پۇتبول كۇلۇبى

نىيە ۋاسكىتبول كۇلۇبى
كۆرۈش: 3836|ئىنكاس: 71

پۇتبول دۇنياسىدىكى داڭلىقلار نەگە كەتتى؟

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   c.ronaldo77 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-3-8 21:34  


پۇتبول دۇنياسىدا نۇرغۇنلىغان ئىسسىق-سوغوقلارنى بېشىدىن ئۆتكۈزۈپ مەستانىلەر قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالغان، ئاجايىپ ماھارەتلىرى بىلەن ئۇلارغا ئۇنتۇلغۇسىز ئەسلىملەرنى قالدۇرۇپ كەتكەن نۇرغۇن داڭلىقلار ھازىر يېشىل چىملىق ئۇستىدە ئەمەس. ئۇنداقتا ئۇلار نەگە كەتتى؟ بۇ سۇئالغا بىز تىزگىنسز ۋاقىتنىڭ ئالدىدا سۈكۈت قىلىشقا مەجبۇرمىز.

9MKALJRS00D80005.jpg


گەرچە زىدانىنىڭ ئاشۇ بىر كاللىسى سەۋەپلىك فىرانسيەلىكلەرنىڭ نۇرغۇنلىغان شېرىن چۈشلىرى بەربات بولغان بولسىمۇ لېكىن ئۇلار مەڭگۇ ئۇنىڭدىن پەخىرلىنىدۇ. فىرانسىيە زوڭتۇڭىمۇ ئۇنى مۇسابىقىدىن كېيىن مۇكاپاتلىغان. بۇ مۇكاپات ئۇنىڭ چېمپيون بولالمىغىنىغا تەسەللى ئۈچۈن ئەمەس. ئۆز دۆلىتىنىڭ غورورىنى قوغىدىغىنى ئۈچۈن ئىدى. گەرچە ئىتالىيە كوماندىسى شۇ سەۋەپلى چېمپيون بولغان بولسىمۇ نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ قەلبىدىكى ھەقىقى چېمپيون يەنىلا فىرانسىيە كوماندىسىى. بۇ چىراي ھازىر كىشلەرنىڭ نەزىرىدىن يىراققا كىتەلمىدى. چۈنكى ئۇ ھېلھەم پۇتبول ئۈچۈن تەر ئاققۇزماقتا.

ber.jpg


ئۇنىڭ بۇ ھەرىكىتى ئاللىقاچان ھەيكەل قىلىپ قاتۇرىلدى. ئۇنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى ئاشۇ ئالاھىدە تېخنىكىللىرى ھازىرقى توپچىلارنىڭ ھېچقايسىسىدىن قېلىشمايدۇ. ئۇنىڭ دۆلەت كوماندسىدا ئۇرغان ئاشۇ بىر توپى دائىم كىشىلەر تەرىپدىن ئەسلىنىپ تۇرماقتا. ئارسىناللىقلار ئۇنى ھېلىھەم ئۆز بالىسدەك كۆرۈىدۇ. بىراق ئۇلار ئۇنى پەقەت مەيدان سىرتىدىلا كۆرۈشكە مەجبۇر. ئۇنىڭ ئاجايىپ ماھارەتلىرى كەلمەسكە كەتتى.

9MKALPLI00D80005.jpg


مىلان كوماندىسىنى مەسخىرە قىلىۋاتقانلار مانا موشۇ ماھىرلارنىڭ ئەينى ۋاقىتتا پۇتۇن ياۋرۇپانى سورىغانلىقىنى بىلمەيدۇ. بۇلار ئەينى ۋاقىتتا خۇددى ھازىرقى رونالدو بىلەن مىسسىدەك مۇداپىيەچىلەرنىڭ قارا چۈشى ئىدى. مىلاننىڭ ئاجايىپ شانلىق دەۋىرلىرىنى يازغان بۇ توپچىلار پەقەت ئۆزىنىڭ تىرىشچانلىقلىرى ئارقىلىقلار ھازىرقىدەك كىشىلەرنىڭ قەلبىدە ئۇنتۇلمايدىغان ئەسلىمىلەرنى يېزىپ كەتكەن. ئۇلار مەڭگۈ مىلانلىقلارنىڭ قەلبىدە.

rr.jpg


چىرايىدىن ناھايتى ئېغىر-بېسىقىلقى، تەجىربىلىكلىكى چىقىپ تۇرىدىغان بۇ توپچىچۇ؟ ئۇنىڭ ئارگېنتىنا كوماندىسى ئۈچۈن قوشقان شانلىق تۆھپىللىرى كىشىگە مارادونانى ئەسلىتىدۇ. گەرچە ئۇ ئۇنچە كۆپ ئاتاقلارغا ئېرىشمىگەن بولسىمۇ ئارگىنتنالىقلار ئۇنى ئەزەلدىن ئۇنتۇپ قالغان ئەمەس. بارسلونا، ۋېللا رېئال قاتارلىق كۇلۇبلاردا توپ تىپىپ كىشىلەرگە ناھايتى تونۇشلۇق بولۇپ كەتكەن بۇ توپچىنىمۇ ئەمدى كۆرۈشىمىز تەسكە توختايدۇ.

batistota.jpg


بۇ توپچىلارنىڭ كىملىكىنى نۇرغۇن توپ مەستانىللىرى بىلىدۇ. مارادونادىن كېيىن ئارگېنتنا كوماندسىدىنىڭ شانلىق دەۋىرلىنى داۋاملاشتۇرغان،
‹‹چىملىقتىكى شىر›› دېگەن نام ئاجايىپ ماس كەلگەن بۇ توپچىلارنىڭ كىشىلەر قەلبىدە ئوبرازى ھەرگىزمۇ مارادونادىن تۇۋەن ئەمەس.


ronaldo.jpg


بىز ئەمدى ھەرگىزمۇ بۇلارنىڭ بىرگە تۇرۇپ مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمىدا رەسىمگە چۈشىۋاتقانلىقىنى كۆرەلمەيمىز. ئوخشىمىغان كوماندىلاردا توپ تېپىپ ئالتۇن توپ ئۈچۈن رىقابەتكە چۈشكەن بۇ توپچىلار بىر-بىرىگە ھەرگىزمۇ دۈشمەن ئەمەس ئىدى. ئۇلار يەنىلا بىر-بىرى بىلەن دوست ئىدى. بۇ جەھەتتىن ھازىرقى توپچىلار ھەرگىزمۇ بۇلارغا يەتمەيدۇ.

baggio.jpg


باگگىيو .  بۇ ئىسىم پۇتبول مەستانىلىق تارىخى ئۇزۇنراق بولغان نۇرغۇن مەستانىلەرگە ناھايتى تونۇش. ئۇنىڭ ئۆمىرىدە ئۆكۈنىدىغان ئاشۇ بىر نوقتا توپى سەۋەپلىك پۇتبول دەۋىرىنىڭ ئاخىرقى ۋاقىتلىرى ئانچە كۆڭۈللۈك ئۆتمەي قالغان. بىراق بۇ قارا داغ ھەرگىزمۇ ئۇنىڭ مەستانىللىرىنىڭ ئوتتەك ئىشتياقىنى توسۇپ قالالمىدى. بۇ ‹‹ كىلىشكەن›› توپچىمىز ھەم پۇتبول دۇنياسىدا بىر رىۋايەت بولۇپ قالدى.

df.jpg


بۇ توپچىنىڭ ئاشۇ چىرايى پەقەت ناھايتى ئاز ساندىكى كىشىلەرنىڭلا ئىسىدە بولىشى مۇمكىن. بىراق بۇ ھەرگىزمۇ ئۇنىڭ شانلىق دەۋىرلىرىنىڭ بولمىغانلىقىدىن دېرەك بەرمەيدۇ. ئۇ گەرچە بىز ئويلىغان ‹‹مەشھۇر›› شەرەپلەرگە ئېرىشمىگەن بولسىمۇ ئاشۇ غەلىتە چېچى بىلەن كىچىك بۇرىتى ھېلىھەم پۇتبول دۇنياسىدىن ئۆچۇپ قالمىدى.

guti.jpg


ئاق كىيىمنى كىيپ رونالدو، زېدانى، بېكخام، كارلوس، فىگو، راھۇل، ئوۋىن قاتارلىق داڭلىق توپچىلار بىلەن بىرگە پۇت تىرەپ تۇرالىغان گۇتىمۇ كىشىلەرنىڭ ئىسىدىن كۆتۈرۈلۈپ كەتكىنى يوق. ئۇنىڭ ئالاھىدە بولغان پۇت ئاستى تېخنىكىسى يوق، ياكى سۈرىتى ئۇنچە بەك تېزمۇ ئەمەس. ۋارتارغا توپ ئۇرشىمۇ ئادەتتىكىچە. ھالبۇكى ئۇنىڭدا ئوتتۇرا مەيداننى ناھايتى ياخشى تەشكىللىيەلەيدىغان ئىقتىدار بار. بىراق بۇ ئىقتىدارلارمۇ ئەمدى ئەسلىمىگە ئايلىنىپ قالدى.

