ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 13 |
تۆھپىسى: سەر |
|
ۋاڭيې تورى27-چىسلا خەۋىرى:
تۈنۈگۈن جىياڭسۇ شۈنتىيەن كۇلۇبى كورىيەدىن دۆلەتكە قايتىپ كەلگەن بۇلۇپ،كەلگۈسى بىر ھەپتە ئىچىدە يېقىندا باشلىنىدىغان جوڭگۇ دەرىجىدىن تاشقىرى پۇتبول بىرلەشمىسىنىڭ تۇنجى ئايلانمىسىدا گۈيجوۋ رېنخې بىلەن بولغان مۇسابىقىگە بولغان تەييارلىقنى باشلىۋەتتى.
بۈگۈن بولسا جۇڭگۇ دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسى ئالمىشىش بازىرى تاقىلىدىغان ئەڭ ئاخىرقى كۈن.شۈنتىيەن كۇلۇبى بۇ پەسىلدە ئاز بولمىغان ماھىرلارنى كوماندىغا قېتىۋالغاندىن كېيىن كوماندىدىكى بەزى ماھىرلارنى قىسقارىتماقچى بۇلۇپ،ئەڭ ياخشى ھالەتتە بىرلەشمە مۇسابىقىنى كۇتىۋالماقچى بولماقتا.
شۈنتىيەن كۇلۇبى كوماندا ئەزاسى گېۋېي بىلەن ئالدىنقى پەسىل كوماندىغا قۇشۇلغان بارىنى باشقا كوماندىغا ئىجارە بىرىشنى قارار قىلغان بۇلۇپ ،بارىنىڭ يېڭى ئائىلىسى دەل«شىنجاڭ تەڭرىتاغ يىلپىزى پۇتبول كۇلۇبىدۇر»بۇ كۇلۇپ بولسا ئالدىنقى مۇسابىقە پەسلىدە جوڭگۇ ئا دەرىجىلىكلەر مۇسابىقىسىگە قاتناشقان خۇبېي خۇاكەيئېر كۇلۇبىدۇر.بۇ كۇلۇپ ئالدىنقى پەسىل مۇۋەپپىقىيەتلىك ھالدا دەرىجە ساقلاپ قالغاندىن كېيىن 2014- مۇسابىقە پەسلىدىن باشلاپ ساھىپخان مەيدانىنى ئۈرۈمچىگە يۆتكىگەن،ھەمدە كۇلۇپنىڭ ئىسمىنى(شىنجاڭ تەڭرىتاغ يىلپىزى پۇتبول كۇلۇبى) قىلىپ ئۆزگەرىتكەن.
ئالدىنقى مۇسابىقە پەسلىدە بارى جىياڭسۇ شۈنتىيەن كۇلۇبىدا ئانچە كۆپ مەيدانغا چىقىش پۇرسىتىگە ئېرىشەلمىگەن،شۇڭلاشقا باشقا كوماندىغا يۆتكىلىپ توپ تىپىش شەكشۈبىھىسىز ئەڭ ئاقىلانە تاللاشتۇر،نۆۋەتتە ،شىنجاڭ تەڭرىتاغ يىلپىزى كوماندىسى بارىنىڭ ئەڭ ياخشى تاللىشىدۇر.
مەنبەسى:ۋاڭيې تورى-- تەنتەربىيە سەھىپىسى |
|