ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 150 |
جۇغلانمىسى: 2356 |
تۆھپىسى: سەر |
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا بۇغدا تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-2-22 11:42
دىيارىمىز ۋاقتى 2-ئاينىڭ 22-كۈنى ئەتتىگەن سائەت 1:30 دا فىرانسىيە بىرلەشمىسى 26-ئايلانمىسىنىڭ تۇنجى مەيدان مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلدى. مۇناكو كوماندىسى ئۆز مەيدانىدا رېمىس كوماندىسىنى كۈتىۋالدى. مۇسابىقە باشلىنىپ 8-مىنۇتىغا قەدەم قويغاندا موناكو توپچىسى جىرمان توپ ئۇرۇپ ئۈستۈنلۈككە ئۆتتى. 53-مىنۇتىغا قەدەم قويغاندا رېمىس كوماندىسىىنىڭ ئوتتۇرا مەيدان توپچىسى ئونىيانگو توپ ئۇرۇپ نەتىجىنى تەڭلەشتۈردى. 63-مىنۇتىغا قەدەم قويغاندا موناكو توپچىسى تۇلالان توپ ئۇرۇپ مۇناكو يەنە بىر قېتىم ئۈستۈنلۈككە ئۆتتى. 71 -مىنۇتىغا قەدەم قويغاندا يەنە شۇ رېمىس توپچىسى ئونىيانگو توپ ئۇرۇپ نەتىجىنى تەڭلەشتۈردى. مۇسابىقە 95-مىنۇتىغا قەدەم قويغاندا موناكۇ توپچىسى كورزاۋا قارشى تەرەپنى بۇغۇزلىدى، شۇنداقلا قىممەتلىك 3 نۇمۇرنى قولغا كەلتۈرۈپ 1 مەيدان ئارتۇق ئوينىغان ئەھۋال ئاستىدا پارىژ سان ژىرمان كۇلۇبى بىلەن بولغان پەرىقنى 2 نۇمۇرغا چۈشۈردى.
فىلەش:
باشقا مۇسابىقىلەر:
كوماندا مۇسابىقە ۋاقتى (دىيارىمىز ۋاقتى )
مارسېل-لورىئان 2-ئاينىڭ 22-كۈنى سائەت 22:00
باستىيا-سانت ئېتىئېن 2-ئاينىڭ 23-كۈنى سائەت 1:00
بوردو-ئىۋىئېن 2-ئاينىڭ 23-كۈنى سائەت 1:00
گەنگامىپ-نىس 2-ئاينىڭ 23-كۈنى سائەت 1:00
مونپىلىئېر-ئاياكشو 2-ئاينىڭ 23-كۈنى سائەت 1:00
ۋالونشىنا-سوشو 2-ئاينىڭ 23-كۈنى سائەت 1:00
تۇلۇز-پارىژ سان ژىرمان 2-ئاينىڭ 23-كۈنى سائەت 19:00
نەنتىس-رېنئېن 2-ئاينىڭ 23-كۈنى سائەت 22:00
لىل-لىيون 2-ئاينىڭ 24-كۈنى سائەت 2:00
2-ئاينىڭ 24-كۈنى فىرانسىيە بىرلەشمىسى 24-ئايلانما مۇسابىقىسىنىڭ تۇلۇقلىما مۇسابىقىسى بوردو بىلەن لورىئان ئوتتۇرسىدا ئۆتكۈزىلىدۇ.
|
|