d lo.jpg


بۇ توپچىنىڭ تەرىپىنى ئارتۇق قىلىش ھاجەتسىز. ‹‹تاشقى پىلانت ئادىمى›› دېگەن نام ئۇنىڭ زادى قانچىلىك ماھارىتىن بار ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ بولغان. ھەممە توپچىلار دېگۈدەك ياكى كۇلۇبتا ئالاھىدە بولغان ئىىپادىسى بىلەن نەتىجىگە ئېرىشكەن، ياكى دۆلەت كوماندىسدىكى ئىپادىسى بىلەن ئاشۇ شەرەپلەرگە ئېرىشكەن. بىراق پەقەت موشۇ بىرازىلىيەلىكلا مەيلى كۇلۇبتا بولسۇن مەيلى دۆلەت كوماندىسىدا بولسۇن توپچىلارنىڭ ھەرقاندىقى ئېرىشىشنى ئارزۇ قىلىدىغان شەرەپلەرنىڭ ھەممىسىگە ئېرشىكەن. ئەمدىلىكتە بىز ئۇنىڭ ئاشۇ نەچچىلىگەن بېكلەرنى ئالداپ ئۇتۇپ ئۇرغان توپلىرىنى پەقەت سىنلاردىنلا كۆرەلەيمىز.

bekham.jpg


ئاجايىپ سالاپەتلىك قىياپىتگە ئۇرغان ئىختيارى توپلىرىنىڭ گۈزەللىكى قوشۇلۇپ كىشىگە تېخىمۇ جەلىپكار كۆرىنىدىغان بۇ توپچى بىزگە ئەنگىلىيە ئىسىلزادىللىرىنىڭ بەگزادىللىرىنى ئەسلىتىدۇ. بىراق ئۇ ھەرگىزمۇ ‹‹قۇرۇق سۆلەت بەگزادە›› ئەمەس. ئۇ ئەنە ئاشۇ چىرايىلق ناملارنى ئۆز تىرىشچانلىقى ۋە ھەقىقى ماھارىتىگە تايىنىپ قولغا كەلتۇرگەن. مانا ئەمدىلىكتە بىز بۇ توپچىنىمۇ پەقەت ئىلانلاردىن كۆرىۋاتىمىز.

figo.jpg


ئەگەر سىز پورتۇگالىيەدىكى شانلىق 7-نومۇرنىڭ ساھىبى پەقەت كىرستيانو رونالدو دەپ قارىغان بولسىڭىز خاتالاشقان بولىسىز. رونالدودىن ئىلگىرى يەنە بىر ماھىر ئۆزىنىڭ كۈچلۈك تەشىكىللەش ئىقتدارى بىلەن پورتۇگاللىقلارنىڭ قەلبىگە سىڭىپ كەتكەن. ئۇ بولسىمۇ دەل فىگو. توپ ئويناش ئۇسلۇبى زېدانىغا ئوخشاپ كىتىدىغان بۇ توپچى نۇرغۇن كۇلۇپلارغا ئالماشقان. ھەممە كۇلۇبلاردا دېگۈدەك ياخشى بولغان ئىپادىىسى بىلەن كۇلۇبقا ماسلىشىپ كەتكەن. ئەمدىلىكتە بىز ئۇنى پورتۇگالىيە كوماندىسىنىڭ مۇسابىقسىدىكى كۆرۈش سۇپىسىدا ئۇچرىتىۋاتىمىز.

owen.jpg


ئەڭ كىچىك يېشىدا، ئەڭ بەك چاقنىغان توپچىنى كىم دەپ ئويلايسىز؟  چوڭ رونالدو؟ كىچك رونالدو؟ پوگبا؟ خازارد؟ ھەرگىزمۇ ئۇنداق ئەمەس. ئەڭ كىچىك يېشىدا ئەڭ ياخشى ھالىتى بىلەن پۇتۇن دۇنيانى تاڭ قالدۇرغان توپچى دەل ئوۋىن. ئۇنىڭ ئېنگىلاند كوماندىسدا ئۇرغان ئاشۇ بىر توپى مەڭگۈ پۇتبول ساھەسىدىكى ئۇنتۇلماس خاتىرە بولۇپ قالغۇسى. شامالدەك تىز سۈرئتى بىلەن ئۆزىنىڭ كىچىك ئەمەسلىكىنى ھەممىگە ئىسپاتلاب بەرگەن بۇ ئېنگلاندلىقنى ئۇچرىتش ھازىر خېلىلا تەس.

