ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 923 |
تۆھپىسى: سەر |
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا قۇياش تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-2-20 12:59
مول،گۈزەل بولغان ئىجادىي پاسچانلىقى+كىشىنىڭ ئېسىدە ئاسان قالىدىغان چىرايى، ئۆزىل بۇرۇندىنلا پۇتبول دۇنياسىدا چولپان بولۇشنىڭ شەرتلىرىنى ھازىرلىغان ئىدى.لېكىن، ئۆزىدىكى بارىلىق ئاكتىپ ئامىللارنى تولۇق،داۋاملىق چىقىرىشقا ئۆزىل ھازىرغىچە ئامالسىز.50مىليۇن ياۋرولۇق باھا بېسىمى ئاستىدا، ئۆزىل دەسلەپكى قوشۇلغان چاغلاردا ئارسىنالغا زور ھاياتى كۈچ ئېلىپ كەلگەن، بىراق، ۋاقتىنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ، ئۇ گېرمانىيە توپچىلىرىنىڭ ئىرادە ئارقىسىدىكى ئاجىز يەنە بىر تەرىپىنى ئاشكارىلاپ قويدى.
بايرېن بىلەن بولغان مۇسابقىدىن بۇرۇن، زور كۆپچىلىك ئارسىنالدىن ئۈمىد كۈتمىگەن بولسىمۇ، لېكىن، ئارسىنالنىڭ قوللىغۇچىلىرى ئارسىنالنىڭ ئۇتتۇرىۋەتمەسلىكىنى ،ھەتتا يېڭىشىنى ئىزچىل ئۈمىد قىلىپ كەلدى، بايېرىننىڭ شۇنداق كۈچلۈكلۈكىنى ئۇلار بىلىدۇ، نېمە ئۈچۈن؟ سەۋەبى: ئۆزىل بارغانسىرى ياخشى ھالىتىنى تاپماقتا....مانچېستېر بىلەن تەڭلىشىش، لېۋىرپولنى ئۇتۇش مۇسابقىلىرىدە،ئۆزىلنىڭ ئىپادىسى بۇرۇنقىغا قارىغاندا ياخشى بولۇپ، كۆپچىلىكنى ئۈمىدلەندۈردى، شۇنىڭ بىلەن،ئۇ بايېرىن بىلەن بولغان مۇسابقىدە ئۈمىدكە ئايلاندى.
مۇسابقە باشلىنىپ،ئارسىنالنىڭ ئىپادىسى ھەممەيلەننى ھەيران قالدۇردى، ئۆزىل، جامبېرلىن،سانوگېلار بايېرىننىڭ مۇداپىئەسىنى ھەقىقەتەن تەمتىرەتتى، ئۇزۇن ئۆتمەي، ئۆزىل يالغان ھەرىكەت بىلەن بوئاتېڭنى ئالداپ، نۇقتا توپقا ئېرىشتى، ئۇ ئۆزى تېپىشنى قارار قىلدى، بىراق، نۇقتا توپ تەپكەندە، تېپىشدىن بۇرۇن قوزىلىپ بولۇپ، ياردەم يۈگۈرىشى ئاستا، نويىرنى ئالداپ ،ئوتتۇرىغا ئۇرۇشتا نويىرنى تولۇق ئالدىيالمىغان بولغاچقا، نويىر بۇ توپنى توسۇۋالدى. بۇ ئۇنىڭ ئۇزغۇنلۇقتا ئىككىنجى قېتىم،نۇقتا توپنى كىرگۈزەلمەسلىكى ،بۇ گېرمانىيە توپچىلىرىنىڭ ئىچىدە تۇنجى قېتىم.بۇ ئۆزىلگە نىسبەتەن زور زەربە بولدى. بىراق،شۇندىن كېيىن،مۇسابقىنىڭ ۋەزىيتىدە ئۆزگىرىش بولدى. شۇندىن كېيىن، ئۆزىل بۇرۇنقى مۇسابىقىلەردە كۆرۈلۈپ باقمىغان ھالەتتە ،ئاكتىپ مۇداپىئەگە قايتتى، بۇ مۇسابقىدە 11.69 كىلومېتىر يۈگۈرۈپ،بۇجەھەتتە ۋېلشىر،فىلامىنىڭلا ئارقىسىدا تۇردى. ئارسېنال شۇنداق قىلىپ بۇ مەيداندا ئۇتتۇردى. . مۇسابقىدىن كېيىن، ئەنگىليە ئاخبارات ۋاستىلىرى ئۆزىلىنى سۆكۈشنى باشلدى:‹‹ئەسلىدە گېرمانلارمۇ نۇقتا توپتا تايىنلىقكەن.››
بۇ مۇسابقىدە BBC نىڭ تەكلىپلىك مېھىمىنى بولغان،بۇرۇنقى ئېنگلاند دۆلەت توپچىسى كېرىس.ۋودېل باھالاپ:- ئۆزىل ئارسىنالغا يېڭى قوشۇلغان چاغدا، ئۇ دۇنيادىكى مۇنەۋۋەر توپچى، كوماندىدىكى ئەزالار ھەۋەس قىلىدىغان توپچى ئىدى. بىراق ھازىر پۈتۈنلەي ئوخشىماي قالدى، بۇ ئۇنىڭدىكى فىزىئولوگىيە جەھەتتىكى مەسىلە ياكى پىسخىكا جەھەتتىكى مەسلە ئىكەنلىكىنى بىلەلمىدىم.
نۇرغۇن ئارسىنال مەستانىلىرىمۇ ئۆزىلدىن ئۈمىدسىزلىنىشكە،ئاغرىنشقا باشلىدى. سېلىشتۇرساق، ئوخشاشلا گېرمان ۋە ئارسىنال توپچىسى، مېتېرساك بۇرۇنقى ۋە ھازىرقى مۇسابقىلەردە بولمىسۇن، ئىپادىسى ناھايىتى قەيسەر، غەلبە قىلىشقىلا ئىنتىلىدىغان، ئارقىدا قالغاندىمۇ بوشاشمايدىغان ئىرادىسىنى نامايەن قىلىپ تۇرىدۇ، ھېلىقى كۆرۈنۈش ،3-6 شەھەرگە ئۇتتۇرغاندا، مۇسابقە بويى ھورۇن ئوينىغان ئۆزىل، مۇسابىقىدىن كېيىن خىيالىدا يوق ھالدا مەيداندىكى مەستانىلەرگە رەھمىتىنى ئېيتىشقا بارغاندا مېتېرساكنىڭ ‹‹تەربىيەسى›› ھەممىمىزنىڭ ئىسىدە بولسا كېرىك.
بەزىلەر ئارسىنالنىڭ ھوجۇمچىسىنىڭ ، يان مۇداپىئەچىسىنىڭ تايىنى يوق دېيىشى مۇمكىن، ئومۇمەن ئېيتقاندا، ئاخشامقى مۇسابىقە، گەرچە ئارسىنال قەيسەرلىك بىلەن ئېلىشىپ،ھۆرمەتكە ئېرىشكەن بولسىمۇ، لېكىن،ئۆزىلىنىڭ ئىپادىسى يەنىلا كۆپچىلىكنى قايىل قىلالمىدى،بەلكى، ۋەتەنداش سەپداشلىرى، تونى.كىروس بۇ مەيداندا ئوت چىقىرىۋەتتى( مويىس نەقمەيداندا مۇسابىقە كۆردى، كىروسنىڭ ئىپادىسى بەلكىم ئۇنىڭ قىزىقىشىنى يەنىمۇ ئاشۇرغان بولىشى مۇمكىن)، مۈللېر زاپاس ئەزا بولۇپ چىقىپ، بىر نومۇر ئالدى،نويىرغىغۇ گەپ كەتمىدى..... بىراق ئۆزىل،يەنىلا ئۆزىل......؟!
ھەئە دەي دېسەم ئۆزىل مەن بۇرۇندىن ئامراق توپچىلاردىن، ياق دەي دېسەم، ئاخشام ئاشۇنداق بولدى،زادى بىلەلمىدىم، گۇناھ ئۆزىلدىمۇ؟ |
|