akyipakelan roni : 13999092457
كۆرۈش: 605|ئىنكاس: 19

تۇرپان بىرلەشمىسى باشلاندى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
23 – فېۋرال،ئاتەش دىيار تۇرپاندىكى پۇتبول سۆيەر قېرىنداشلار ئۈچۈن تۇلىمۇ خۇشاللىنارلىق بىركۈن بولدى. مەلۇم ئىجتىمائىي سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن يېرىم يىلدىن ئارتۇق توختاپ قالغان تۇرپان سەككىز كىشىلىك پۇتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسى قايتا باشلاندى، پۇتبولغا تەشنا دىللار سۆيۈنۈپ، - ئاخىرى بىرلەشمىمىز باشلاندى، - دېيىشىپ كەتتى.
بىرلەشمىگە قاڭقىل كوماندىسى، كارۋانچى كوماندىسى، ئەلقىيا كوماندىسى، ئىتتىپاق كوماندىسى، سەرناز كوماندىسى، فەرخان كوماندىسى، ياشلار بىرلەشمىسى كوماندىسى، شەھەرلىك 2 – ئوتتۇرامەكتەپ كوماندىسى قاتارلىق سەككىز كوماندا قاتناشتى.
چۈشتىن بۇرۇنقى تۇنجى مەيدان مۇسابىقىدە تۇرپان بىرلەشمىسىنىڭ سەردارى قاڭقىل كوماندىسى بىلەن يېڭىدىن قۇرۇلغان كارۋانچى كوماندىسى ئۇچراشتى.


قاڭقىل كوماندىسى

قاڭقىل كوماندىسىنىڭ ئوت كۈچى ئىنتايىن كۈچلۈك بولۇپ، تۇرپاندىكى داڭدار پۇلبولچىلارنىڭ كۆپىنچىسى مۇشۇكوماندىغا يىغىلغان ئىدى.

كارۋانچى كوماندىسى بۇ خىل ئەھۋالدا، مۇداپىئەنى ئاساس قىلىپ ئوينىدى.


كارۋانچى كوماندىسى

ئالدىنقى يېرىم مەيداندا نەتىجىدە ئۆزگىرىش بولمىدى. كېيىنكى يېرىم مەيدان ئەمدىلا باشلىنىپ تۇرۇشىغا قاڭقىل كوماندىسى ناھايىتى ياخشى ئورۇندىن بىرئىختىيارى توپ پۇرسىتىگە ئېرىشتى. قاڭقىل كوماندىسى پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، بىر توپ ئۇرىۋالدى، شۇنىڭدىن كېيىن ئىككىلا تەرەپ كۆپ تىركەشكەن بولسىمۇ نەتىجىدە ئۆزگىرىش بولماي، قاڭقىل كوماندىسى تۇنجى ئۈچ نومۇرنى قولغا كەلتۈردى.

چۈشتىن بۇرۇنقى ئىككىنچى مەيداندا ئىتتىپاق كوماندىسى بىلەن سەرناز كوماندىسى ئۇچراشتى.


سەرناز كوماندىسى

كېيىنكى يېرىم مەيداننىڭ ئاخىرىغا قەدەر نەتىجە 1:1 بىلەن داۋاملاشتى. ئىتتىپاق كوماندىسى بىرقېتىملىق ئىختىيارى توپ پۇرسىتىگە ئېرىشتى.


ئىتتىپاق كوماندىسى

سەرناز كوماندىسىنىڭ قاپقىچىسى ئادەم سېپىلى ھاسىل قىلىشتا زور خاتالىق سادىر قىلىپ، ئورۇننى توغرا بېكىتمىگەن، يەنەكېلىپ، سېپىل بىلەن بىر يۆنىلىشتە تۇرۇۋالغان بولۇپ، قاپقىنىڭ يەنە بىر تەرىپى پۈتۈنلەي ئوچۇق قالغان. شۇنىڭ بىلەن ئىتتىپاقنىڭ ھۇجۇمچىسى سۇ نىڭ قىينالمايلا بۇ توپنى ئۇرۇپ كىرگۈزۈپ، بۇ مەيدان مۇسابىقىنىڭ غەلبىسىنى قولغا كەلتۈرۈپ، قىممەتلىك ئۈچ نومۇرغا ئېرىشتى.

چۈشتىن كېيىنكى ئىككى مەيداننىڭ نەتىجىسى تۆۋەندىكىچە:
فارخان 1 : 4ئەلقىيا
ياشلار بىرلەشمىسى3 : 1 شەھەرلىك 2 – ئوتتۇرا مەكتەپ

ئەلقىيا كوماندىسىمۇ تۇرپان بىرلەشمىسىدىكى نەتىجىسى ئىزچىل ياخشى بولۇۋاتقان سەردار كوماندىلارنىڭ بىرى. فارخان كوماندىسى بولسا تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىدىن تەشكىللەنگەن بولۇپ، بۇ نەتىجىنى پۈتۈنلەي قوبۇل قىلغىلى بولاتتى. چۈنكى بىرلەشمىگە قاتنىشىپ تۇنجى مەيداندىلا بۇنداق سەردار كوماندا بىلەن ئۇچرۇشۇش ئۇلار ئۈچۈن ئاسان ئەمەس. يەنە كېلىپ ئۇلارنىڭ بىرلەشمىگە قاتنىشىشتىكى مەقسىتى بۇقېتىمدىلا نەتىجە ئېلىش بولماستىن بەلكى چېنىقىش، تەجرىبە توپلاش ئىدى.

