akyipakelan roni : 13999092457
كۆرۈش: 776|ئىنكاس: 10

تۇرپان بىرلەشمىسىنىڭ 2 – ئايلانما خەۋىرى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئاتەش تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-3-4 17:45  


تۇرپان بىرلەشمىسىنىڭ 2 – ئايلانما مۇسابىقىسى 2 – مارت، تۇرپان ۋىلايەتلىك تەجرىبە ئوتتۇرا مەكتەپ پۇتبول مەيدانىدا ئېلىپ بېرىلدى. چۈشتىن بۇرۇن مەكتەپنىڭ پائالىيىتى بولغاچقا، شۇ كۈنىدىكى تۆت مەيدان مۇسابىقىنىڭ ھەممىسى چۈشتىن كېيىنگە ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، ئۈرۈمچى ۋاقتى 1:00 دە مۇسابىقە رەسمىي باشلاندى.

تۇنجى مەيداندا قاڭقىل كوماندىسى بىلەن سەرناز كوماندىسى ئۇچراشتى.(1:1)


قاڭقىل كوماندىسى

قاڭقىل كوماندىسى بىرلەشمىدىكى سەردار كوماندىلارنىڭ بىرى بولغاچقا، ھەرقانداق رەقىب كوماندا ئېھتىيات بىلەن ئوينايتتى.


سەرناز كوماندىسى

بۇ مەيدان مۇسابىقىدىكى يورۇق نۇقتا شۇ بولدىكى سەرناز كوماندىسى ئىنتايىن ئۇستىلىق بىلەن تاكتىكا جېڭى قىلدى. ھەربىر ئورۇنغا قويغان ئادىمى ئۆزىنىڭ ئالاھىدىلىكى بويىچە تەڭشىلىپ،  مۇسابىقە جەريانىدا قىلچىمۇ پاسسىپ ئورۇنغا چۈشۈپ قالمىدى. كوماندىنىڭ كاپىتانى خالمۇرات ئىختىيارى توپ پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ، بىر  توپ ئۇرىۋالغان بولسىمۇ سەرناز كوماندىسى قىلچىمۇ بوشاشمىدى. كېيىنكى يېرىم مەيداندا بىر توپ قايتۇرىۋېلىپ نەتىجىنى تەڭلەشتۈرىۋالدى. ئەمەلىي كۈچ جەھەتتە سەرناز كوماندىسىدىن يۇقىرى ئورۇندا تۇرىدىغان قاڭقىل كوماندىسى بىر نومۇرنى قولغا كەلتۈرگەن بولسىمۇ بۇ قېتىم ئۇلارنى مەغلۇپ بولدى دېيىشكە بولىدۇ، چۈنكى ئۇلار ئېلىشقا تېگىشلىك بولغان ئۈچ نومۇرنى ئالالمىدى. مۇسابىقە جەريانىدىمۇ ۋاي دېگۈدەك چىرايلىق پۇرسەت يارىتالمىدى. دېمەك ئۇلار سەرناز كوماندىسىنىڭ ئۆزىنى چۆچۈتۈپ قويغىنىغا رەھمەت ئېيتىپ، توغرا بولغان روھى ھالەت تىكلەپ، كەيپىياتىنى مۇقىملاشتۇرمىسا ئەھۋالى خەتەرلىك بولۇپ قالىدۇ.

ئىككىنچى مەيداندا ئەلقىيا كوماندىسى بىلەن كارۋانچى كوماندىسى ئۇچراشتى (3:0)


كارۋانچى كوماندىسى

بۇ مەيدان مۇسابىقىدە ئەلقىيا كوماندىسىنىڭ ئوتتۇرا مەيدان تەشكىللىگۈچىسى ئەلقەمجان (چوڭ) ۋەزىيەتنى قاتتىق كونترول قىلدى، توپ كۆپىنچە ھاللاردا ئەلقىيا كوماندىسىنىڭ پۇت ئاستىدا بولدى، بىراق كارۋانچى كوماندىسى مۇداپىئەنى ئاساس قىلىپ قايتۇرما ھۇجۇم قىلدى. نەتىجىدە ئەلقىيا كوماندىسى ئالدىنقى يېرىم مەيداندا ئىككى توپ، كېيىنكى يېرىم مەيداندا بىر توپ كەتكۈزۈپ 3:0 نەتىجە بىلەن كارۋانچى كوماندىسىغا ئۇتتۇرۇپ قويدى.

