مېسسىنىڭ كىرگۈزگەن توپى ياۋروپانى قاپلىدى
2- ئاينىڭ 19- كۈنى مېسسى مانچېستېر شەھرىگە ئۇرغان نۇقتا توپى ئۇنىڭ ئۇزغۇنلۇقتا ئۇرغان 66- توپى، تارىختىكى مەرگەنلەردىن رائۇل كىرگۈزگەن 71 توپقا يەنە 5 توپلا پەرق قالدى.
رائۇل 71 توپنى 144 مەيدان مۇسابقىدە كىرگۈزگەن بولۇپ، ئاساسەن ھەر ئىككى مەيداندا بىر توپ كىرگۈزگەن، بىراق،مېسسى 83 مەيداندا 66 توپ كىرگۈزۈپ، ھەر مەيداندا 0.79 قا يەتكۈزگەن! بارسېلونانىڭ ئۇزغۇنلۇقتا 8 كۈچلۈككە كىرىشتە ئاساسەن ئۈستۈنلۈكنى ئىگەللەپ بولدى دېسەك، ئۇنداقتا مېسسىنڭ ئۇزغۇنلۇقتا ئەڭ كەم دېگەندىمۇ 3 مەيدان مۇسابىقىسى بار، بۇ 3 مەيداندا ئۇ رائۇلدىن ئاشالارمۇ؟
يەنە كىلىپ، مېسسى ئىسپانىيە بىرلەشمىسىدىن باشقا بىرلەشمىلەردىكى 20 كوماندىنىڭ ئۆز مەيدانىدا توپ كىرگۈزگەن،2005- يىلى11- ئايدا بارسا5-0 پاناشىناكىسنى يەڭگەندە توپ كىرگۈزگەندىن باشلاپ،ئۇزغۇنلۇقتا ئىزچىل يۇقىرى توپ كىرگۈزۈش ھالىتىنى ساقلاپ كەلگەن،66 توپنىڭ 36 سى نوكەمپۇدا،30 سى قارشى تەرەپ مەيدانىدا كىرگۈزگەن،بۇ قەدىمى ئىسپانىيە، پورتۇگالىيە،گېرمانىيە،ئەنگىلىيە،ئىتالىيە،فىرانسىيە،چېخ،دانىيە،روسيە،بىلوروسىيە،ئۇكرائىنا،گىرىتسىيە،شىۋىتسارىيە،شوتلاندىيە قاتارلىق 14 دۆلەتكە،مادىرىد، لېسسابون،لوندون، مانچېستېر،گىلاسىكو،پارىژ،لىئون،مىلان، باسسېل،رىم،موسىكىۋا،كىيېۋ..... قاتارلىق 20 شەھەر،ياۋروپانىڭ 3\2 قىسىمغا يەتكەن.... |