- تىزىملاتقان
- 2012-10-1
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-3-10
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 5597
- نادىر
- 1
- يازما
- 5597
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا تۇمشۇق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-2-27 21:29
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم !
خانلىق مادرېد گېرمانىيە زىمىنىدىكى مۇسابىقىدە ئاخىرى زور غەلبىنى قولغا كەلتۈردى . شارىك04 بىلەن بولغان مۇسابىقىدىن بۇرۇن يېقىنقى 25 مەيدان گېرمانىيەگە مىھمان بۇلۇپ بارغان مۇسابىقىدە خانلىق مادرېد 18قېتىم مەغلۇپ بۇلۇپ 6 قېتىم تەڭلەشكەن ، ئاران بىر قېتىملا غەلبە قىلغان . 2000-يىلى لىۋېركسىن بىلەن بولغان مۇسابىقدە غەلبە قىلغان ئىدى . يېقىنقى ئىككى پەسىلدىكى ئۇزغۇنلۇقتا بولسا خانلىق مادرېد ئوخشاشلا گېرمانىيە كۇلۇپلىرى تەرىپىدىن يېرىم ھەلقىلغۇچ مۇسابىقىدە شاللانغان . گېرمانىيە خانلىق مادرېدنىڭ ئىسمى-جىسمىغا لايىق قارا چۈشى ھىساپلىنىدۇ . بىراق بۇ قېتىم شارىك04نىڭ مەيدانغا كەلگەندە خانلىق مادرېد ھەيران قالارلىق ئۆزگىرىش ھاسىل قىلدى . 6-1 نەتىجە بىلان شارىك04 ئۈستىدىن غالىپ كىلىپ ‹‹قىرغىن قىلىش ›› شەكلىدە ئىلگىرىكى ئارا-نۇمۇسىنى ئاقلىدى .
بۇ مەيدان مۇسابىقىدە خانلىق مادرېد بىر نەچچە تۈرلۈك رىكورت ياراتتى . خانلىق مادرېد بولسا بىرىنجى بۇلۇپ گېرمانىيەگە مىھمان بۇلۇپ بارغان مۇسابىقىنىڭ ئالدىنقى 20مىنۇتتا 2 توپ كىرگۈزگەن كۇلۇپ . خانلىق مادرېد ئۇزغۇنلۇقتىكى مۇسابىقىلەردە ئۇدا 32 مەيدان توپ كىرگۈزۈپ بۇ تۈرلۈك رىكورتنى يېڭىلىدى . خانلىق مادرېدنىڭ ئالدىنقى قېتىملىق توپ كىرگۈزەلمىگەن ئۇزغۇنلۇق مۇسابىقىسى بولسا 2011-يىلى 4-ئايدىكى بارسىلونا بىلەن ئوينالغان يېرىم ھەلقىلغۇچ مۇسابىقە ، ئۇ ۋاقىتتا بارسىلونا 2-0 نەتىجە يەڭگەن ئىدى .
خانلىق مادرېد تۇنجى بۇلۇپ گېرمانىيەگە مىھمان بۇلۇپ 6 توپ بىلەن زور غەلبە قىلغان كۇلۇپ . بۇ خانلىق مادرېدنىڭ گېرمانىيە زىمىنىدىكى مۇسابىقىىلەردىكى ئىككىنجى قېتىملىق غەلبىسى . بىرىنجى قېتىملىقى بولسا 2000-يىلىدىكى 2-3نەتىجە بىلەن لىۋېركىسىننى مەغلۇپ قىلغان مۇسابىقە ، ئەينى ۋاقتتا مادرېدنى يىتەكلىگەن كىشى ھازىرقى ئىسپانىيە مەشقاۋۇلى بوسىك ئىدى . بۇ قېتىم ئۇزغۇنلۇقنىڭ ئالدىنقى 7 مەيدان مۇسابىقىسىدە ھەيران قالارلىق ھالدا 26 توپ كىرگۈزۈپ يېڭى رىكورت يارتىلدى . 2011-12-مۇسابىقە پەسلىدە بارسىلونا ئۇزغۇنلۇقنىڭ ئالدىنقى 7 مەيدان مۇسابىقىسىدە 23 توپ كىرگۈزۈپ رىكورت ياراتقان ئىدى ، بۇ رىكورت ئاخشام ب ب س گۇرۇپىسى تەرىپىدىن بۇزۇۋېتىلدى . بۇ سابىق تىرنىر مورىنھو 3 يىل ۋاقىت سەرىپ قىلىپ قىلالمىغان ئىش .