henriy.jpg


ئارسىنال مەستانىللىرىنىڭ ھەقىقى قەھرىمانى، كوماندىسى جاپادا قالغان ۋاقىتلاردا ئەسلەيدىغان ئادىمى، ئېنگىلانتىكى توپ ئۇرۇش ئۇنىمى ئەڭ يۇقىرى بولغان بۇ توپچنىڭ ئىسمى ھېنرى. ئۇنى ئارسىناللىقلار ھېچقانداق توپچىغا تەڭ قىلمايدۇ. ئۇ شۇ شەرەپكە لايىق. ئۇ كوماندىسى مەيلى قيىن ئەھۋالدا قالسۇن ياكى شەرەپ قۇچسۇن تاشلاپ كەتكەن ئەمەس. بۇ جەھەتتە نۇرغۇن توپچىلارنىڭ ئۇنى ئۆلگە قىلىشى كېرەك.

maldini.jpg


كۆپ-كۆزلىرىدىن تىپىك ئىتالىيەن پۇرىقى چىقىپ تۇرىدىغان بۇ توپچى مىلاننىڭ 3-نومۇر رېۋايىتىنى يېزىپ قالدۇرغان. مىلان ئۇنىڭغا ھۆرمەت بىلدرۈش ئۈچۈن 3- نومۇرنى پىچەتلىگەن. ئۇ مىلان كوماندىسىدا بالىلىق ۋە ياشلىق دەۋىرلىرىنى ئۆتكۈزدى. مۇنداقچە ئېيتقاندا ئۇنىڭ پۇتبول ھاياتى مىلان كوماندىسىدا ئۆتتى. ئەينى ۋاقىتتا مىلاننىڭ شانلىق دەۋىرلىنى يارىتىشتا بۇ توپچىنىڭ رولى ھەرگىزمۇ شىفىچېنكودىن تۇۋەن ئەمەس ئىدى. ھازىر بىز ئۇنى ئىتاليەدە چىقىدىغان ژورنال مۇقاۋىللىرىدىلا ئۇچرىتىۋاتىمىز.

nedved.jpg


ئەمدىكىسى بولسا يۇۋېنتس قەھرىمانى، پۇتبول ئەپەندىسى نىدۋېد. ئۇنىڭ ئاشۇ ساپ-سېرىق چاچلىرى، مەيدان ئىچىدىكى تەمكىنلىكى، ئالاھىدە بولغان تەشكىللەش ئىقتدارى يۇۋېنىتس شانلىق تارىخىنىڭ سەۋەپچىسىدۇر. ئەزەلدىنلا پۇتبول ئەخلاقى ناھايتى ياخشى بولغان بۇ توپچىنى بىز ئۇچراتمىغىلى ئۇزۇن يىللار بولدى.

del pero.jpg


دېل پېيرو نېدۋىد دەۋىرىدىكى 2-قەھرىمان. يۇۋېنتس تارىخىدا ئەڭ داڭلىق كىشى ئۆتكەن دېيلسە ئۇ چوقۇم دېل پېيرو. ئۇ نۇرغۇن زەردار كۇلۇبلارغا توپ ئۇرغان. ئاجايىپ ئەپچىل توپ ئۇرۇش تېخنىكىسى، پۇرسەت تۇتۇشىنىڭ ياخشىلىقى بىلەن يۇۋېنتس مەستانىللىرىنىڭ قەلبىگە سېڭىپ كەتكەن بۇ توپچىنى بىز ئۇچراتمىغىلى بىر-نەچچە يىللا بولۇپ قالدى.

canavaro.bmp


بېكلەرنىڭ ئىچىدىن چىققان بىردىن-بىر ئالتۇن توپ ساھىبى. مۇستەھكەم پۇلات قورغان كاناۋارو. دۆلەت كوماندىسىنى باشلاپ دۇنيا لوڭقىسىدا چېمپيون بولغان. ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ يۇۋېنىتس، مادرىد قاتارلىق داڭلىق كۇلۇبلاردا ئۆز ئىزىلىرىنى قالدۇرۇپ كەتكەن بۇ توپچى ھېلھەم كىشىلەر تەرىپىدىن ئەسلىنىپ كەلمەكتە.


ۋاقىت مانا موشۇندا رەھىمسىز، ئەينى ۋاقتتىكى بالا سانلىدىغان توپچىلار مانا ئەمدىلىكتە بۇۋايغا ئايلاندى. بىز ھازىر مەستانە بولغان ئاشۇ توپچىلارمۇ ناھايتى تېزلا بوۋايغا ئايلىنىدۇ. ئۇلارمۇ ۋاقىتنىڭ ئالدىدا باش ئېگىشكە مەجبۇر. ئۇلاردىن قېپ قالدىدىغنى پەقەت مەستانىلەرنىڭ ئۇلارغا بولغان ھۆرمىتى ۋە سېغنىشىدۇر.

2014-يىلى 3-ئاينىڭ 8-كۈنى



باھالاش

قاتناشقانلار سانى 8مۇنبەر پۇلى +400 تۆھپە +1 يىغىش سەۋەبى
satuk + 50 قالتىس!
9مۇرادىل + 50 قالتىس!
قۇياش + 1 قالتىس!
مەشئەل + 50 قالتىس!
shevchenko + 50 قالتىس!
ھۇجۇمچى9 + 50 قالتىس!
بۇغدا + 50 قالتىس!
مىراس + 100 قالتىس!

باھا خاتىرىسى

ۋاقتى: 2014-3-8 21:40:00 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئارگىنتىنادىكى 8-نومۇر كىم..
ۋاقتى: 2014-3-8 21:40:57 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك ئىسىل چىقىپتۇ بۇ تىما ، نادىر تىما بۇلۇپ قالغۇسى !
ۋاقتى: 2014-3-8 21:43:40 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سەۋدايى يوللىغان ۋاقتى  2014-3-8 21:40
ئارگىنتىنادىكى 8-نومۇر كىم..

مارادونانىڭ قارا چۈشى رىكولىمي !!
ۋاقتى: 2014-3-8 21:43:56 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇلارنىڭ  ئىچىگە    رونالدىنخو  توڭكاينىمۇ  قۇشۇپ  قويغان   بولساڭلار  تىخىمۇ  ياخشى  چىقىپتىكەن  
ۋاقتى: 2014-3-8 21:44:36 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شىۋچىنكو بىلەن ئىنزاگىنىڭ ئارسىدىكىسى كىم ؟
ۋاقتى: 2014-3-8 21:45:31 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن  مۇشۇ  رونالدوغا  بەك  ئامراق  ئىدىم  ھەي   ۋاقىت دىگەن  رەھىمسىز   ھە   
ۋاقتى: 2014-3-8 21:46:28 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ozili تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-3-8 21:47  

بىكھام ،،،ئوۋىن ،،، ھىنرىلارنى سىغىندىم ،،،،

تىمىسىغا قاراپ ، بۇ قىتىملىق دۇنيا لوڭقىسىغا مۇناسىۋەتلىك تىما بولسا كىرەك دەپ پەرەز قىپتىمەن ،،،

ئىسىل چىقىپتۇ ماۋۇ تىما ،،،
ۋاقتى: 2014-3-8 21:49:43 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نېدۋېد ، بادىستۇتا ، مالدىنىلارنى كۆرۈپ كۆڭلۈم بىر قىسىملا بولۇپ قالدى .
ۋاقتى: 2014-3-8 21:50:59 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۇمشۇق يوللىغان ۋاقتى  2014-3-8 21:44
شىۋچىنكو بىلەن ئىنزاگىنىڭ ئارسىدىكىسى كىم ؟

پورتۇگالىيىلىك رويى . كوستا  !!~
ۋاقتى: 2014-3-8 21:54:24 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سەۋدايى يوللىغان ۋاقتى  2014-3-8 21:40
ئارگىنتىنادىكى 8-نومۇر كىم..

بىزنىڭ بارسىلونادىمۇ توپ تەپكەن ، ئارگېنتىنادىكى داڭلىق كىلاسسىك ئوتتۇرا مەيدان رىكولمېي !!!~ ئۇ مارادونا بىلەن چىقىشالمىغان سەۋەبلىك دۆلەت كوماندىسىنىڭ چاقىرىقىنى رەت قىلغان . شۇنىڭدىن تارتىپ بوكا ياشلار كوماندىسىدا ئويناپ كېلىۋاتىدۇ . بۇرۇنقى سۇ ئاستى كېمىسى ۋېللارىئالنىڭ يادروسى ئىدى . زىدانىدىن قېلىشقۇچىلىك يوق ئوتتۇرا مەيدان ئىدى ، پۇتىدىن زادىلا توپ قاچمايىتتى ...
ۋاقتى: 2014-3-8 21:55:26 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نۇرغۇن ئىسىل مۇسابىقىللىرى ئارقىلىق كۈرۈرمەنلىرنىڭ قەلبىدىن ئۇرۇن ئالغانلار
رائولمۇ چىكىنسە چۇقۇم بۇ سەپكە قۇشۇلۇپ كىتىدۇ
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|قاماقخانا|يانفون نۇسخىسى|رەسىمسىز نۇسخا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

GMT+8, 2014-8-2 17:49 , Processed in 0.256910 second(s), 26 queries .

Powered by Discuz! X3.1(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش