ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 1507 |
تۆھپىسى: سەر |
|
تۈنۈگۈن ئاياغلاشقان ئىتالىيە بىرلەشمىسىنىڭ 27 -ئايلانما مۇسابىقىسىدە يۇۋېنتىس كۇلۇبى ساھىبخان ھالەتتە فىلورىنسىيو كۇلۇبىنى يېڭىپ بىرىنچىلىك ئورنىنى مۇستەھكەملىدى . شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئوزمەيدانىدا 14 مەيدان ئۇدا يېڭىپ ئىتالىيە بىرلەشمىسىدە رىكوت يېڭىلىدى،مۇسابىقىدىن كىيىنكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا كونتى ماھىرلارنىڭ ئىپادىسىنى ماختاپ : «ئالدىنقى يېرىم مەيداندا ئىپادىمىز ياخشى بولغان ، لىكىن كىيىنكى يېرىم مەيداندا چارچاش سەۋەبلىك نۇرغۇن ياخشى پۇرسەتلەرنى قولدىن بېرىپ قويدۇق ( ھەپتە ئارلىقىدا دولەتلەر ئارا دوسلۇق مۇسابىقىسى ئوينالغان ) لىكىن ئەڭ ئاخىرىدا بىزيەنىلا غەلبە قىلدق »:دىدى .
كونتى يەنە رەقىبى فىلورىنسىيو كۇلۇبى ئۈستىدە توختىلىپ :ئۇلار تاقابىىل تۇرۇش ئىنتايىن تەس بىر بولغان كۈچلۈك رەقىب ،بىزنىڭ بۇھەپتە ئارلىقىدا يەنە ئۇلار بىلەن تېپىدىغان ئىككى مەيدان ئۇيۇشما لوڭقىسى مۇسابىقىمىز بار ، يۇۋېنتىس كۇلۇبى رەقىبىنى ھەرگىز بوش چاغلىمايدۇ .
ئاخىرىدا كونتى بىرلەشمە ئۈستىدە توختىلىپ : بىزنىڭ يەنە 11 مەيدان مۇسابىقىمىز بار ،بىراق بىز %50 چىمپىيون بۇلۇپ بولدۇق ،بىز چۇقۇم ھازىرقى تۇراقلىق ئىپادىمىزنى داۋاملىق ئالغا قاراپ ماڭىمىز .
مەنبە: سىنا تورى |
|