akyipakelan roni : 13999092457
كۆرۈش: 1397|ئىنكاس: 26

خۇبېي خۇاكەيئېر2مىليوندىن ئارتۇق مائاشنى تارقاتمىغان

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   باھادىر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-3-4 00:00  

     


     گەرچە خۇبېي خۇاكەيئېر كۇلۇبى رەسمىي ھالدا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئىچىپ، كۇلۇب ئىسمىنىڭ شىنجاڭ تەڭرىتاغ يىلپىزى پۇتبول كوماندىسىغا ئۆزگەرتىلگەنلىكىنى ھەمدە 2014-يىللىق جۇڭگو ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسىگە قاتنىشىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان بولسىمۇ، خۇاكەيئېر كوماندا ئەزالىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، خۇاكەيئېر تەرەپ كوماندا ئەزالىرىنىڭ 2012-يىلىدىكى ئا دەرىجىگە ئۆرلەش مۇكاپاتىنىڭ يېرىمى ۋە 2013-يىلىدىكى بىر قىسىم مائاش ۋە مۇكاپات پۇللىرىنى تارقاتمىغان. مۇشۇ ئىشقا قارىتا، تەڭرىتاغ تورىنىڭ مۇخپىرى تۈنۈگۈن(3-ئاينىڭ2-كۈنى) كوماندا ترېنېرى لىجۈن(李军) بىلەن ئالاقىلاشتى، ئۇ مۇنداق دېدى:«كۇلۇبنىڭ مائاش تارقاتمىغانلىق ئىشى ھەقىقەتەن مەۋجۇد، كۇلۇب تەرەپمۇ بۇنى تەن ئالىدۇ، يىقىندا كۇلۇب ئىسمىنى ئۆزگەرتىش ۋە تىزىمغا ئالدۇرۇش ئىشى بىلەن ئالدىراش بولغاچقا، يېڭى كۇلۇبنىڭ خىزمەتلىرى مۇقۇملاشقاندا بۇ ئىشنى چوقۇم ھەل قىلىمىز.»


(شىنجاڭ تەڭرىتاغ يىلپىزى كوماندىسىنىڭ باش ترېنېرى: لىجۈن)

     ئىگەللىنىشىچە، 2012-يىل خۇاكەيئېر ب دەرىجىلىك بىرلەشمىگە قاتناشقاندا، كۇلۇب ئا دەرىجىلىككە ئۆرلەش مۇكاپات سوممىسىنى ئىككى مىليون قىلىپ بىكىتكەن، بىراق ھازىرغىچە يېرىمىنى ئەمەلىيلەشتۈرمىگەن. بۇندىن سىرت، يەنە بۇلتۇر ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسىدىكى قىسمەن مۇسابىقىلەرنىڭ تەڭلىشىش ۋە يېڭىش مۇكاپاتى بولۇپ جەمئىي بىر مىليوندىن ئارتۇق پۇلنىمۇ تارقاتمىغان. «توپچىلارلا ئەمەس، ترېنېرلار گورۇپپىسىنىڭ مۇكاپاتىمۇ تارقىتىلمىدى، شۇڭا بۇ بىر ئىككى ئادەمنىڭلا ئىشى ئەمەس.» لىجۈن شۇنداق دېدى. «بۇ پۇللار ھەرگىزمۇ قىچىپ كېتەلمەيدۇ.»

