ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 150 |
جۇغلانمىسى: 2356 |
تۆھپىسى: سەر |
|
ياۋرۇپا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسىنىڭ بۇ پەسىلدىكى ياۋرۇپا ئالتۇن كەش مۇكاپاتىغا ئىرىشكۈچىنىڭ قائىدىسىگە ئاساسەن، ئەڭ يىڭى بىر مەزگىل ئىچىدىكى 10 نەپەر مەرگەن ئىچىدە ئىنگىلاند دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسى زەردارى لىۋىرپول كۇلۇبىنىڭ قاتىل ھۇجۇمچىسى سۇئارىز 1-ئۇرۇنغا تىزىلغان! ئالدىنقى نۆۋەتلىك ئالتۇن كەش ساھىبى مىسسى ئالدىنقى ھەپتە ئاخىرىدىكى ئۇرغان تۇپىغا تايىنىپ ئالدىنقى 10 نامزات ئىچىگە كىرگەن.
5 ئايلانما مۇسابىقىدە توپ ئۇرالمىغاندىن كىيىنكى جەنۇبى ئامپىتۇن بىلەن بولغان مۇسابىقىدە توپ ئۇرغان سۇئارىز ئۈزىنىڭ قايتىپ كەلگەنلىكىنى جاكارلىدى. سۇئارىز بۇ پەسىل پەسىل بېشىدا مۇسابىقىدىن توختىتىلغان بولسىمۇ، مۇسابىقە مەيدانىغا قايتىپ كەلگەندىن كىيىن ئۈزىنىڭ دەرىجىدىن تاشقىرى قالتىس ئىپادىسىنى نامايەن قىلدى. 12-ئاي ئىچىدىكى بىرلەشمە مۇسابىقىدىلا 10 توپ ئۇرۇدى. ئىلگىرى بۇنداق يۇقىرى نەتىجە ئەزەلدىن كۈرۈلۈپ باقمىغان. ( ئىنگىلاند بىرلەشمىسى ئوخشايدۇ. 2011-2012 مۇسابىقە پەسلىدە كىرىستىيانو رونالدو ئەڭ ئاخىرقى 4 مەيدان بىرلەشمە مۇسابىقىدە 11 توپ ئۇرغان ) سۇئارىز ھازىرغىچە بولغان مۇسابىقىلەردە 23 مەيدان مۇسابىقىگە قاتنىشىپ 24 توپ ئۇرغان. 1 توپ ئۈستۈنلۈك بىلەن 1-ئۇرۇنغا تىزىلغان.
2-ئۇرۇنغا تىزىلغىنى بوناۋۇ شاھزادىسى كىرىستىيانو رونالدو. رونالدونىڭ توپ ئۇرۇش ئۈنىمى ھەقىقەتەن ئادەمنى ھەيران قالدۇرىدۇ. 22 مەيدان بىرلەشمە مۇسابىقىگە قاتنىشىپ 23 توپ ئۇرغان. ھەپتە ئاخىرىدىكى مادرىد دىرىبىسىدا ئاخىرقى توپنى ئۇرۇپ 1 نۇمۇر ئېلىشقا كۈچ قوشقان.
رەت-تەرتىپتە 3- ۋە 4- ئۇرۇنغا تىزىلغىنى بولسا ئايرىم-ئايرىم ھالدە دىئېگو كوستا ۋە سىتورىچ. كوستا بىرلەشمىدە 21 توپ ئۇرغان. سىتورىچ بولسا 18 توپ ئۇرغان. تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى سىتورىچ ئۇدا 8 مەيدان بىرلەشمە مۇسابىقىدە توپ ئۇرغان. ئۇرغان توپ سانى بۇيىچە ھىساپلىغاندا گوللاندىيە بىرلەشمىسىدىكى خېرۇنۋېن كۇلۇبى ھۇجۇمچىسى ئالفىرىد فىنبوگاسون ( Alfred Finnbogason ) ۋە پارىژ سان ژىرمان ھۇجۇمچىسى ئىبراھىموۋىچلار ئالدىنقى 3ئۇرۇنغا تىزىلىشى كىرەك. بىراق بىرلەشمە دەرىجىسى ۋە ئېرىشىدىغان نۇمۇرى ئوخشاش بولمىغاچقا ھەر ئىككىسى 5-ئۇرۇنغا تىزىلغان.
ئۇنىڭدىن باشقا ھەپتە ئاخىرىدىكى ئارمىلىيا بىلەن بولغان مۇسابىقىدە مىسسى توپ ئۇرۇپ بىرلەشمىدىكى توپ سانى 15 كە يەتكەن. ئۇنىڭدىن باشقا ئاگۈيرو ۋە لەيۋەندوۋىسكىلارمۇ ئالدىنقى 10 نامزات ئىچىگە كىرگەن.
|
|