بۇ يازمىنى ئاخىرىدا بېرنابۇ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-2-28 19:15
★★★★★★★★★★★★★★★★★★★★★★★★★★★★★★★
(ناخشا قويۇڭ)
تېراگىدىيلىك قەھىرمان ــــ كوكسىس
«مەن قېرىپ ساقاللىرىم ئاقىرىپ كەتكەن تەقدىردىمۇ، ھامان كوكسىسنى ئۇنتۇيالمايمەن.»
ـــــــ 1954-يىللىق دۇنيا لوڭقىسىدىكى ئۇرۇگىۋاي ۋاراتارى ماسسىپۇل
كوكسىس ھازىرقى زامان پۇتبول تارىخىدىكى كاللا توپقا ئەڭ ماھىر ھۇجۇمچى بولۇشى مۇمكىن، ئۇ 1950-يىللىرىدىكى پۇتبول سەھنىسىنىڭ زومىگىرى ۋېنگىرىيە دۆلەت كوماندىسىنىڭ ئەڭ مۇھىم ئەزاسى شۇنداقلا ۋەكىل خارەكتىرلىك توپچىسى. 1954-يىللىق دۇنيا لوڭقىسىدا پەقەت 5 مەيدانلا مۇسابىقە ئويناپ 11 توپ كىرگۈزىشتەك تارىخى رېكورتنى يارىتىپ «ئالتۇن ئاياق» مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ۋە دۇنياۋى خارەكتىرلىك شۆھرەت قازانغان.
لىللا گەپ قىلساق، ئۇنىڭ بەدەن سۈپىتىنى ئېلىپ ئېيتقاندا ھۇجۇمچى ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان كوكسىسنىڭ بويى ئۇنچە ئېگىز ئەمەس، بەدىنىمۇ ئۇنچە قاۋۇل دەپ كەتكىلى بولمايدۇ، شۇنداقتىمۇ ئۇنىڭدىكى ياخشى بولغان ئالدىن قىياس قىلىش ئىقتىدارى ۋە كۈچلۈك ئورۇن تالىشىش ئېڭى، ئەڭ ئېسىل ۋارتارغا توپ ئۇرۇش تېخنىكىسى ۋە نەپىس پۇت ئاستى تېخنىكىسى كوكسىسنى ئەينى يىللىرىدىكى توپ كىرگۈزۈش ئۈنۈمى ئەڭ يۇقىرى ھۇجۇمچىغا ئايلاندۇرغان، بولۇپمۇ ئۇنىڭ كاللا توپ تېخنىكىسى ئىنتايىن كۆرۈنەرلىك، ئۇنىڭ چاچلىرى ئالتۇن رەڭگىدە بولغاچقا، كىشىلەر تەرىپىدىن «ئالتۇن باش» دېگەن چىرايلىق نام بېرىلگەن.
تولۇق ئىسمى: ساندور كوكسىس پېتىر
ئېنگىلىزچە ئاتىلىشى: Sándor Kocsis Peter
تۇغۇلغان ۋاقتى: 1929-يىلى 9-ئاينىڭ 21-كۈنى
ۋاپات بولغان ۋاقتى: 1979-يىلى 7-ئاينىڭ 22-كۈنى
ئېگىزلىكى: 1.77 مېتىر
دۆلەت تەۋەلىكى: ۋېنگىرىيە
تۇغۇلغان جايى: بۇداپېسىت
مەيداندىكى ئورنى: ئالدى ھۇجۇمچى
لەقىمى: ئالتۇن باش (Golden Head)
كۇلۇپتا توپ ئويناش تارىخى:
1945-يىلىدىن 1946-يىلىغىچە Kobanyai كوماندىسىدا ئوينىغان (5 مەيدان 0 توپ).
1946-يىلىدىن 1950-يىلىغىچە ۋېنگىرىيە بۇداپېسىت فىرېنسىۋاروس كوماندىسىدا ئوينىغان (84 مەيدان 70 توپ).
1950-يىلىدىن 1957-يىلىغىچە ۋېنگىرىيە ھونۋېد كوماندىسىدا ئوينىغان (160 مەيدان 177 توپ).
1957-يىلىدىن 1958-يىلىغىچە شېۋىتسارىيە ياشلار كوماندىسىدا ئوينىغان (11 مەيدان 7 توپ).
1958-يىلىدىن 1965-يىلىغىچە ئىسپانىيە بارسىلونا كوماندىسىدا ئوينىغان (75 مەيدان 42 توپ).
(ئىزاھات: تىرناق ئىچىگە ئېلىنغىنى پەقەت بىرلەشمىدىكى مەيدانغا چىققان ۋە كىرگۈزگەن توپ سانىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ).
دۆلەت كوماندىسىدا توپ ئويناش تارىخى:
ۋېنگىرىيە دۆلەت كوماندىسىغا ۋاكالىتەن جەمئىي 68 مەيدان مۇسابىقە ئويناپ، 75 توپ كىرگۈزگەن. (جەمئىي 7 قېتىم قالپاق ئويۇنى ئوينىغان).
ئېرىشكەن كوللىكتىپ شان-شەرەپلىرى:
4 قېتىم ۋېنگىرىيە بىرلەشمىسى چېمپىيۇنى (1948-1949، 1951-1952، 1953-1954، 1954-1955)، 2 قېتىم ئىسپانىيە بىرلەشمىسى چېمپىيۇنى (1958-1959، 1959-1960)، 2 قېتىم ئىسپانىيە شاھلىق لوڭقىسى چېمپىيۇنى (1958-1959، 1962-1963)، 1 قېتىم ياۋروپا ئىتتىپاق لوڭقىسى (1959-1960)، 1952-يىللىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنى پۇتبول تۈرىنىڭ چېمپىيۇنى، 1953-يىللىق ئوتتۇرا ياۋروپا لوڭقىسى چېمپىيۇنى، 1954-يىللىق دۇنيا لوڭقىسىدا 2-لىككە ئېرىشكەن.
ئېرىشكەن شەخسىي شان-شەرەپلىرى:
3 قېتىم ۋېنگىرىيە بىرلەشمىسىنىڭ ئەڭ مۇنەۋۋەر مەرگىنى (1950-1951، 1951-1952، 1953-1954)، 1954-يىللىق دۇنيا لوڭقىسىنىڭ ئەڭ مۇنەۋۋەر مەرگىنى بولۇپ باھالانغان.
ساندور كوكسىس 1929-يىلى 9-ئاينىڭ 21-كۈنى ۋېنگىرىيە پايتەختى بۇداپېسىت شەھىرىدە بىر نامىرات ئائىلىدە دۇنياغا كۆز ئاچقان. 16 ياشقا كىرگەن يىلى كوكسىس ۋېنگىرىيەنىڭ KTC كۇلۇبى ياشلار كوماندىسىغا تاللانغان ۋە شۇنىڭدىن باشلاپ ئۇنىڭ كەسپىي پۇتبول ھاياتى رەسمىي باشلانغان.
1946-يىلى كوكسىس فىرېنسىۋاروس كۇلۇبىغا يۆتكەلگەن ۋە بۇ كۇلۇپتا 5 يىل توپ ئويناش جەريانىدا جەمئىي 84 مەيدان مۇسابىقە ئويناپ، 70 توپ كىرگۈزگەن (بۇ پەقەت ۋېنگىرىيە بىرلەشمىسى مۇسابىقىلىرىدىكى سانلىق مەلۇماتلىرى بولۇپ، باشقا مۇسابىقىلىرىگە ئائىت سانلىق مەلۇماتلار ئېنىق ئەمەس). 1949-يىلىغا كەلگەندە كوكسىس فىرېنسىۋاروس كوماندىسىنىڭ ۋېنگىرىيە بىرلەشمىسى چېمپىيۇنلىقىنى قولغا كەلتۈرىشىدە باش تۆھپىكارغا ئايلانغان. كوكسىس 1948-يىلى 6-ئاينىڭ 6-كۈنى دۆلەت كوماندىسىغا ۋاكالىتەن تۇنجى قېتىم مەيدانغا چىققان، شۇ چاغدىكى رەقىبى رۇمىنىيە كوماندىسى بولۇپ، كوكسىس بۇ تۇنجى مەيدان خەلقئارالىق مۇسابىقىسىدە ئۆزى يالغۇز 2 توپ ئۇرغان ۋە 0:9 نەتىنجە بىلەن رۇمىنىيە كوماندىسىنى قانلىق قىرغىن قىلغان.
كوكسىسنىڭ بويى ئاران 1.77 مېتىر كېلىدۇ، ئەمما ئۇنىڭ بوشلۇققا قاڭقىش ئىقتىدارى كىشىنى ھەيران قالدۇرىدۇ، كاللا توپ تېخنىكىسى بولسا كامالەتكە يەتكەن. ئۇ كىشلەر تەرىپىدىن ئەينى دەۋىردىكى كاللا توپ تېخنىكىسى ئەڭ قالتىس توپچى دەپ قارالغاچقا، «ئالتۇن باش» دېگەن چىرايلىق لەقەم بىلەن ئاتالغان. ئۇنىڭدىن ئىلگىرىكى توپچىلار كاللا توپتىن ئىبارەت نومۇر ئېلىش ئۇسۇلىنى ئۆزلىرىنىڭ كەم ئۇچىرايدىغان بىر خىل توپ كىرگۈزۈش ۋاستىسى قىلىپ كەلگەن بولسا، كوكسىس توپنى ۋارتارغا باش بىلەن ئۈسۈپ كىرگۈزۈشنى ئۆزىنىڭ ھەقىقىي ئاساسلىق توپ كىرگۈزۈش ئۇسۇلىغا ئايلاندۇرغان. مەلۇم نۇقىتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا كوكسىس دەۋىر خارەكتىرلىك پۇتبولچى. ئەلۋەتتە بۇ ئۇنى باشقا جەھەتلەردە نائۇستا دېگەنلىك ئەمەس، كۈچلۈك توپ كونتىرول قىلىش ئىقتىدارىدىن باشقا ئۇنىڭدا يەنە قالتىس دەرىجىدە ئادەم ئالداش ۋە توپ ئېلىپ يۇقىرى تېزلىكتە بۆسۈپ كىرىش ئىقتىدارلىرىمۇ ۋايىغا يەتكەن. كوكسىس ھەر تەرەپتىن يېتىشكەن قابىل پۇتبولچى دەپ ئاتىلىشقا تامامەن ھەقلىق.
1950-يىلىنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرى ۋېنگىرىيە ئارمىيسى ھونۋېد كۇلۇبىنى قۇرۇپ ۋېنگىرىيە بىرلەشمىسىگە قاتناشتۇرىدۇ، كوكسىسمۇ بۇ كۇلۇپقا يۆتكىلىپ كېلىپ پۇسكاس، زىپور، بوزىك قاتارلىق ئەينى دەۋىرنىڭ گىگانىتلىرى بىلەن سەپداش بولۇپ قالىدۇ. ھونۋېد كوماندىسىغا قاتناشقان 6 يىل جەريانىدا كوكسىس 3 قېتىم بىرلەشمە چېمپىيۇنلىقىنى قولغا كەلتۈرىدۇ، شۇنداقلا ئۇدا 3 يىل بىرلەشمە مەرگەنلىكىنى مونوپول قىلىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە ئۇدا 2 قېتىم پۈتكۈل ياۋروپا كۇلۇپلىرى ئىچىدە ئەڭ كۆپ توپ كىرگۈزگەن پۇتبولچى شەرىپىگە ئېرىشىدۇ. كوكسىس يەنە تېخى ۋېنگىرىيە بىرلەشمىسىگە قاتنىشۋاتقان مەزگىللىرىدە ئۇدا 5 يىل ھەر مەيداندا ئوتتۇرا ھېساپ بىلەن 1 توپ كىرگۈزۈشتەك قابىل تالانتىنى نامايەن قىلىدۇ.
1948-يىلى ۋېنگىرىيە دۆلەت كوماندىسىنىڭ تېرنىرى شىبېس كوماندىنىڭ ئەنئەنىۋى WW سەپ شەكلىنى ئىسلاھ قىلىپ، تۆت ھۇجۇمچى ئاساس قىلىنغان سەپ شەكلىنى بارلىققا كەلتۈرىدۇ. شۇنىڭدىن باشلاپ 20 يىل ئەتىراپىدا WM سەپ شەكلى ئەنئەنىۋى سەپ شەكلىنىڭ ئورنىنى ئالىدۇ. 50-يىللارنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدە ۋېنگىرىيە كوماندىسىدىن پۇسكاس، كوكسىس، ھىدايگوت، زىپور قاتارلىق چولپانلار ئاقىمۇ-ئارقىدىن يېتىشىپ چىقىشقا باشلايدۇ ۋە ئۇلارنى ئاساس قىلىپ تەشكىللەنگەن ۋېنگىرىيە دۆلەت كوماندىسى 4 يىلغىچە بىرمۇ مەيدان ئۇتتۇرماسلىقتەك تارىخى رېكورىت يارىتىپ، دۇنيا پۇتبول سەھنىسىدە ھازىرغىچە كۆرۈلۈپ باقمىغان يىمىرىلمەس قوشۇننى بارلىققا كەلتۈرىدۇ. ياۋروپا پۇتبول سەھنىسىدە ۋېنگىرىيە كوماندىسى ئۆزىگە رەقىپ تاپالمايدۇ، ھەتتا جاھانغا پاتماي قالغان ئېنگىلانىد كوماندىسىمۇ بۇ يېڭىلمەس قوشۇن ئالدىدا ئىختىيارىسىز باش ئېگىشكە مەجىبۇر بولىدۇ. 1953-يىلى 11-ئاينىڭ 25-كۈنى ۋېنگىرىيە كوماندىسى 3:6 نەتىنجە بىلەن ئېنگىلانىد كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلىپ، ئېنگىلانىد كوماندىسىنىڭ نەچچە يىلدىن بېرى داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان ئۆز مەيدانىدا ئۇتتۇرماسلىق رىۋايىتىگە خاتىمە بېرىدۇ. ئېنگىلانىد كوماندىسى ئۆز مەيدانىدىكى بۇ مەغلۇبىيەتتىن قاتتىق نومۇس قىلىپ، كېيىنكى يىلى بۇداپېسىتقا كېلىپ قىساس ئېلىشنى كۆڭلىگە پۈكىدۇ. ئەمما بۇ قېتىم ئېنگىلانىد كوماندىسى 7:1 نەتىنجە بىلەن ۋېنگىرىيە كوماندىسىغا ئۇتتۇرۇپ، تېخىمۇ ئېچىنىشلىق بولغان مەغلۇبىيەتنى بىللە ئېلىپ شەرەپسىزلەرچە دۆلىتىگە قايتىپ كېتىدۇ. ھالبۇكى ۋېنگىرىيە كوماندىسى بىلەن ئېنگىلانىد كوماندىسى تۇتۇشۇشتىن بىر يىل ئىلگىرى ۋېنگىرىيەلىكلەر تېخى 1952-يىللىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنى پۇتبول مۇسابىقىسىدە ئالتۇن مېدالغا ئېرىشكەنىدى، كوكسىس شۇ نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىدا 5 مەيدان مۇسابىقىگە قاتنىشىپ 6 توپ ئۇرىدۇ.
(كوكسىسنىڭ ئېنگىلانىد كوماندىسى بىلەن بولغان مۇسابىقىدە كاللا توپ ئۇرغان كۆرۈنۈشى)
1954-يىلى كوكسىس ۋېنگىرىيە دۆلەت كوماندىسى بىلەن بىرلىكتە شېۋىتسارىيەگە كېلىپ 5-نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسىغا قاتنىشىدۇ. بۇ نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسىدا ۋېنگىرىيە كوماندىسى بولسا ئەڭ چوڭ قىزىق نۇقتا ئىدى. ھالبۇكى ئۇلارمۇ باشلىنىشىدىلا كىشلەرنىڭ كۈتكەن ئۈمىدىنى يەردە قويمايدۇ. كىچىك گۇرۇپپا باسقۇچىدا ۋېنگىرىيە كوماندىسى 2 مەيدانلا مۇسابىقە ئويناپ دەھشەتلىك تۈستە 17 توپ كىرگۈزىدۇ. گۇرۇپپا مۇسابىقىسىنىڭ 1-ئايلانمىسىدا ۋېنگىرىيە كوماندىسى جەنۇبىي چاۋشىيەن كوماندىسىنى 9:0 نەتىنجە بىلەن، 2-ئايلانمىسىدا فېدىراتىپ گېرمانىيە كوماندىسىنى 8:3 نەتىنجە بىلەن مەغلۇپ قىلىپ، ئاخىرقى ئايلانما مۇسابىقىنى ئوينىمايلا ئەڭ بۇرۇن گۇرۇپپىدىن چىقىدۇ (ئەپسۇسلىنارلىقى فېدىراتىپ گېرمانىيە بىلەن بولغان مۇسابىقىدە كوماندىنىڭ 1-چولپىنى پۇسكاس قارشى تەرەپ ئەزاسى تەرىپىدىن قەستەن پۇتلاپ يىقىتىۋېتىلىپ يارلىنىدۇ). كوكسىس بۇ ئىككى مەيدان مۇسابىقىنىڭ ھەر ئىككىلىسىدە قالپاق ئويۇنى ئوينايدۇ (فېدىراتىپ گېرمانىيە بىلەن بولغان مۇسابىقىدە كوكسىس ئۆزى يالغۇز 4 توپ ئۇرىدۇ). شۇنىڭ بىلەن بىرگە كوكسىس بىر قېتىملىق دۇنيا لوڭقىسىدا 2 قېتىم قالپاق ئويۇنى ئوينىغان تۇنجى پۇتبولچىغا ئايلىنىدۇ.
ئارقىدىنلا شاللاش باسقۇچىدىكى 4 كۈچلۈككە كىرىش مۇسابىقىسىدە ۋېنگىرىيە كوماندىسى بىلەن بىرازىلىيە كوماندىسى تۇتۇشىدۇ. بۇ مەيدان مۇسابىقىدە كوكسىس 2 توپ ئۇرۇپ، 2:4 نەتىنجە بىلەن «سامبا قوشۇنى» بىرازىلىيەنى مەغلۇپ قىلىشقا ياردەم قىلىدۇ. بىراق بۇ مۇسابىقىنىڭ نەتىنجىسى ئۇنچە مۇھىم بولماستىن، مۇسابىقىنىڭ جەريانى كىشىلەردە ئۇنتۇلغۇسىز ئەسلىمە قالدۇرغانىدى. مۇسابىقىدە ھەر ئىككىلا تەرەپتىن قويۇق پۇرۇخ ھىدى چىقىپ تۇرغان بولۇپ، بۇ مۇسابىقە بىر مەيدان «مۇسكۇل جېڭى» غا ئايلىنىدۇ، نۇرغۇن قوپال ھەرىكەتلەر، ئېغىر يارلىنىشلار يۈز بېرىدۇ. مۇسابىقە جەريانىدا 2 نەپەر بىرازىلىيە ئەزاسى، 1 نەپەر ۋېنگىرىيە ئەزاسى جازالىنىپ مەيداندىن چىقىرۋېتىلىدۇ. مۇسابىقە ئاخىرلاشقاندىن كېيىن بولسا پۇسكاس بىلەن بىرازىلىيە ئەزالىرى ئوتتۇرسىدا توقۇنۇش يۈز بېرىپ، ئىككى تەرەپنىڭ توپچىلىرى، كوماندا دوختۇرى ۋە كوماندا خىزمەتچى خادىملىرىنىڭ كەڭ كۆلەمدە مۇشتلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. دۇنيا لوڭقىسى تارىخىدىكى نامى مەشھۇر «بېرنې جېڭى» (Battle of Berne) مانا مۇشۇنداق بارلىققا كېلىدۇ.
يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە ۋېنگىرىيە كوماندىسىنىڭ رەقىبى ئالدىنقى نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسىنىڭ چېمپىيۇنى ئۇرۇگىۋاي كوماندىسى بولۇپ، بۇ مەيدان مۇسابىقە بولسا دۇنيا پۇتبول سەھنىسىنىڭ كونا خوجىسى بىلەن يېڭى ھۆكۈمرانى ئوتتۇرسىدىكى بىر مەيدان كەسكىن جەڭگە ئايلىنىدۇ. 90 مىنۇتلۇق مۇسابىقىدە ھەر ئىككىلا تەرەپ كۈچ جەھەتتە ئوخشاش كېلىپ قېلىپ، 2:2 نەتىنجە بىلەن تەڭلىشىپ قالىدۇ. 30 مىنۇت ئۇزارتىلغان مۇسابىقە جەريانىدا كوكسىس ئۆزىنى كىشىلەر تەرىپىدىن نېمە ئۈچۈن «ئالتۇن باش» دەپ ئاتىلدىغانلىقىنىڭ سەۋەبىنى ئىسپاتلايدۇ. ئۇ 5 مىنۇت ئىچىدە كەينى-كەينىدىن قارشى تەرەپكە 2 كاللا توپ ئۇرۇپ، 2:4 نەتىنجە بىلەن ۋېنگىرىيە كوماندىسىنى ھەل قىلغۇچ جەڭگە ئېلىپ كىرىدۇ. (بۇ مەيدان مۇسابىقە ئۇرۇگىۋاي كوماندىسىنىڭ دۇنيا لوڭقىسى تارىخىدىكى تۇنجى مەيدان مەغلۇبىيتى ئىدى). مۇسابىقىدىن كېيىن ئۇرۇگىۋاي كوماندىسىنىڭ رىۋايەتلىك ۋاراتاسى ماسسىپۇل: « مەن قېرىپ ساقاللىرىم ئاقىرىپ كەتكەن تەقدىردىمۇ، ھامان كوكسىسنى ئۇنتۇيالمايمەن.» دېگەن مەدھىيە سۆزى بىلەن «ئالتۇن باش» كوكسىسنى تەرىپلەيدۇ. ئەمدى نۆۋەتتە ۋېنگىرىيە كوماندىسىنى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە ساقلاپ تۇرغان رەقىبى بولسا كىچىك گۇرۇپپا مۇسابىقىسىدە 3:8 نەتىنجە بىلەن نومۇسلۇق مەغلۇبىيەتكە دۇچار بولغان فېدىراتىپ گېرمانىيە كوماندىسى ئىدى.