     شىنجاڭ تەڭرىتاغ يىلپىزى كوماندىسى 1-مارت خىنەن قۇرۇلۇش كوماندىسى مەشىق مەيدانىدا قۇرۇلۇش كوماندىسى بىلەن بىر مەيدان بەدەن قىزىتىش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزدى، نەتىجىدە 3 گە قارشى 0 نەتىجە بىلەن ئۇتتۇرىۋەتتى. بۇ يىل شىنجاڭ كوماندىسى يېڭى توپچى قوشىۋىلىشتا ناھايىتى ئاكتىپ بولدى. ئۈچ نەپەر چەت ئەللىك ئەزالار بولسا، ئۇزۇن مۇددەت جۇڭگو يۇقىرى دەرىجىلىك بىرلەشمىلەردە توپ تەپكەن كوستارىكالىق ھۇجۇمچى جونىي(Johnny Woodly Lambert)، ئۆتكەن يىلى شاڭخەي شىنخۇا كوماندىسىدا ئىپادىسى ياخشى بولغان دادىي(تولۇق ئىسمىEduardo Fernandes Pereira Gomes)، ۋە ئەسلى كوماندىدىكى ئەزا ۋىسېنتې(Vicente). دۆلەت ئىچىدىكى ئەزالاردىن، جىياڭسۇ شۈنتيەندىن ئىجارىگە قوشۇلغان بارى، شىنجىن كوماندىسىدىكى يەھيا، سەيشى(蔡曦)، شۈچىڭ(徐擎)، ليۇشۈن(刘舜) قاتارلىق ۋۇخەن كوماندىسى ئەزالىرىمۇ قوشۇلدى. «ئۆتكەن يىلىغان سېلىشتۇرغاندا ئەمەلىي كۈچىمىز خېلىلا كۈچەيدى، بىراق بىرلەشمىدە يەنىلا بىپەرۋالىق قىلساق بولمايدۇ.» باش ترېنېر لىجۈن شۇنداق دېدى.



(يەھيا، بارى، مۇستاپا ۋۇخەندە)

      بۈگۈن كوماندا ئەزالىرى ۋۇخەنگە باردى. مۇسابىقە كۈنتەرتىپىگە ئاساسەن، ئالدىنقى يەتتە ئايلانما مېھمان مەيداندا ئۆتكۈزىلىدۇ، بۇ مەزگىلدە كوماندا ۋۇخەننى ۋاقىتلىق باش شىتاب قىلىدۇ. 3-ئاينىڭ 16-كۈنى، شىنجاڭ تەڭرىتاغ يىلپىزى كوماندىسى تۇنجى ئايلانمىدا مېھمان مەيداندا دەرىجىدىن چۈشكەن كوماندا چىڭداۋ جوڭنىڭ كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىلىشىدۇ.


چەت ئەللىك ئەزا دادىي نىڭ شاڭخەي شېنخۇادىكى كىرگۈزگەن توپلىرى



مەنبە: تەڭرىتاغ تورى
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-3-3 23:53:43 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   dilmurat. تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-3-3 08:55  

چىڭداۋ جۇڭنىڭ بىلەن  تۇتۇشىپ قالسا ئۇتۇش بەك  تەس بولۇدۇ ھەر نىمە دىگەن بىلەن چىڭداۋ جۇڭنىڭ دەرىجىدىن تاشقىرىدا توپ ئويناپ باققان كوماندا
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-3-3 23:54:48 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
باش ترېنېر لىجۈن شۇنداق دېدى.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-3-3 23:54:59 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۆزىمىزنىڭ    توپچىلىرى   ئازكەن
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-3-4 00:01:38 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەزىمەتلىرىمىزنىڭ جان تىكىپ ئويناپ يۇقىرى نەتىجە يارىتىشىنى ئۈمىد قىلىمىز .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-3-4 00:01:39 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
dilmurat. يوللىغان ۋاقتى  2014-3-3 23:53
چىڭداۋ جۇڭنىڭ بىلەن  تۇتۇشىپ قالسا ئۇتۇش بەك  تەس بولۇد ...

شۇنداق، چىڭداۋ جوڭنىڭ ئا دەرىجىلىكەر بىرلەشمىسىدىكى كوماندىلار ئارىسىدا ئەمەلىي كۈچى ئەڭ كۈچلۈك ھېسابلىنىشى مۇمكىن.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-3-4 00:05:13 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇلار كۆچمەن چچارۋىچىدەك كۆچۈپلام  يۈردىكەندە!
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-3-4 00:21:13 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەقىبى كۇچلۇككەن تۇنجى مەيداندىلا بولسىغۇ ئۇتۇپلا قويسا بەسەيلىنى ،
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-3-4 00:23:23 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يىلپىز ئوۋ ئوۋلاشقا چۈشۈپ كېتىپ چاڭجىياڭ ۋادىسىدا ئاچ قالمىسا بولاتتىغۇ
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-3-4 00:24:25 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يەرگە كۆچكەندىن كىيىن توپچىلارنىڭ مۇئاشىنى تولۇقلاپ بىرىشكە ئىشەنچىڭ باردە بۇ يەردە.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-3-4 00:33:37 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-3-4 00:37:45 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
Uyhur azmatlirimiz Yahxi oynap katsa
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-4-25 15:00

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش