ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 150 |
جۇغلانمىسى: 2426 |
تۆھپىسى: سەر |
|
wazen يوللىغان ۋاقتى 2014-3-10 18:20 
تاشئالمىنىڭ مەستانە جەھەتتىن رىكوت ياراتقىنىغا قارا ...
ماۋۇ گەپ سەل ئېشىپ كەتتى
لىياۋنىڭ خوڭيۇن بىلەن خاڭجۇ لۈچىڭ نىڭ مۇسابىقىسىنى كۆرگىلى بارغان . دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمە ، بېلىتى 20 يۇەن ، مەيدان غا كىرگەن ئادەم 5 مىڭ ئەتراپىدا . مۇسابىقە باشلىنىپ 15 مىنۇتتىن كېيىن نۇرغۇن ساۋاقداشلىرىم بېلەت ئالماي كىرىپتۇ . بىكارغا كىرگۇزۇپتۇ . پۇتۇن مەيدان مۇسابىقەدە ساھىبخان توپخۇمارلىرى قارشى تەرەپ توپچىلىرىنى تىللاش ، ئاتا- ئانىسىدىن ھال سوراش قاتارلىقلار بىلەن تۇگىدى ، ئەڭ كۆپ كۆرۇلگەن گەپ جىيايو ئەمەس شابى . ئۆز بېشىمدىن ئۆتكۇزگەن دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىنىڭ گېپى .
خېڭدانىڭ ئاسىيا ئۇزغۇنلۇق مۇسابىقىسىنىڭ بېلىتىمۇ 100 يۇەن بىلەن 150 يۇەن ئەتراپىدا . دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىدىكى كۆپ كوماندىلارنىڭ بېلىتى 20دىن 50 كويغىچە ، ئا بىرلەشمىنىڭ تېخىمۇ ئەرزان ، كۆرىدىغانلار نەچچە يۇز ئەتراپىدا . ب بىرلەشمىنىڭ شىنجاڭدىن باشقا يەردە ھەقسىز . كۆرىدىغانلار يوق .
شىنجاڭ تەنتەربىيە لاتارىيەسى بىلەن شېنياڭ دوڭجىن مۇسابىقىسىنى كۆرگىلى 200 دىن ئوشۇق ئۇيغۇر بالىلار بارغان . قارشى تەرەپنىڭ (ساھىبخاننىڭ) بىرمۇ مەستانىسى يوق . كېيىنكى مەيدان باشلىناي دېگەندە شۇ يەردىكى بىر ھەربى مەكتەپتىن بەش يۇز فورمىلىق ئوقۇغۇچىنى ئەپ كېلىپ بىزنىڭ ھۇررا سادايىمىزنى بېسىش ئۈچۈن دۇمباق چالغۇزغان . |
|