ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 5460 |
تۆھپىسى: سەر |
|
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ...
2013 - 2014 - يىللىق گىرمانىيە بىرلەشمىسىنىڭ 23 - ئايلانما مۇسابىقىسى 1 - چىسلا چۈشتىن كىيىن سائەت 20:30 دە باشلاندى ، نەتىجىلەر تۆۋەندىكىچە :
بايرېن 5 - 1 شارىك04
گىرمانىيە زەردارى بايرېن ئۆزمەيدانى ئارىياندا كۈچلۈك شارىك04 كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىلەشتى . بايرېن كوماندىسى ياخشى ئىپادىسنى جارى قىلدۇرۇپ ئالابا ، روبىن ( 3 توپ ئۇردى ) ، مەنزۇلىچ لار توپ ئۇرۇپ بايرېن كوماندىسى ئۆزمەيدانىدا يۇقىرى پەرىق بىلەن غەلبە قىلدى ، شارىك04 كوماندىسىنىڭ بىر ئەزاسى قىزىل كارتا بىلەن جازالاندى ، بايرېن توپچىسى لافىينىيا ئۆزىگە بىر خائىن توپ ئۇرۇپ قويدى ، بۇنىڭ بىلەن بايرېن غەلبە قىلىپ ئۇدا ئۇتتۇرماسلىق رىكوتىنى 48 مەيدانغا يەتكۈزدى ۋە شۇنداقلا بىرلەشمە ئىككىنجى ئورۇندىكى دورتمۇند كوماندىسى بىلەن بولغان نۇمۇر پەرقى 20 نۇمۇر بولدى ...
دورتمۇند 3 - 0 نىرۇنبۇرگ
كۈچلۈك دورتمۇند كوماندىسى ئۆزمەيدانى فىستنفالىندا نىرۇنبۇرگ كوماندىسىنى كۈتىۋالدى ، 90 مىنۇتلۇق كەسكىن مۇسابىقىدىن كىيىن دورتمۇند كوماندىسى ئۆزمەيدانىدا غەلبە قىلىپ قىممەتلىك 3 نۇمۇرنى قولغا كەلتۈردى ، دورتمۇند كوماندىسىدىن خۇملىس ، لەيۋەندوۋىسكى ۋە مىكتارىيانلار توپ ئۇردى ، بۇنىڭ بىلەن دورتمۇند كوماندىسى بىرلەشمىنىڭ ئىككىنجى ئورۇنىغا چىقتى ...
لىۋىرىكسۇن 0 - 1 مايىنىز
لىۋىرىكسۇن كوماندىسى ئۆزمەيدانىدا مايىنىز كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىلەشتى ، بىرلەشمە ۋە ئۇزغۇنلۇقتا ئىپادىسى ياخشى بولىۋاتقان لىۋىرىكسۇن كوماندىسىنىڭ ئىپادىسى تۇيۇقسىزلا چىكىندى ، لىۋىرىكسۇن كوماندىسى ئۆزمەيدانىدا 0 - 1 نەتىجە بىلەن يەنە ئۇتتۇرۇپ قويۇپ قىممەتلىك 3 نۇمۇرنى يوق قىلدى ، بۇنىڭ بىلەن لىۋىرىكسۇن كوماندىسى بىرلەشمىدە ئۇدا 3 مەيدان مەغلۇب بولدى ۋە ئىككىنجىلىك ئورنىنى دورتمۇند كوماندىسىغا تارتقۇزۇپ قويدى ...
بىرلىن ھېرتا 0 - 0 فىرۇنبۇرگ
بىرانسىۋىگ 1 - 1 مىنشىنگىلادباخ
بىرمىن 1 - 0 ھامبۇرگ
ئاگسۇنبۇرگ 1 - 1 ھانۋېر96
|
|