- تىزىملاتقان
- 2011-2-12
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-3-10
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 8127
- نادىر
- 16
- يازما
- 8127
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا توپ تەپكۈچى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-2-27 19:37
ئۈچ مەيدان مۇسابىقىدىن توختاش ۋاقتىنى ئاخىرلاشتۇرغاندىن كېيىن ، كىرىستىئانو رونالدو بۈگۈن سەھەردىكى ياۋورپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسىدە مەيدانغا چىقتى .ھەمدە ئىككى توپ كىرگۈزۈپ كوماندىنىڭ رەقىبىنى چوڭ نومۇر پەرقى بىلەن يېڭىشىگە كۈچ قوشتى .بۇ مۇسابىقىدىن كېيىن رونالدونىڭ بۇ پەسىل ياۋروپا ئۇزغۇنلۇقتا جەمىي كىرگۈزگەن توپ سانى 11 گە يەتتى .( كەسپىي ھاياتىدا ھازىرغا قەدەر قاتناشقان ياۋروپا ئۇزغۇنلۇقتىكى ئومۇمىي توپ سانى 62 )
يېقىنقى ئىككى يىلدىن بۇيان كىشىلەر بارېسلونادىكى مېسسىنىڭ قايسى ۋاقىتتا ئىلگىرى خان مادرىدتا توپ تەپكەن داڭلىق ھۇجۇمچى « ئۈزۈك شاھ » راھۇلنىڭ بۇ تۈردىكى 71 توپ رېكورتىنى بوزىدۇ دەپ مۇنازىرە قىلىپ كېلىۋاتقان بولۇپ ، مانا ئەمدى رونالدو ئوتتۇرغا چىقىپ قالدى .بۇ توپچى قالتىس ئىپادىسى بىلەن ھازىر مېسسىگە يېتىشىۋېلىش ئالدىدا تۇرماقتا .رونالدو ھازىر « چەكلەنگەن رايون قاتىلى » ۋان نىستورولويدىن ئېشىپ ياۋروپا مەرگەنلەر رەت-تەرتىپىدە ئۈچىنچى ئورۇنغا چىقتى .مېسسى 66 توپ بىلەن بىرىنچى ئورۇندىكى راھۇلدىن كېيىن ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىۋاتىدۇ . گەرچە راھۇل قاتاردا ھازىرمۇ توپ تېپىۋاتقان بولسىمۇ ،ياۋروپا ئۇزغۇنلۇققا قاتنىشىش پۇرستى يوق .چېكىنىش باسقۇچىدا ،ھەر ئىككى توپچىنىڭ بۇ رېكورتىنى بۇزۇشى پەقەت ۋاقىت مەسلىسى بولۇپ قالدى .لېكىن قايسىسى بىرىنچى بولۇپ بۇزىدۇ ؟ ( باشقا تەپسىلاتى ئىلگىرى مۇنبەردە يوللانغانلىقى ئۈچۈن يېزىلمىدى )
توپ تەپكۈچى |
|