مۇسابىقە كەسىكىن ئېلىپ بېرىلدى. ئالدى بىلەن قاڭقىل كوماندىسى دەسلەپ قىلدى. قاڭقىل كوماندىسىنىڭ ھۇجۇمچىسى پەرھاتجاننىڭ يىراقتىن ئۇرغان توپى ئەلقىيا كوماندىسىنىڭ قاپقىچىسىدىن ئۆتۈپ تورغا كىردى.


قاڭقىل كوماندىسى

شۇنىڭدىن كېيىن، ئەلقىيا كوماندىسى قورشاۋ شەكلىنى قوللىنىپ شىددەتلىك ھۇجۇم قىلىپ، بىر توپ كىرگۈزۈپ، نەتىجىنى تەڭلەشتۈرىۋالدى. ئاخىرىدا ئىككى كوماندا بىردىن نومۇر ئېلىپ مۇسابىقە ئاخىرلاشتى.

ئىككىنچى مەيداندا سەرناز كوماندىسى بىلەن 2 – ئوتتۇرا كوماندىسى ئۇچراشتى. (1:4)


سەرناز كوماندىسى

سەرناز كوماندىسى تۇنجى مەيداندىكى مەغلۇبىيەتتىن كېيىن تاكتىكا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ياخشىلاپ، ياخشى ئىپادىسى بىلەن مەستانىلەرنى قايىل قىلىپ كەلدى.


2- ئوتتۇرا كوماندىسى

2 – ئوتتۇرا مەكتەپ كوماندىسىنىڭ يەنىمۇ تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. تۇنجى قېتىم بىرلەشمىگە قاتناشقان بۇ كوماندا ئۈچۈن نەتىجە ئەمەس، تەجرىبە توپلاش، مەيدان كۆرۈش مۇھىم.



3 – مەيداندا كارۋانچى كوماندىسى بىلەن ياشلار بىرلەشمىسى ئوينىدى (0:4)
نەتىجە مۆلچەردىن يىراق ئەمەس


كارۋانچى كوماندىسى


ياشلار بىرلەشمىسى كوماندىسى

4 – مەيداندا ئەمەلىي كۈچ جەھەتتە كۆپ پەرقلەنمەيدىغان فارخان كوماندىسى بىلەن ئىتتىپاق كوماندىسى ئۇچراشتى (2:2)


ئىتتىپاق كوماندىسى

بۇ مەيدان مۇسابىقىگە ئېسىل بىر مەيدان مۇسابىقە دەپ باھا بېرىشقا بولىدۇ.
تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىدىن تەشكىللەنگەن فارخان كوماندىسى ھارماس، چاققانلىقى، ئورۇن ئېلىشىنىڭ ياخشىلىقى، پۇت ئاستىنىڭ پاكىزلىقى، بولۇپمۇ قاپقىغا ئۇرغان توپلىرىنىڭ خەتىرىنىڭ چوڭلىقى بىلەن ئىتتىپاققا ئېغىر خىرىس ئېلىپ كەلدى.


فارخان كوماندىسى

مۇسابىقە باشلىنىپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا فارخان كوماندىسى ئىككى توپ كىرگۈزدى. ئىتتىپاق كوماندىسى ئۇزۇن يىللىق تەجرىبىلىرىگە ئاساسەن سەپنى قايتىدىن تەڭشەپ، مۇداپىئەنى كۈچەيتىپ، قايتا توپ كەتكۈزمەسلىك ئاساسىدا، ھەربىر كىچىك پۇرسەتلەرنىمۇ چىڭ تۇتۇپ قەدىرلەپ، ئىككى توپ قايتۇرىۋېلىپ، نەتىجىنى تەڭلەشتۈرىۋالدى. شۇنداق قىلىپ، ئىتتىپاق كوماندىسى ئىككى مەيدان ئۇتۇپ، بىر مەيدان تەڭلىشىپ، بىرلەشمىنىڭ 1 – لىك ئورنىنى ۋاقىتلىق مۇستەقىل ئىگىلىدى.

مۇسابىقە جەريانىدىكى بىر قىسىم كۆرۈنۈشلەر:




















پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-3-10 19:51:58 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەجەپ پۇرسەت بولمايۋاتىدۇ مۇشۇ مۇسابىقىنى كۆرىدىغانغا چۈشتىن كىيىن سائەت قانچىدە باشلىنىدۇ
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-3-10 19:52:43 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئالغا شىنجاڭ ئوغلانلىرى تىزراق بىزنىڭ جۇڭگۇ سەركىلىرى بولۇڭلا ئامەت يار بولسۇن يولۇڭلا ئوچۇق بولسۇن
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-3-10 19:53:35 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەتىگەن توققۇزدا، چۈشتىن كېيىن ئىككىدە (ئۈرۈمچى ۋاقتى)، ناۋادا مەكتەپنىڭ چۈشتىن بۇرۇن پائالىيىتى بولۇپ قالسا، بارلىق مۇسابىقىلەر چۈشتىن كېيىنگە ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، سائەت بىردە باشلىنىدۇ.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-3-10 20:04:26 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇيغۇر  ئوغلانلىرمىز   ئالغا
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-3-10 20:42:13 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاتەش يوللىغان ۋاقتى  2014-3-10 19:53
ئەتىگەن توققۇزدا، چۈشتىن كېيىن ئىككىدە (ئۈرۈمچى ۋاقتى) ...

مەن   بارغان  بىراق  كىرگۈزمىدى   ،  بوۋەن
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-3-10 21:06:31 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قىززىغان مۇسابىقە بوپتۇ دە .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-3-10 21:09:42 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۇرپان بىرلەشمىسى ياخشى داۋاملىشىپ كېتىۋاتىدۇ
تۇرپان بىرلەشمىسىنىڭ ئىشلىرىغا ئۇتۇق تىلەيمەن
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-3-10 21:32:16 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
torga dimay baxkiqa dap yazsingiz bulgidak kirindixim
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-3-10 21:33:10 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
bojian يوللىغان ۋاقتى  2014-3-10 20:42
مەن   بارغان  بىراق  كىرگۈزمىدى   ،  بوۋەن

tuwa xundak ixlarmu bamu tehi
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-3-10 21:42:11 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۇرپان بىرلەشمىسى ياخشى داۋاملىشىۋېتىپتۇ  سىلەرگە ئامەت يار بولسۇن
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-3-10 22:21:06 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىر بېرىپ نەق مەيداندىن كۆرمىسەم....
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-4-25 14:37

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش