ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 150 |
جۇغلانمىسى: 2356 |
تۆھپىسى: سەر |
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا بۇغدا تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-3-2 14:13
مىلان-يوۋىنتىس
دىيارىمىز ۋاقتى 3-ئاينىڭ 3-كۈنى ئەتتىگەن سائەت 1:45 تە ئىتالىيە مىلان كوماندىسى ئۆز مەيدانى سان-سىرو پۇتبول مەيدانىدا يوۋىنتىس كوماندىسىنى كۈتىۋالىدۇ. بۇ ھەقىقى تۈردىكى زەردارلارنىڭ ئۇرچىشىشى بۇلۇپ ھىساپلىنىدۇ.
تارىخقا نەزەر سالىدىغان بولساق ئىككى كوماندا سان-سىرودا 78 قېتىم تۇتۇشقان بۇلۇپ، مىلان 27 قېتىم غەلبە قىلىپ، 33 قېتىم تەڭلىشىپ، 18 قېتىم مەغلۇپ بولغان. 2005-2006 مۇسابىقە پەسلىدىن ھازىرغىچە يوۋىنتىس سان-سىرودا پەقەت 1 قېتىملا غەلبىنى قولغا كەلتۈرگەن. بىراق مىلان يېقىنقى 5 مەيدان مۇسابىقىدە پەقەت 1 قېتىملا غەلبە قىلغان. بۇ پەسىل پەسىل بېشىدا يوۋىنتىس مىلان ئۇچرىشىشىدا يوۋىنتىس كوماندىسى ئۆز مەيدانىدا غەلبە قىلغان. سىدوف مىلان قامچىسىنى قولغا ئالغاندىن كىيىن مىلاننىڭ نەتىجىسى كۆرىنەرلىك ياخشىلىنىپ 6 مەيدان بىرلەشمە مۇسابىقىدە 13 نۇمۇرنى قولغا كەلتۈرگەن. شۇنداقلا 6 مەيدان مۇسابىقىدە 14 نۇمۇر قولغا كەلتۈرگەن يوۋىنتىس كوماندىسىنىڭ كەينىگىلا تىزىلغان. يېقىندا ئوينالغان 13 مەيدان بىرلەشمە مۇسابىقىدە مىلان 12 مەيداندا توپ ئۇرغان. ئۇدا 2 مەيدان ئۆز مەيدانىدا توپ كەتكۈزمىگەن. يوۋىنتىس كوماندىسى ئۇدا 38 مەيدان توپ كىرگۈزۈپ 16 مەيدان مەغلۇپ بۇلۇپ باقمىغان بولسىمۇ يېقىنقى 2 مىھمان مەيدان مۇسابىقىسىدە ئۇدا تەڭلىشىپ قالغان.
مادرىد ئاتلىتكا-خانلىق مادرىد
دىيارىمىز ۋاقتى 3-ئاينىڭ 2-كۈنى ( بۈگۈن كەچ ) سائەت 22:00 دە ئىسپانىيە كىچىك زومىگىرى مادرىد ئاتلىتكا كۇلۇبى ئۆز مەيدانىدا خانلىق مادرىد كۇلۇبىنى كۈتىۋالىدۇ. ئاتلىتكا خانلىق مادرىد مەيدانىدا 2 قېتىم غەلبىنى قولغا كەلتۈرگەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە بىرلەشمىدە 3 نۇمۇر كىيىن قالغان ئەھۋال ئاستىدا بىرلەشىدە 1-ئۇرۇندا تۇرىۋاتقان خانلىق مادرىدنى پۇتلاپ نۇمۇر جەھەتتە تەڭلىشىش ئارقىلىقلا بىرلەشمە جېڭىگە قاتنىشىش سالاھىيتىگە ئىرىشەلەيدۇ. ئۇتتۇرسا ئاساسەن ئۈمۈد ئۈزىلىدۇ. شۇڭا ئۇلارنىڭ كۈچىشى ئىنىق. ئاتلىتكىنىڭ يېقىنقى ئىپادىسى تۇلىمۇ قالتىس، ئۇلار ئۇزغۇنلۇق بىرلەشمىسىدە گۇرپىدىن بىرىنجى بۇلۇپ چىققان شۇنداقلا سان-سىرودا غەلبە قىلىپ قايتقان. ئۇلارنىڭ ئەمەلى كۈچىگە سەل قاراشقا بولمايدۇ.
مۇنبەر لاتارىيەخانىسىنىڭ ۋاقتىنچە توختاپ قېلىشى، مۇنبەرداشلارنىڭ تەلىپى بۇيىچە بۇ تاۋكا قۇرۇلدى. مۇنبەرداشلارنىڭ ئادىللىق پىرىنسىپى بۇيىچە، لەۋزىگە ھۆرمەت قىلغان ئاساستا تاۋكاغا ئىشتىراك قىلىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن. ئىسىڭىزدە بولسۇن بۇ سان سىپىرلارغا ھېچنىمىنى سېتىۋالالمايسىز، بىلىپ-بىلمەي ئۆز ئوبرازىڭىزنى خۇنۈكلەشتۈرىۋەتمەڭ!
سەمىمى ئەسكەرتىش: ئىشەنچىلىك، لەۋزىدە تۇرىدىغان، ئۆز-ئارا بىلىشىدىغانلار بىلەن تىكىشىڭلار. دەۋا سورالمايدۇ.
سىدوفنىڭ يوۋىنتىس بىلەن بولغان مۇسابىقىدىكى نادىر كۈرۈنۈشلىرى:
http://video.sina.com.cn/p/sports/seriea/v/2014-02-28/073163564065.html
|
|