خانلىق مادرېد 2014-يىلى كىرگەندىن بۇيان مەغلۇپ بۇلۇپ باقمىدى . ئالدىنقى يىلى 10-ئايدا بارسىلوناغا ئۇتتۇرۇپ قويغاندىن كىيىن خانلىق مادرېد 27 مەيدان مۇسابىقىدە مەغلۇپ بولمىدى ، 23 مەيدان غەلبە قىلىپ 4 مەيدان تەڭلەشتى . خانلىق مادرېد بۇ پەسىللىك ئۇزغۇنلۇقتىمۇ مەغلۇپ بولمىدى ، بۇ پەسىللىك ئۇزغۇنلۇقتا مەغلۇبىيەتنىڭ تەمىنى تېتىپ باقمىغان كۇلۇپتىن خانلىق مادرېد بىلەن مادرېد رىقابەتلا بار .
ھازىرقى خانلىق مادرېد چوڭ ئۈمىد كۈتۈشكە ئەرزىيدۇ . بۇ پەسىللىك شاھلىق لوڭقىسىدا ھەلقىلغۇچ مۇسابىقىگە بۈسۈپ كىردى ، بىرلەشمىدە بولسا ئارىدىن 20ئاي ئۆتكەندە قايتىدىن بىرلەشمە رەت تەرتىپىنىڭ چۇقۇسىغا قايتىپ چىقتى . ئەنچىلوتى ئۈزىنىڭ خانلىق مادرېدتىكى ماسلىشىش دەۋىرىنى تاماملاپ بولدى . ئۇ كۇماندىنى تەڭپۇڭلاشتۇرىدىغان ئامالنى تاپتى ، ئوتتۇرا مەيداندا مودرېچ ، ئالونسۇ ۋە دىمارىيالارنىڭ يۇقۇرى سۈرئەتتىكى ھەركىتى ، ھۇجۇم سىپىدە بولسا بېنزىما ، بىل ۋە س.رونالدودىن تۈزۈلگەن ياۋرۇپادىكى ھۇجۇم كۈچى ئەڭ شىددەتلىق بولغان ‹‹ب ب س ›› گۇرۇپپىسى ، يەنە يېڭىدىن يىتىلىپ چىققان يۇشۇرۇن كۈچى زور بولغان تالانتلىق مەرگەن خېسەينىمۇ ئۇنتۇپ قېلىشقا بولمايدۇ . ‹‹ئا س گىزىتى ›› نىڭ بىر مۇخپىرى مۇنداق دىگەن : ‹‹ مەن ھېچقاچان خانلىق مادرېدقا ئوخشاش ئەركىن -ئازادە ھالەتتە 8كۈچلۈككە كىرىش مۇسابىقىسى ئوينىغان كۇلۇپنى كۆرمىگەن . ›› . نۇرغۇنلىغان تورداشلار :‹‹ ھازىر بەيرېنغا تاقابىل تۇرغۇدەك كۇلۇپتىن پەقەت بىرنەچچىسى بار ، ئەنچىلوتى يىتەكچىلىكىدىكى خانلىق مادرېد شۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىرسى . ›› دىگەن .
مەنبە : http://sports.sina.com.cn/g/ucl/2014-02-27/09507043038.shtml |
|