ئۈچىنچى مەيداندا ئىتتىپاق كوماندىسى 0:2 نەتىجە بىلەن 2- ئوتتۇرا كوماندىسىنى يەڭدى


ئىتتىپاق كوماندىسى


2 - ئوتتۇرا كوماندىسى

مۇسابىقە نورمال ئېلىپ بېرىلدى. نەتىجە پەرىزىمىزدىن كۆپ يىراق ئەمەس.

تۆتىنچى مەيداندا فارخان كوماندىسى 0:6 نەتىجە بىلەن ياشلار بىرلەشمىسىنى يەڭدى


فارخان كوماندىسى


ياشلار بىرلەشمىسى كوماندىسى

پۈتۈنلەي تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىدىن تەشكىللەنگەن فارخان كوماندىسى گەرچە تۇنجى قېتىم بىرلەشمىگە قاتناشقان بولسىمۇ، بىراق ئىپادىسى ياخشى بولدى. ئالدىنقى ئايلانمىدا ئەلقىياغا ئۇتتۇرىۋەتكەن بولسىمۇ، لېكىن بۇ مەيداندا ئالدىنقى ئايلانمىدىكى مەغلۇبىيەتنى پۈتۈنلەي چۆرۈپ تاشلاپ يېڭىچە قىياپەتتە يۇقىرى نومۇر پەرقى بىلەن رەقىبىنى مەغلۇپ قىلىپ، ئۆزلىرىنى كۆرسىتىپ قويدى.





تەھلىل: بۇ ئايلانما مۇسابىقە ئەھۋالىدىن قارىغاندا سەردار كوماندىلاردا سەل قاراش خاھىشى ئېغىر. لېكىن يېڭىدىن قۇرۇلغان ياكى ئەمەلىي كۈچى سەل ئاجىز كوماندىلاردا تاكتىكا ئورۇنلاشتۇرۇش، ئادەم ئىشلىتىش جەھەتتە ئىلگىرلەش زور.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-3-4 18:50:06 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئالغا شىنجاڭ ئۇيغۇر يىگىتلىرى
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-3-4 18:52:03 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇيغۇرلا يولوڭلا ئوچۇق بولسۇن
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-3-4 19:23:23 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاۋۇ ياشلار كوماندىسىدا خەن يولدشلامۇ بامۇ نىمە
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-3-4 21:22:44 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەي  شىنجاڭدا  پۇتبول  مۇشۇ  پېتى  تەرەققى  قىلسا  كىيىنچە  پۇتبولچىلىرىمىز  خېلى  نام چىقىرىپ  قالامدۇ  تېخى
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-3-4 21:41:22 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىز  ئوينغان  مەيدان  شۇكەن  
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-3-4 22:51:46 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۇرپان بىرلەشمىسىگە ئۇتۇق تىلەيمەن
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-3-4 23:57:31 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
CR7 يوللىغان ۋاقتى  2014-3-4 21:41
بىز  ئوينغان  مەيدان  شۇكەن

ئاداش فارخان كوماندىسدا بىز بىلەن ئوينىغان تۇرپاننىڭ باللىرى باكەن
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-3-5 00:06:27 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قەشقەرىي يوللىغان ۋاقتى  2014-3-4 23:57
ئاداش فارخان كوماندىسدا بىز بىلەن ئوينىغان تۇرپاننىڭ ...

ھە  ھىلقى  دۇيجىڭى  تۇرامدۇ   
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-3-6 00:55:39 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۇرپاننىڭ سەردارى ئەلقىيا كوماندىسى يوققۇ بۇ يادە؟  قانداق  نامەرد نىڭ قىلغان ىشىدۇ بۇ ؟
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-3-6 16:52:32 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
583Akramjan يوللىغان ۋاقتى  2014-3-6 00:55
تۇرپاننىڭ سەردارى ئەلقىيا كوماندىسى يوققۇ بۇ يادە؟  قا ...

ھاھاھاھا... ئالدىنقى ھەپتە سىلەرنىڭ كوماندىنى رەسىمگە تارتالمىغان.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-4-25 11:23

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش