- تىزىملاتقان
- 2012-10-1
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-3-4
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 5484
- نادىر
- 1
- يازما
- 5484
|
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم !
كىرىستىيانو رونالدونىڭ ئەينى ۋاقىتتا قانداق بۇلۇپ خانلىق مادرېدقا يۆتكەلگەنلىكىنىڭ ھەقىقى ئەھۋالى تاراتقۇلار تەرىپىدىن ئاللابۇرۇن ئاشكارىلانغان ئىدى . 2008-يىلى يازدا رونالدو ئۈزى تەشەببۇسكارلىق بىلەن كۇماندىدىن ئايرىلىشنى تەلەپ قىلغان . رونالدونىڭ قارارىنىڭ ئۆزگەرمەيدىغانلىقى مۇقىملاشقاندىن كىيىن فورگېسسىن ئۇنىڭدىن كۇماندىدا بىر يىل ئارتۇق تۇرۇشنى تەلەپ قىلغان ھەمدە 2009-يىلى قۇيۇپ بىرىدىغانلىقىنى ئېيتقان .2008-يىلى ، خانلىق مادرېدنىڭ رەئىسى بولغان كالدېرون مانچىستىر بىرلەشمىسى بىلەن 2009-يىلى رونالدونى 80مىلىيۇن فوندىستىرلىڭ باھا بىلەن سېتىۋېلىش توغرۇسىدا توختام ئىمزالىغان . بۈگۈن كالدېرون يەنەچ بىر مەخپىيەتلىكنى ئاشكارىلىغان ، ئۇنىڭ ئېيتىشىچە فورگېسسىن ئەسلىدە رونالدونى بارسىلوناغا سېتىپ بەرمەكچى بولغان ، بىراق رونالدو ئۈزى پەقەت خانلىق مادرېدقىلا قۇشۇلۇش ئارزۇسى بارلىقىنى ئېيتىپ تۇرىۋالغان ئىكەن .
كالدېرون مۇنداق دىگەن : ‹‹ بىر نەچچە ھەپتە ئىچىدە فورگېسسىن ئىزچىل رونالدونى خانلىق مارېدتىن ۋاز كىچىپ بارسىلوناغا قۇشۇلۇشقا نەسىھەت قىلغان ، ئەينى چاغدا بارسىلونامۇ رونالدونى قۇشىۋېلىشنى ئارزۇ قىلاتتى ، بىراق رونالدونىڭ پوزۇتسىيەسى ھەلقىلغۇچ رول ئوينىغان . رونالدو ئېنىق قىلىپ خانلىق مادرېدتىن باشقا ھېچقانداق كۇلۇپقا قۇشۇلمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى . ›› .
كالدېرون تۇلۇقلاپ يەنە : ‹‹ بۇ دەل بىزنىڭ نىمە ئۈچۈن توختام ئىمزىيالىغانلىقىمىزدىكى سەۋەپ . ھەممە تەرەپ خۇشال بولدى ، مانچىستىر بىرلەشمىسى 80مىلىيۇن فوندىستىرلىڭغا ئىگە بولدى ، خانلىق مادرېد بولسا دۇنيادىكى ئەڭ قالتىس توپچىغا ئىرىشتى ، رونالدومۇ ئۈزىنىڭ ئارزۇسىدىكى نەرسىگە ئىرىشتى . رونالدوغا ئوخشاش توپچىلارنىڭ ئىرىشمەكچى بولغىنى پۇللا ئەمەس ، ئۇلار تېخىمۇ كۆپ شان-شەرەپكە ئىرىشىشنى ئويلايدۇ . ئۇ چىمپىيۇنلۇققا ئىرىشىشنى ، دۇنيادىكى ئەڭ قالتىس ماھىرغا ئايلىنىشنى ، ئالتۇن ئاياغقا ئىرىشىدىغان پۇرسەتكە ئىگە بۇلۇشنى ئويلايدۇ . دۇنيادا رونالدونىڭ بۇ تەلەپلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرالايدىغاندىن ئۈچتىن بەشكىچە كۇلۇپ بار . ›› دىدى .
كالدېروننىڭ بۇگىپىنىڭ ئىشەنچىلىكلىك دەرىجىسى ئىنتايىن يۇقۇرى . خانلىق مادرېدنىڭ رونالدوغا ئىرىشىش ئۈچۈن كۈچىشى فورگېسسىن بىلەن مادرېدنىڭ مۇناسىۋىتىنىڭ يامانلىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان . فورگېسسىن بۇرۇن بىر تال ۋېروسنىمۇ خانلىق مادرېدقا سېتىپ بىرىشنى خالىمايدىغانلىقىنى ئېيىتقان . ئۇ يەنە :‹‹ رونالدو مادرېدقا بېرىپ مۇداپىيەچى بۇلامدۇ ؟ ›› دىگەن . 2008-يىلى بارسىلونا چۈش ئىككىنجى كۇماندىسى رەسمى گۇمران بولغان ، خانلىق مادرېد بولسا ئىسپانىيە بىرلەشمىسىدە ئۇدا ئىككى نۆۋەت چىمپىيۇن بۇلۇشتەك يۇقۇرى پەللىدە تۇرغان مەزگىل ئىدى .ئەگەر رونالدو مادرېدقا بارسا ئۇنداقتا خانلىق مادرېد مانچىستىر بىرلەشمىسىنىڭ ئۇزغۇنلۇقتىكى ئەڭ كۈچلۈك رەقىبىگە ئايلىناتتى . ئەگەر فورگېسسىن رونالدونى بارسىلوناغا سېتىپ بەرسە قايتا قۇرۇش مەزگىلىدىكى بارسىلونانىڭ كىيىنكى تەقدىرى تېخى ئايدىڭ ئەمەس ئىدى .
رونالدو ئۈزى خانلىق مادرېدنى تاللىغان ، بۇ مۇتلەق توغرا بولغان تاللاش . بىرىنجىدىن ئۇ كىچىكىدىنلا خانلىق مادرېدنىڭ بىر ئەزاسى بۇلۇشنى ئارزۇ قىلاتتى ، ئۇنىڭ تاللىشى ئۈزىنىڭ كىچىكىدىكى ئارزۇسىنى رىئالىققا ئايلاندۇردى . ئىككىنجىدىن بىر تاغقا ئىككى يولۋاس پاتمايدۇ دەيدىغان گەپ بار .
مەنبە : http://sports.163.com/14/0301/07 ... #p=8P32AEPS00DE0005 |
|