ياشلار بىرلەشمىسى بىلەن 2 – ئوتتۇرا مەكتەپ كوماندىسىغا كەلسەك، ياشلار بىرلەشمىسى ئىلگىرىكى نەتىجىلىرى كۆڭۈلدىكىدەك بولمايۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن بۈگۈنكى ئىپادىسى خىلى ياخشى. يەنە كېلىپ ئەزالاردىمۇ كۆپ ئۆزگىرىش بولغان ئىدى.
(بىر قىسىم كوماندىلارنىڭ رەسىمى كېيىن يوللىنىدۇ)
شەھەرلىك 2 –ئوتتۇر مەكتەپ كوماندىسى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ كوماندىسىدىن تەشكىللەنگەن ئوقۇغۇچىلار كوماندىسى بولۇپ، ئۇلارنىڭ تېخىمۇ ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشى ئۈچۈن تاماشىبىنلار ئۇزۇنغىچە مەدەت بېرىشتى.
پۇتبولچىلىقنىڭ كەلگۈسى يەنىلار ئۆسمۈرلەردە، بىز بۇ ئىككى ئوقۇغۇچىلار كوماندىسىنىڭ بىخەتەرلىككەئالاھىدە دىققەت قىلىپ، تېخىمۇ ئالغا ئىلگىرىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

مۇسابىقە جەريانىدىكى بىر قىسىم كۆرۈنۈشلەر









پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-2-24 17:49:52 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەيدان شارائىتى ياخشى ئىكەن ھە تۇرپان بىرلەشمىسىنىڭ تىخىمۇ تەرەققى قىلىىشىنى ئۇمۇد قىىلىمەن
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-2-24 17:58:15 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئورنى قەيەردە ۋاقتى قاچان مەنمۇبېرىپ كۆرەي
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-2-24 18:00:43 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئورنى: ۋىلايەتلىك تەجرىبە ئوتتۇرا مەكتەپ پۇتبول مەيدانى
ۋاقتى: ھەر يەكشەنبە كۈنى (چۈشتىن بۇرۇن ئىككى مەيدان، چۈشتىن كېيىن ئىككى مەيدان)
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-2-24 18:07:36 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇسابىقە  ئۇرۇنلاشتۇرۇشىڭلا  ياخشى  بوپتۇ  ھە ،  ھەر  يەكشەنبە  بولسا  باشقا  ئىشلاغا  پۇتلاشمىغۇدەك
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-2-24 18:09:47 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەر يەكشەنبە كۈنى؟ ھەر يەكشەنبە كۈنى باما؟ مانا تاماششا! ھەر يەكشەنبە كۈنى مۇسابىقە كۆرسەم ئۇيغۇر توپچىلىرىمىزغا ھۇررا توۋلىسام نىمىدىگەن بەخىت ھە! ئاتەش بۇرادەر تېلىفۇن نۇمۇرىڭىزنى قالدۇرۇپ قويامسىز تەجىربە ئوتتۇرا مەكتەپكە بارغاندا تونۇشۇپ قالامىز
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-2-24 18:30:33 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەرەپ تەرەپتە قىززىپ كىتىۋاتىدۇ باللا ماۋۇ مۇسابىقىلەر، قەشقەردىمۇ بىرلەشمە مۇسابىقە دىگەندەك مۇسابىقىلەر بولسا ھايت دەپ قوياڭلار، ۋاقت چىقىرارمىز
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-2-24 18:51:22 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەيدان بەك ياخشى ئىكەن
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-2-24 19:17:28 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قەشقەر ،قاچانمۇ بولار مۇشۇنداق ئىشلار.تىجارەتچىلەر بىلەن شەنبە يەكشەنبە ئوينىغاندىن باشقا قىزىغىدەك مۇسابىقىمۇ يوق.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-2-24 19:21:51 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ronaldo10 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-2-24 19:33  

2011-يىلى 5-ئايدىكى مۇسابىقە ئىسىڭلاردا بارمىكى ئاتەش .‹پەتتار يىزا-ئىگىلىك لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسى› ،،،،،شۇ مۇسابىقىنىمۇ دەل مۇشۇ مەيداندا ئۆتكۈزگەن ،قاراماي (ئابدىۋەلى ئوينىغان ،قىزىل ياقۇتتىكى) بىرىنجى بولغانتى. شۇ چاغدىمۇ قاڭقىل كوماندىسى تۇرپانغا ۋاكالىتەن مۇسابىقە ئوينىغان .
ئەمما مەيدان پەچەت
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-2-24 19:24:49 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
8 كىشىلىك يىڭى مۇسابىقە قائىدىسى ئوخشىمامدا
ھە راسىت ئاۋۇ قاڭقىل كوماندىسىكى سادىقنى تونۇپ قالدىم ، ئاستى رەت ئوڭ تەرەپ بىرىنجىسى ، كۆزىنى ئاپتاپ چىقىۋەتتىمۇ
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-2-24 20:27:27 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىز ئوينىغان مەكتەپ شۇ مەيدان شارائىتى ياخشى دەيمە
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-4-25 14:31

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش