ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 1137 |
تۆھپىسى: سەر |
|

اڭيى تەنتەربىيىسى 8-مارت خەۋىرى،
شۇ يەر ۋاقتى 7-مارت ،خەلقئارا پۇتبول بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى بىلاتېر گېرمانىيىدە (تەنتەربىيە ھەرىكىتىنىڭ جەمئىيەتتىكى مەسئۇلىيىتى) تېمىسىدىكى لېكىسيىە سۆزلەش پائالىيىتىگە قاتناشتى ھەم گېرمانىيە ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى، زىيارەت جەريانىدا بىلاتېر ئۆزىنىڭ نۇقتا توپ تېپىش ئارقىلىق يېڭىش-يېڭىلىىشنى بەلگىلەش تۈزۈمىگە قارشى ئىكەنلىكىنى، لېكىن تاكى ھازىرغىچە ئۇنىڭ ئورنىغا سەپلىگىدەك مۇۋاپىق تۈزۈم تاپالمىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۇ مۇنداق دەيدۇ: نۇقتا توپ تېپىش ئارقىلىق غەلبە قىلغۇچىنى بېكىتىش پەقەت كىشلەرنىڭ تېلىۋېزور كۆرۈش نىسبىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشكىلا پايدىلىق، چۈنكى بۇ ئۇلارنى ھاياجانغا سالىدۇ، لېكىن توپچىلار تەرەپتە تۇرۇپ ئويلىغاندا بۇ ئادالەتسىزلىك، چۈنكى بۇنىڭ تەلەيگە تايىنىپ لاتارىيە مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن بىلەن ھېچ پەرقى يوق، بۇمۇ ھەم تەنتەربىيە ھەرىكىتىنىڭ ئەزەلدىن تەكىتلەپ كېلىۋاتقان (ئادىل رىقابەتلىشىش روھى)غا خىلاپ، شۇڭا مەن بۇ خىل ئۇسۇلدا يېڭىش-يېڭىلىنىشنى بەلگىلەشنى ئاقىلانىلىق دەپ قارىمايمەن.
مۇشۇ ھەپتىدە ئېلىپ ېېرىلغان دۆلەتلەر ئارا دوسىتلۇق مۇسابىقىسدە گېرمانىيە كوماندىسىنىڭ ئىپادىسىنىڭ دېگەندەك ياخشى بولمىغانلىقىدىن نارازى بولغان گېرمانىيە توپ مەستانىلىرى توغرۇلۇق توختۇلۇپ ئۇ مۇنداق دېدى: گەرچە گېرمانىيە كوماندىسىنىڭ ئىپادىسى دېگەندەك ياخشى بولمىغان بولسىمۇ لېكىن يەنىلا ئاخىرقى غەلبىنى قولغا كەلتۈردى، دېمەك، گېرمانىيە كوماندىسى مۇشۇ خىل ھالەتتە تۇرۇپمۇ غەلبىنى ساقلاپ قالالىدى، بۇ ئۇلارنىڭ ئىلگىرىلىگەنلىكىنىڭ ئالامىتى، شۇڭا توپ مەستانىلىرى بۇنچە ئۈمىدسىزلەنمىسىمۇ بولىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە چىلى كوماندىسىنىڭ ئەملىي كۈچىمۇ بىر قەدەر يۇقىرى، يەنە كېلىپ دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسى باشلىنىشقا يەنە 96 كۈن بار، بۇ ۋاقىت ئۇلارنىڭ تېخىمۇ پۇختا تەييارلىق قىلىۋېلىشىغا تامامەن يېتىدۇ.
دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسىگە ئاز قالغان مۇشۇ پەيىتلەردە، بىرازىلىيە دۆلەت ئىچىدە كۆپ قىسىم خەلق ئاممىسىنىڭ بىرازىلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ نۇرغۇن مەبلەغ چىقىرىپ دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسى ئۆتكۈزىشىگە بولغان قارشىلىقىنىڭ كۈندىن-كۈنگە ئەۋج ئېلىشى شۇنداقلا بىر قىسىم توپ مەيدانلىرىنىڭ تېخىچە قۇرۇلۇش پۈتتۈرمىگەنلىكى توغرسىدا بىلاتېر مۇنداق ئىپادە بىلدۈردى: مەسلە ھەقىقەتەن مەۋجۇت، لېكىن ھەممىسى بىزنىڭ كونتىرول قىلالايدىغان دائىرىمىز ئىچىدە، بىرازىلىيە چوقۇم چىن كۆڭلىدىن بۇ قېتىملىق دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسىنى غەلبىلىك ئۆتكۈزۈشنى ئارزۇ قىلىدۇ، بىرازىلىيە خەلقىنىڭمۇ ۋاقتى كەلگەندە ھەر جايدىن كەلگەن توپ مەستانىلىرىنى كەڭ قۇچاق ئېچىپ كۈتىۋالىدىغانلىقىغا ئىشنىمەن، چۈنكى بىرازىلىيە خەلقى ئەزەلدىن پۇتبولخۇمار، مېھماندوست خەلق. 1950-يىلى بىرازىلىيە تۇنجى قېتىم دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسى ئۆتكۈزگەن، لېكىن ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە ئۇرۇگۋاي كوماندىسىغا ئۇتتۇرۇپ قويغان ئىدى، بۇ قېتىم بولسا ئۇلارنىڭ 64 يىلدىن كېيىن يەنە بىر قېتىم ئۆز مەيدانىدا لوڭقىغا ئېرىشىشتىكى مۇھىم پۇرسىتى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. كىلىمات مەسلىسگە كەلسەك بۇ ھەر بىر قېتىملىق دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسى ئىزچىل دۇچ كېلىۋاتقان قىيىن مەسلە، لېكىن مېنىڭچە كەسپي توپچىلار ھەر خىل كىلىماتتا توپ تېپىشكە كۆنگەن بولۇشى كېرەك، ئەلۋەتتە بىزمۇ بۇ توغرۇلۇق ئۇلارغا ياخشى شارائىت ھازىرلاشقا تىرىشىمىز.
1998-يىلىدىن بۇيان ئۇدا 4 قېتىم خەلقئارا پۇتبول بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسلىكىگە سايلىنىپ كېلىۋاتقان بىلاتېر ئۆزىنىڭ 2015-يىلى يەنە سايلامغا قانتىشىدىغانلىقى بىلدۈرۈپ مۇنداق دەيدۇ: خەلقئارا پۇتبول بىرلەشمىسىدىكى نۇرغۇن ئەزالار مېنىڭ داۋاملىق سايلىنىشمنى ئۈمۈت قىلماقتا، ئەلۋەتتە مەنمۇ ئۇلارنىڭ ئۈمىدىنى يەردە قويۇشنى خالىمايمەن، گەرچە 78 ياشقا كىرىپ قالغان بولساممۇ لېكىن داۋاملىق خىزمەت قىلىشقا سالامەتلىكىم تامامەن يار بېرىدۇ دەپ ئويلايمەن.
2022-يىلى قاتاردا ئۆتكۈزىلىدىغان دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسىنىڭ مەيدان ئەسلىھەلىرىنى ياساش قۇرۇلۇش ئېلىپ بېرىلغاندىن بۇيان نۇرغۇن قۇرۇلۇش ئىشچىلىرىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلىشى (كىشلىك ھوقۇق تەشكىلاتى)نىڭ غەزىپىنى قوزغىدى، ئۇلار بۇ قېتىملىق لېكسىيە پائالىيىتى ئېلىپ بېرىلشنىڭ ئالدىدا (قاتاردىكى ئىشچىلار ھاياتىدىن ئايرىلماقتا، لېكىن مال-دۇنيا سىلەرنىڭ كۆزۈڭلارنى ئېتىپ قويدى، بۇلارنى كۆرۈپ تۇرۇپ كۆرمەسكە سالدىڭلار، خەلقئارا پۇتبول بىرلەشمىسىنىڭ قارا گۇرۇھ تەشكىلاتى بىلەن ھېچ پەرقى يوق) دېگەن خەت يېزىلغان پىلاكاتلارنى كۆتۈرۈپ مەيدان سىرتىدا نامايىش قىلغان، بۇ توغرىسىدا بىلاتېر مۇنداق دەيدۇ: قاتاردا يۈز بەرگەن بۇ ۋەقەلەر ھەقىقەتەن كىشلىك ھوقۇق تەشكىلاتىنىڭ پىرىنسىپىغا ئۇيغۇن كەلمەيدۇ، بىزمۇ بۇ مەسئۇلىيەتىنى ئۆز ئۈستىمىزگە ئېلىشقا تىرىشىمىز شۇنداقلا ھەل قىلىش ئۇسۇلى ئۈستىدە ئىزدىنىمىز. لېكىن خەلقئارا پۇتبول بىرلەشمىسى پەقەت بىر تەنتەربىيە تەشكىلاتى خالاس، بىز قۇرۇلۇش كارخانىلىرىغا ۋاكالىتەن ئىشچىلارغا مۇئاش ۋە تەمىنات بېرەلمەيمىز، بۇ بىزنىڭ مەسئۇلىيەت دائىرىمىز ئىچىدە ئەمەس. |
|