(1954-يىللىق دۇنيا لوڭقىسى يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدىكى كوكسىسنىڭ يارقىن كۆرۈنۈشى)
كىشىلەر «1954-يىلى ۋېنگىرىيە كوماندىسى ئالغا ئىلگىرلەش يولىدا ھەممىنى بويسۇندۇردى، ئەمما ئىشىكنىڭ بوسۇغۇسىغا كەلگەندە يىقىلدى» دېيىشىدۇ، بۇ سۆز يەنە كوكسىسقىمۇ قارىتىلىغان. ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە فېدىراتىپ گېرمانىيە كوماندىسى ئەزالىرى كوكسىسنى قاتتىق مۇداپىيە قىلىپ تىزگىنلىۋالىدۇ. گەرچە كوكسىس سەپداشلىرى ئۈچۈن پۇرسەت يارىتىپ بېرىشقا، كوماندىسىغا غەلبە ئېلىپ كېلىشكە قاتتىق تىرىشقان بولسىمۇ، ئەمما ئۆزىمۇ توپ كىرگۈزەلمەيدۇ، ۋېنگىرىيە كوماندىسى بولسا 3:2 نەتىنجە بىلەن فېدىراتىپ گېرمانىيە تەرىپىدىن مەغلۇپ بولىدۇ. گۇرۇپپا مۇسابىقىسىدىلا ۋېنگىرىيە كوماندىسى تەرىپىدىن قاتتىق قىرغىن قىلىنغان فېدىراتىپ گېرمانىيە كوماندىسىنىڭ چېمپىيۇن بولۇپ كېتىشىنى ھېچكىممۇ خىيالىغا كەلتۈرۈپ قويمىغان بولۇپ، گۇرۇپپىدىن مىڭ تەسلىكتە چىققان فېدىراتىپ گېرمانىيە كوماندىسى بىر قەدەم-بىر قەدەمدىن ئىلگىرلەپ ئەڭ ئاخىرى مۆجىزىلەرچە غەلبىنى قولغا كەلتۈرىدۇ. بۇ نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى بولسا كىشىلەر تەرىپىدىن «بېرىنې مۆجىزىسى» دەپ ئاتىلىدۇ. گەرچە ۋېنگىرىيە كوماندىسىنىڭ ھەل قىلغۇچتىكى رەقىبى روھلاندۇرۇش دورىسى ئىشلەتكەن، قائىدىگە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان پۇتبول ئايىغى كەيگەن، ئۇنىڭغا قوشۇلۇپ رېپپىرنىڭ كۆپ قېتىم خاتا ھۆكۈم چىقىرىشى مۇسابىقىنىڭ ئادىللىقىغا تەسىر كۆرسەتكەن دەپ قارىلىپ كەلگەن بولسىمۇ، ئەمما نەتىنجە يەنىلا ئۆزگەرمىگەن. شۇنداقتىمۇ كوكسىس دېگەن بۇ ئىسىم دۇنيا لوڭقىسى تارىخىغا مەڭگۈلۈك پۈتۈلىدۇ. 1954-يىللىق شېۋىتسارىيە دۇنيا لوڭقىسىدا 11 توپ كىرگۈزگەن كوكسىس دۇنيا پۇتبول تارىخىدىكى بىر نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسىدا ئەڭ كۆپ توپ كىرگۈزگەن مەرگەنلەرنىڭ ئىككىنچىسىگە ئايلىنىدۇ. بۇ تۈردىكى 1-مەرگەن بولسا 1958-يىللىق دۇنيا لوڭقىسىدا 13 توپ كىرگۈزگەن فىرانسىيلىك فونتايىن بولسىمۇ، لېكىن كوكسىسنىڭ ھەر مەيداندا توپ كىرگۈزۈش نىسبىتى يەنىلا فونتايىننى بېسىپ چۈشىدۇ.
