- تىزىملاتقان
- 2013-5-31
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-3-13
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 1436
- نادىر
- 1
- يازما
- 1436
|
بىرازىلىيە كوماندىسىنىڭ كىيىمنى كەيگەن نېيمار ئۆزىنىڭ قالتىس ئىپادىسى بىلەن جەنۇبى ئامرىكا بىلەن بولغان مۇسابىقىدە قالپاق كېيدى ، ئەمما بارسىلونادا پۇتبول مەيدانىدا نېيمارنىڭ سايىسىنىمۇ تاپماق تەس بولۇپ كېتىپ بارىدۇ . بىرازىلىيەنىڭ قۇياشى بارسىلونادا ئۆچۈپ قالامدىغاندۇ دەپ مەستانىلەر ئەنسىرەشكە باشلىدى.
بالادولىد بىلەن بولغان مۇسابىقىدە نېيمارنىڭ ئىپادىسى مەستانىلەرنى ناھايىتى ئۈمۈدسىزلەندۈردى ، تىرىنىر مارتىنومۇ نارازى بولۇپ 61مىنۇتتا ئۇنى تېللوغا ئالماشتۇرۋەتكەن ..
سېلىشتۇردىغان بولساق نېيمار سانتوسدا بىرلەشمىدە توپ ئۇرۇش ئۈنۈمى 0.52گە يەتكەن ، بىرازىلىيە دۆلەت كوماندىسىدا 0.63گە يەتكەن ، ئەمما ئۇ بارسىلونادا 20مەيدان بىرلەشمە مۇسابىقىسىدە ئاران 7توپ ئۇرغان ، توپ ئۇرۇش ئۈنۈمى ئېچىنىشلىق 0.35بولغان ، بۇنداق توپ ئۇرۇش ئۈنۈمى ھېچكىمنى خۇش قىلمايدۇ ئەلۋەتتە . سەبدىشى پىردرونىڭ 13 سانچىسنىڭ 16توپ بولۇپ كوماندا ئېچىدىكى ئەڭ كۆپ توپنى ئۇرغان ، ئۈچىنجى ئورۇندىكىسى فابرىگاس بولۇپ 8توپ ئۇرغان . بەلكىم ئىپادىسى تۆۋەن بولۇۋاتقان نېيمارغا قارىغاندا سانچىس ئاساسلىق ئەزا ئورنىغا ئىگە بولۇشى مۇۋاپىق بولۇشى مۇمكىن .
بۇ يىل دۇنيا لوڭقىسى ئېلىپ بېرىلىدۇ ، ھەربىر توپچى يارلىنىش ، قاتتىق ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇش ،ئىپادىىسى تۆۋەنلەپ كىتىشتىن تولىمۇ ئەنسىرەيدۇ . نېيمار ئۆزىنى كورسەتمەكچى بولىدىكەن چوقۇم مىسسى ، كىرىستيانلارغا ئوخشاش كۇلۇبدا ئۆزىنى ئىسپاتلىشىى كىرەك. يەنى نېيمار بارسىلونادا بىرازىلىيە دۆلەت كوماندىسىغا ئوخشاش ئۆزىنىڭ قالتىس ئىپادىسىنى كۆرسىتىشى كىرەك . بۇ نېيمارنىڭ بارسىلونانىڭ خەجلىگەن 100مىليونىغا يارايدىغان ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈشتىكى بىردىنبىر يول .
|
|