(كوكسىس بىلەن پۇسكاس)
1956-يىلىغا كەلگەندە ۋېنگىرىيە دۆلەت ئىچىدە دۇنيانى زىل-زىلىگە كەلتۈرگەن «ئۆكتەبىر ۋەقەسى» يۈز بېرىدۇ. ئاخىرقى نەتىنجىدە ۋېنگىرىيە ئىنقىلابى سوۋىت ئىتتىپاقىنىڭ رەھىمسىزلەرچە باستۇرىشىغا ئۇچىرايدۇ. ھالبۇكى ئەينى ۋاقىتتا كوكسىس ۋە پۇسكاس باشچىلىقىدىكى ھونۋېد كوماندىسى ئىسپانىيدە مۇسابىقە ئويناۋاتاتتى. ئۇلار دۆلەت ئىچىدىكى بۇ ئىشتىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، مەسلىھەتلىشىپ ئۆلۈپ كەتكەن ۋېنگىرىيە ئىنقىلاپلىرى ئۈچۈن ئىئانە توپلاپ مېھىر-شەپقەت يەتكۈزۈش مۇسابىقىسى تەشكىللەيدۇ. ئەمما ئۇلارنىڭ بۇ ئىشى ۋېنگىرىيە پۇتبول جەمئىيتى ۋە خەلقئارا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى تەرىپىدىن كۈچلۈك قارشىلىققا ئۇچىرايدۇ، كوكسىس ۋە بىر قىسىم كوماندا ئەزالىرى خەلقئارا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى تەرىپىدىن مۇسابىقىدىن چەكلىنىدۇ. كوكسىس ۋە ئاز ساندىكى كوماندا ئەزالىرى دۆلەت ئىچىدىكى سىياسىي پاراكەندىچىلىكنى كۆزدە تۇتۇپ، ۋاقتىنچە دۆلىتىگە قايتماسلىقنى قارار قىلىدۇ. بىراق ئۇلارنىڭ بۇ ئىشىنى دۆلەت ئىچىدىكى ئەكسىيەتچىل رادىكال ئونسۇرلار بۇرمىلاپ «دۆلەت خائىنى» دېگەن قالپاقنى كەيدۈرىدۇ ۋە ئۇلارنىڭ ۋېنگىرىيە چېگىرىسىگە كىرىشىگە يول قويمايدۇ. شۇنىڭ بىلەن كوكسىس ۋە پۇسكاس قاتارلىقلار قاراپ تۇرۇپلا چەت دۆلەتلەردە قېچىپ يۈرۈپ سەرگەردانلىق تۇرمۇش كەچۈرۈشكە مەجىبۇر بولىدۇ. قاچقۇنلۇق مەزگىللىرىدە كوكسىس شېۋىتسارىيە ياشلار كۇلۇبىدا قىسقا مۇددەت توپ ئوينايدۇ، 1957-يىلىغا كەلگەندە يېقىن دوستى كۇبالانىڭ ياردىمى ئاستىدا كوكسىس ئىسپانىيە زەردارى بارسىلونا كوماندىسى بىلەن توختاملىشىدۇ. ئەمما ئەينى چاغدا خەلقئارا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى تەرىپىدىن ئۇنىڭغا مۇسابىقىدىن چەكلەش جازاسى يۈرگۈزىلىۋاتقان بولغاچقا، كوكسىس بىر يىلدىن كېيىن ئاندىن مۇسابىقە ئويناش سالاھىيتىگە ئېرىشىدۇ.
بارسىلونادىكى داڭدار ئۈچ ۋېنگىريىلىك (سولدىن ئوڭغا: كوكسىس، كۇبالا، زىپور)
تولۇق بولمىغان سىتاستىكىغا ئاساسلانغاندا، بارسىلونادىكى 7 يىل جەريانىدا كوكسىس بارسىلونا كوماندىسىغا ۋاكالىتەن جەمئىي 235 مەيدان مۇسابىقىگە قاتنىشىپ، 151 توپ كىرگۈزگەن (ئىسپانىيە بىرلەشمىسى ۋە شاھلىق لوڭقىسى مۇسابىقىلىرىدە 126 مەيدان مۇسابىقە ئويناپ 81 توپ كىرگۈزگەن). بارسىلونادىكى دەسلەپكى ئىككى يىلدا بارسىلونا كوماندىسى كەينى-كەينىدىن بىرلەشمە چېمپىيۇنى، شاھلىق لوڭقىسى چېمپىيۇنى ۋە ياۋروپا يەرمەنكىسى لوڭقىسى (ياۋروپا ئىتتىپاق لوڭقىسىنىڭ بۇرۇنقى ئاتىلىشى) چېمپىيۇنلىقىغا ئېرىشكەن. بولۇپمۇ 1961-يىلى ياۋروپا چېمپىيۇنلۇق لوڭقىسى مۇسابىقىسىدە بارسىلونا كوماندىسى ھەتتا ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگىمۇ كىرگەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ رەقىبى پورتۇگالىيە زەردارى بېنفىكا كوماندىسى ئىدى. ئەمما بېرنېدىكى كاج تەلەي يەنە بىر قېتىم بۇ رىۋايەتلىك چولپاننى ئىسكەنجىسىگە ئېلۋالىدۇ. ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە داۋاملىشىپ 20 مىنۇتقا قەدەم قويغاندا بارسىلونا كوماندىسى كوكسىسنىڭ ئۇرغان كاللا توپىغا تايىنىپ 0:1 نەتىنجىدە ئۈستۈنلۈكنى ئىگەللەيدۇ، ئەمما ئۇ مەيدان مۇسابىقىدىكى بارسىلونا كوماندىسىنىڭ ۋارتارسى لامارىسنىڭ بىنورمال ئىپادىسى نەتىنجىسىدە ھەتتا قارشى تەرەپكە بىر خائىن توپ سوۋغا قىلىدۇ، ئاخىردا بارسىلونا كوماندىسى 3:2 نەتىنجە بىلەن مەغلۇپ بولۇپ، قولغا كېلىشكە ئازلا قالغان لوڭقىدىن مەھرۇم قالىدۇ. مۇسابىقە ئاياقلاشقاندىن كېيىن ماغدۇرىدىن كەتكەن كوكسىس مەيداندا يىقىلىپ قالىدۇ، كۆزلىرىدىن بولسا تاراملاپ ياش تۆكۈلىدۇ. 1954-يىللىق دۇنيا لوڭقىسىدىكى شېۋىتسارىينىڭ بېرنېدا ئۆتكۈزۈلگەن ھەل قىلغۇچتا كوكسىس يىقىلغان، 7 يىلدىن كېيىنكى يەنە بىر قېتىملىق مۇھىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە، دەل ئاشۇ بېرنېدا كوكسىس يەنە بىر قېتىم يىقىلىدۇ... كوكسىس شۇنىڭدىن باشلاپ تەقدىرنىڭ قارغىشىغا مۇپتىلا بولىدۇ.
كوكسىسنىڭ بارسىلونادىكى تەقدىرىنى يۇقىرى چوققىدىن تۆۋەنگە سىيرىلىغانغا ئوخشىتىشقا بولىدۇ. بارسىلونادىكى دەسلەپكى ئىككى يىلدا كوكسىسنىڭ مەيدانغا چىقىش قېتىم سانى گەرچە ئانچە كۆپ بولمىسىمۇ، لېكىن چەكلىك ۋاقىت ئىچىدە يەنىلا ئۆز قىممىتىنى ئىسپاتلاپ ماڭىدۇ. ھەتتا 1961-يىلىدىكى ئۇزغۇنلۇق ھەل قىلغۇچ جېڭىدە ئۇنىڭ ئىپادىسى «ئالتۇن باش» دېگەن نامنىڭ ھەرگىزمۇ قۇرۇق ئاتاق ئەمەسلىكىنى ئىسپاتلايدۇ. بىراق ئاشۇ قېتىملىق ئۇزغۇنلۇق ھەل قىلغۇچتىن كېيىن، بارسىلونادىكى باشقا چولپانلار چېكىنمىگەن تەقدىردىمۇ ئاساسەن كوماندىدىن ئايرىلىدۇ، پەقەت كوكسىس بىلەن بىرازىلىيلىك چولپان ئېۋارىستو جاپا-مۇشەققەت ئىچىدە چىداشلىق بېرىپ بارسىلونانى تۇتۇپ تۇرىدۇ. 1961-يىلىدىن 1965-يىلىغىچە بولغان بۇ 5 يىل ۋاقىت ئىچىدە خان جەمەتى مادىرىد كوماندىسى ئۇدا 5 نۆۋەت چېمپىيۇن بولۇش بىلەن ئىسپانىيە بىرلەشمىسىنىڭ ھۆكۈمىرانىغا ئايلىنىدۇ، ئەمما بارسىلونا كوماندىسىنىڭ لوڭقا ئىشكابىدا پەقەت بىر دانە شاھلىق لوڭقىسىلا بىچارىلەرچە نەچچە يىلغىچە توپا بېسىپ تۇرۇپ كېتىدۇ. 1966-يىلىغا كەلگەندە 37 ياشلىق كوكسىس ئامالسىز كەسپىي ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرۇشقا مەجىبۇر بولىدۇ.
كوكسىسنىڭ ھاياتى پۈتۈنلەي دېگۈدەك سەرسانلىق سەرگەردانلىق ئىچىدە ئۆتىدۇ، گەرچە دۇنيا لوڭقىسى ۋە ياۋروپا چېمپىيۇنلۇق لوڭقىسىدىكى ئىپادىسى كۆز تەگكۈسىز بولسىمۇ، ئەمما شان-شەرەپ ھامان ئۇنىڭغا كەينىنى قىلۋالىدۇ. ئۇنىڭ ئۆمۈرىنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرى بولسا تېخىمۇ پاجىئەلىك. 1979-يىلى 7-ئاينىڭ 22-كۈنى كوكسىس بارسىلونادىكى بىر دوختۇرخانىدا بىنادىن چۈشۈپ كېتىپ 50 يېشىدا ھاياتىدىن خوشلىشىدۇ. ئۇنىڭ ئۆلۈم سەۋەبى تاكى ھازىرغىچە بىر سىر، بەزىلەر كوكسىسنىڭ ئۆلۈمىنى بىر تاسادىبىيلىق دەپ قارايدۇ، ئەمما بەزىلەر ئۇنى ئۆزىنى ئۆلتۈرۋالغان دەپ قارىشىدۇ. ئۇنىڭ ئۆمۈرىنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىدىكى تۇرمۇش ئادىتى ۋە تەن سالامەتلىك ئەھۋالىنى نەزەرگە ئېلىپ قارايدىغان بولساق، ئۇنىڭ ئۆزىنى ئۆلتۈرۋېلىش ئېھتىماللىقى ئەمىليەتكە سەل يېقىنراق. سەۋەبى بولسا ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 60-70-يىللىرى ۋېنگىريىنىڭ سىياسىي ۋەزىيتى بىر ئاز قالايمىقان، كوكسىس بولسا دۆلىتىگە قايتىشقا ئامالسىز، ئۈزلۈكسىز ئىسپانىيدە تۇرمۇش كەچۈرىدۇ. چىملىقتىكى ھاياتىدىن خوشلاشقاندىن كېيىن كوكسىسنىڭ تۇرمۇشىدا ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەر پەيدا بولۇپ، ئۆزىنى باشقۇرالماسلىق، پۇلنى پاخالدەك بۇزۇپ چېچىش، ھاراققا خۇمار بولۇپ كېتىشتەك ئەھۋاللار بارغانچە ئېغىرلاشقا باشلايدۇ، شۇ سەۋەپتىن تۇرمۇشىمۇ بارغانسىرى مۈشكۈل ئەھۋالغا چۈشۈپ قالىدۇ. كەسپىي ھاياتى قالدۇرۇپ كەتكەن كېسەللىك ئاسارىتى ئۇنى ئۈزلۈكسىز ئازاپلايدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۆمۈرىنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىدە مۇپتىلا بولغان ساقايماس كېسەل (ئاق قان كېسىلى ۋە راك كېسىلى تىپىدىكى كېسەللىك) ئۇنىڭ ياشاش ئىستىكىنى تېخىمۇ ئاجىزلاشتۇرۋېتىدۇ. بۇلار ئاز كېلىپ قالغاندەك بۇ رىۋايەتلىك چولپان رېئاللىقنىڭ ئېغىر سىناقلىرىغا دۇچ كېلىدۇ. تۇرمۇشتىكى ئىقىتسادىي كىرىم مەنبەسى كەمچىل ۋە سەرگەردانلىق تۈپەيلىدىن ئېرىشىشكە تېگىشلىك ئىجىتمائىي كاپالەتتىنمۇ بەھىرىمان بولالمايدۇ (كېيىن ئىسپانىيە دۆلەت تەۋەلىكىگە ئۆتكەن پۇسكاسقا ئوخشىمايدىغىنى، كوكسىس گەرچە ئەينى يىللىرى ۋېنگىرىيە تەرىپىدىن «دۆلەت خائىنى» دەپ قارالغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇ يەنىلا ئىسپانىيە دۆلەت تەۋەلىكىگە كىرمەسلىكتە چىڭ تۇرىدۇ، شۇ سەۋەپلىك ئىسپانىيە پۇقرالىرى بەھىرىمان بولىدىغان تەمىناتقا ئېرىشەلمەيدۇ). ئەينى چاغلاردا گۈللەر بىلەن ئالقىشلانغان ھاياتىنىڭ ئەمدى بولسا سوغۇق مۇئامىلىگە ئۇچىرىشى ئۇنى ھاياتقا بولغان ئىشەنچىسىدىن ئايرىيدۇ.
ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىنىڭ ئاخىرىقى مەزگىللىرىدە شەرقىي ياۋروپا سىياسىي سەھنىسىدە ئۆزگىرىش بولۇپ، «ۋېنگىرىيلىك ئۈچ كىت» ئاتالغانلاردىن پۇسكاس بىلەن زىپور ئىككىسى ئاخىرى دۆلىتىگە قايتىش پۇرسىتىگە ئېرىشىپ، ئۆلسىمۇ ئانا تۇپىرىقىدا كۆز يۇمۇش ئارزۇسىغا يېتىدۇ. ئەمما كوكسىسقا نىسبەتەن بولسا ئۇ كۈننى كۆرۈشمۇ نېسىپ بولمايدۇ. كوكسىس ۋاپات بولغاندىن كېيىن بارسىلونادىكى ئاممىۋىي قەبىرىستانلىققا دەپنە قىلىنىدۇ. ئەينى چاغدا ئۇ «دۆلەت خائىنى» دېگەن ئاتاقنى كۆتۈرۈپ يۈرگەنلىكتىن جەسەت ساندۇقى ئۈستىگە ھەتتا ۋېنگىرىيەنىڭ دۆلەت بايرىقى يېپىلىشقىمۇ رۇخسەت قىلىنمايدۇ. گەرچە كوكسىس بۇ دۇنيادىن خوشلىشىپ بىر نەچچە يىلدىن كېيىن نامى ئاندىن ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن بولسىمۇ، ئەمما ھەممىسى كېچىككەنىدى.
كېيىن بارسىلونا كۇلۇبى بىلەن ۋېنگىرىيە ھۆكۈمىتىنىڭ تىرىشچانلىقى ئارقىسىدا، 2012-يىلى 9-ئاينىڭ 21-كۈنى كوكسىسنىڭ جەسەت كۈلى ۋېنگىرىيەدىكى ئۆز يۇرتىغا يۆتكەپ ئاپىرىلىپ قايتىدىن دەپنە قىلىنىدۇ. كوكسىس ۋاپات بولۇپ 33 يىلدىن كېيىن، دۆلىتىدىن ئايرىلىپ 56 يىلدىن كېيىن مانا مۇشۇ ئۇسۇلدا ئۆز دۆلىتىگە قايتىپ كېلىدۇ.
جەسەت كۈلىنى ۋېنگىرىيىگە يۆتكەپ كەلگەندىن كېيىنكى دەپنە مۇراسىمى
كوكسىس توغۇرلۇق فىلىم:
ئاخىردا قوشۇپ قويۇشقا تېگىشلىك بولغىنى، ئېنىق بولمىغان سىتاستىكىغا ئاساسلانغاندا كوكسىس پۈتكۈل كەسپىي ھاياتىدا 900 مەيداندىن ئارتۇق مۇسابىقە ئوينىغان بولۇپ، كىرگۈزگەن توپى 800 دىن ئاشىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە باش بىلەن ئۈسۈپ كىرگۈزگەن توپىلا 300 دىن ئارتۇق ئىكەن. |