akyipakelan roni : 13999092457
كۆرۈش: 1307|ئىنكاس: 27

مانچىستىر شەھىرى2:0بارسىلونا ئۈستىدە تەھلىل

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   تىتانىك تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-2-20 03:15  

  مۇسابىقىدىن بۇرۇن ھەممە كىشىلەر بۇ مەيدان مۇسابىقىنى ئۆز-ئارا ھۇجۇمنى ئاساس قىلىدۇ دەپ ئويلىغان ھەم شۇنداقلا نۇرغۇن مۇسابىقە نەتىجىلىرىنى قىياس قىلغان.لىكىن پۇتبول يەنىلا پۇتبول،ھەر مەيدان مۇسابىقىدە دائىملىق ئەڭ كۈچلۈك بولغان سەپ شەكلىم بىلەن مۇسابىقە ئوينايمە دېگىلى بولمايدۇ.شۇڭلاشقا بۇ مەيدان مۇسابىقىدە ئىككى تەرەپ تېرنىرلىرى بىر مەيدان ئىسىل بولغان تاكتىكا ئۇرۇشى قىلدى.
بۇ مەيدان مۇسابىقىدە مانچىستىر شەھىرىنىڭ ئىشلەتكەن دەسلەپكى سەپ شەكلى بولسا 4-2-3-1.مۇسابىقە باشلىنىپ ئۇزاق ئۆتمەي سەپ شەكلى 4-4-1-1گە ئۆزگەردى.بارسىلونانىڭ بۇ مەيداندىكى سەپ شەكلى بولسا4-3-3.
wifi0s0540310045mmexport1392828094993.jpg
  ئېنژىنىرنىڭ 4-4-1-1سەپ شەكلى بىرلەشمىدىمۇ كۆپ ئۇچرايدۇ،لېكىن سول تەرەپكە بىر ئالدى بىر كەينى يان مۇداپىئەچى قۇيۇشى ئېنژىنىرنىڭ ئەڭ قاپ يۈرەكلىك بىلەن ئادەم ئىشلىتىشى ھەم ئەڭ ئالاھىدە بولغان ئادەم قۇيۇشى ھىسابلىنىدۇ.كولاروۋ بىلەن كىلىچ بولسا مۇداپىئەدىلا ئەمەس بەلكى ھۇجۇمدىمۇ ئوخشاش ناھايىتى ياخشى بولغان تەنھەركەتچى.بۇ ئورۇندا ئادەم قۇيۇشتا ختالىق يوق،بۇ تەرەپ بولسا بارسىلونەنىڭ ھۇجۇم قىلىشىدىكى ئاساسلىق يول،سانچىس بىلەن ئارۋېس بۇ يولدا ناھايىتى ياخشى ماسلىشىدۇ،مىسسىمۇ تولىراق بۇ يولدا ھەركەت قىلىدۇ،شۇڭا ئېنژىنىرنىڭ بۇ يولغا ئىككى سول مۇداپىئەچى قۇيۇشى توغرا.ئەمدىلا ئەسلىگە كەلگەن ناسىرىنى بولسا 60مىنۇت بولغاندا مەيدانغا چۈشۈرۈپ كوماندىنىڭ ھۇجۇم ۋە مۇداپىئەدىكى رېتىمىنى ئۆزگەرتىش بىر توغرا تاللاش.(ئالدىنقى كۈنىدىكى چېلىسى بىلەن بولغانمۇسابىقىدە زاپاس ئەزا بولۇپ مەيدانغا چىقىپ بىر توپ كىرگۈزگەن) .     بارسىلونا بولسا ئەنئەنىۋى 4-3-3شەكلى بىلەن مەيدانغا چىقتى.

  مۇسابىقە باشلانغاندىن كىيىن مانچىستىر شەھىرى ئالدىراپ ئالدىغا بېسىپ توپ تالاشماستىن بەلكى ئۆز مەيدانىدا مۇداپىئەدە تۇرۇپ ،قارشى تەرەپنىڭ ئەزاسى توپ ئېلىپ ئۆز مەيدانىغا ئۆتكەندىن كىيىن بىرگە بىر ياكى بىرگە بىرقانچە بولۇپ مۇداپىئەدە تۇردى.ئۇزغۇنلۇق ئويناش تارىخى ئۇزۇن بولغان بارسىلونامۇ بەك تۈزۈت قىلماي سەپ شەكلىگە ئاز تولا ئۆگەرتىش كىرگۈزدى،(ئاستىدىكى رەسىم)مىسسىنى كەينىگە تارتىپ ئوتتۇرا مەيداندىكى ئۆز-ئارا پاسنى ماسلشتىۇرغۇزدى،سول تەرەتىكى ئىنىستا بىلەن ئوڭ تەرەپتىكى سانچىسنى كەينىگىراق يۆتكەپ،ئارۋېسنىڭ ئورنىنى ئالدىغا سۈردى.ھازىرقى زامان پۇتبولىدا ھەممە كوماندىلارئوتتۇرا مەيدان تالىشىدۇ،كىم ئوتتۇرا مەيداندا ئادەم كۆپەيتەلىسە ۋەزىيەت شۇ تەرەپكە ياخشى بولىدۇ.
mmexport1392830391157.jpg
  بارسىلونا سەپ شەكلىنىڭ ئۆزگىرىشىگە نىسبەتەن مانچىستىرمۇ ئۆز سەپ شەكلىگە ئۆزگەرتىش كىرگۈزدى.كىلىچنى كەينىگە سۈرۈپ،ۋاراتار رايونى ئەتراپىنى قوغداشقا ئورۇنلاشتۇردى،كولاروۋنىمۇ ئوخشاشلا كەينىگە سۈردى،كولاروۋ ئەسلىدىمۇ يان مۇداپىئە ئورنىدىن چىققان،مۇداپىئە ئىقتىدارى ھۇجۇم ئىقتىدارىدىن كۈچلۈك،ئارۋېسنىڭ ئالدىغا بېسىشىنى تۇسۇش ئاساس مەقسەت قىلدى.مانچىستىرنىڭ ئەڭ مۇھىم ئۇرۇن ئۆزگەرتكەن ئادىمى بولسا دېمچىلىس بولۇپ،ئۇنى ئالدىغا چىقىرىپ كومپانىينى كەينىگە قويغان.سانچېس بولسا مىسسىنىڭ رولىنى ئالدى.دېققەت قىلساق سەپ شەكلى ئۆزگەرتىلگەندىن كىيىنكى دېمچىلىسنىڭ ناھايىتى كەڭرى بولغان بولۇپ،ئوتتۇرا مەيداندىكى توپ تالىشىشقا قاتنىشالايدۇ ھەم شۇنداقلا ئىككى قاناتتىكى مۇداپىئەگە قاتنىشالايدۇ،ئارقا مەيداندىكى ئەركىن ئادەمنىڭ رولىنى ئالدى.
mmexport1392831905754.jpg

مانچىستىر ئالدىنقى مەيداندىكى قاتتىق مۇداپىئە بىلەن بارسىلونانىڭ ھۇجۇملىرىنى تۇسۇش بىلەن بىرگە مەيداندىكى قارشى تەرەپكە ئېلىپ كەلگەن تەھدىتى جەھەتتە بارسىلونادىن يۇقىرى تۇردى،بارسىلونا قارشى تەرەپنىڭ قاتتىق مۇداپىئەسىدىنيۇچۇق تاپالماي ئامال يوق كەينىگە قايتۇرۇپ ئويناشقا يۈزلەندى،لىكىن بۇنى قۇبۇل قىلغىلى بولىدۇ چۈنكى بارسىلونا مېھمان ھالەتتە .ئەگەر تەڭلىشىپ قالسا مانچىستىرنىڭ ئىشى چاتاق ،چۈنكى نوكەمپۇدا ئۇتۇش ئۇنچە ئاسانغا توختىمايدۇ.كىيىنكى مەيداندا مانچىستىر پۈتۈن كۈچ بىلەن ئالدىغا بېسىپ ،ھۇجۇم قىلىپ،مۇداپىئە سېپىدە يۇچۇق ئېچىلىشقا باشلىدى.
  ئېنژىنىر كىيىنكى مەيدان مۇسابىقە باشلىنىشىغا كوماندىنى پۈتۈن سەپ بۇيىچە ئالدىغا سۈردى،ھۇجۇم قىلىش ياخشى،لىكىن نەتىجە تەڭ ئەھۋال ئاستىدا،كىينكى مەيدان مۇسابىقە باشلىنىشىغا پۈتۈن سەپ بۇيىچە ئالدىغا ھۇجۇم قىلىش ئادەمنى سەل ھەيران قالدۇردى.مانچىستىر توختىماي بارسىلونانىڭ ئوڭ تەرىپىدىن ھۇجۇم قىلىشنى باشلىدى،چۈنكى ئوڭ مۇداپىئەچى ئارۋېستا بىر سېرىق كارتا بار ئىدى.ھەممىمىز بىلىمىز كىچىك ھالقىلار مۇسابىقىنىڭ نەتىجىسىنى بەلگىلەپ قۇيىدۇ،بۇلۇپمۇ بۇنداق يۇقىرى سەۋىيەلىك مۇسابىقىلەردەكىچىككىنە بىر سەۋەنلىك ياكى كىچىككىنە خاتا ھۆكۈم مۇسابىقە نەتىجىسىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ.بۇ مەيدان مۇسابىقىدە دەل مۇشۇ سەۋەنلىكلەر ئۆزىنى ئىسپاتلاپ قويدى.
wifi0s0453796701mmexport1392833143004.jpg
  كومپانىينىڭ كىچىككىنە بىر خاتالىقى ۋە سەبدىشى بىلەن بولغان ماسلىشىشنىڭ ياخشى بولماسلىقى مىسسىگە بىر پۇرسەت يارىتىپ بەردى،ھەمدە دومنىكىرىسنىڭ قىزىل كارتا يېيىشىگە سەۋەپچى بولدى.تالاش تارتىش كەلتۈرۈش كەلتۈرۈپ چىقارغان بۇ نۇقتا توپنى مىسسى كىرگۈزۈپ،مېھمان مەيداندىكى ھىممەتلىك بىر توپقا ئېرىشتى.
  بىر توپ كەينىدە قالغان مانچىستىر دەرھال سەپ شەكلىگە ئۆزگەرتىش كىرگۈزدى،ناسىرى بىلەن لىسكوتنى مەيدانغا چىقاردى،سەپ شەكلى بولسا4-1-3-1،فىرنەندو يەككە ئارقا بەل ئورنىنى ئوينىدئۇنىڭ بۇ ئورۇندىكى ئىپادىسىمۇ ئىنتايىن قالتىس بولدى.مانچىستىرنىڭ بىر ئادىمى ئاز بولغاچ ئارۋېسقىمۇ بوش ئورۇنلار ئېچىلىپ ،ئالدىغا بېسىپ ئويناش پۇرسىتى كەلدى.
mmexport1392833783735.jpeg
   زېكو مەيدانغا چىققاندىن كىيىن مانچىستىر شەھەرىنىڭ ھۇجۇمى يەنە كۈچىيىشكە باشلىدى،زېكونىڭ ئالدى مەيداندا توختىماي ناسىرى ۋە سېلۋا بىلەن ئورۇن ئالماشتۇرۇشى،يايا تورىنىڭ سول ئالدى تەرەپكە چىقىپ توپ ئېلىشى ،پىكېنى زورلاپ يان مۇداپىئە ئورىنىغا سۈرگۈزدى.ئېنژىنىرنىڭ بۇ خىل ئويناش ئۇسۇلىئانامىنى كۆرسەتتە،بىر ئادەم ئاز مانچىستىرنىڭ ۋارتار ئالدىدىكى پۇرسەتلىرى ئالدىنقى يېرىم مەيداندىكىدىن كۆپ بولدى.لېكىن بۇنداق ئالدىغا بېسىشنىڭ پايدىسىمۇ بار زىينىمۇ بار ئەلۋەتتە،قارشى تەرەپ قايتارما ھۇجۇمغا ئۆتۈپلا قالسا،ئاقىۋېتىنى ھەممىمىز بىلىمىز.
mmexport1392835077590.jpeg
  مۇسابىقىنىڭ 78-مىنۇتىدا ،مانچىستىرنىڭ ئالدىغا ھەددىدىن زىيادە بېسىۋېلىشىدىن،ئوتتتۇرا مەيداندىكى توپ قۇبۇل قلغۇچىلارنىڭ ئاز بولىشى،مۇداپىئە ئەزاسىەنىڭ خاتا پاس بېرىشى بىلەن ،توپ بارسىلونا كوماندىسىغا ئۆتۈپ قالىدۇ،رەسىمدىن كۆرىۋېلىشقا بولىدۇكى نېيمار ئۆزى يالغۇز ئۈچ مۇداپىئەچى ئازانى ئۆزىگە قاراتقان،ياخشى يېرى بۇ قېتىملىق ھۇجۇم ئۈنۈملۈك بولماي قالغان.
wifi0s0-1548081359mmexport1392835401655.jpeg
  خۇلاسە
    بۇ مەيدان مۇسابىقىدە ناۋاسنىڭ رولى ياخشى بولماي قالدى،چۈنكى ناۋاس ئالبانىڭ ئالدىغا بېسىۋىلىشىدىن ئۈنۈملۈك ساقلىنالايدۇ،چۈنكى ناۋاستا سۈرئەت تېز،يان تەرەپتىكى بۈسۈپ كىرىشى ياخشى بولۇپ ،قارشى تەرەپ يان مۇداپىئەچىسىگە خېلى ئاۋارىچىلىقلارنى ئېلىپ كېلەتتى،لېكىن ئۇ بۇ ۋەزىپىنىڭ ھۆدىدىسىدىن ياخشى چىقالمىدى.بارسىلونا بىلەن بولغان مۇسابىقىدە ھاۋادىكى توپتىن ياخشى پايدىلىنىش ئەڭ مۇھىم،لىكىن ھۇجۇمدىكى نېگىردونىڭ پۇرسەتلەرنى تۇتىشىمۇ ياخشى بولىمىدى.
   بارسىلونا تەرەپتە بولسا مىسسىنىڭ ئەركىن ئەزا بولۇپ ئوينىشى ئىككى قاناتتىكى ھۇجۇمچىلارغا تېخىمۇ كۆپ پۇرسەت يارىتىپ بەردى.ئىنىستا بىلەن فابرىگاسنىڭ ئورۇن ئالماشتۇرۇپ ئوينىشى ناھايىتى ئۈنۈملۈك بولدى.
    بۇ مەيدان مۇسابىقىدە رېپىرنىڭ تەسىرى سەل چوڭ بولۇپ قالدى،قانداقلا بولسۇن مانچىستىرمۇ ياۋرۇپادىكى ئۆزىنىڭ كۈچلۈك بولغان سەۋىيەسىنى چىقاردى،ئۇنىڭ ئۈسىتىگە ئۇلارنىڭ قابىل ھۇجۇمچىسى ئاگۈيرو يارىدار ھالەتتە،ئىشىنىمزكى كىيىنكى ئۇچرىشىشتا مانچىستىر ئەزالىرى مۈرىنى مۈرىگە تېرەپ جەڭ قىلىپ بارسىلونا كوماندىس  ئۈستىدىن غەلبە قىلىش ئۈچۈن تىرىشىدۇ ،ھەممىمىز بىرلىكتە كىيىكى مەيدان ئۇچرىشىشنى ساقلايلى!!


          تۆۋەندە بىر قانچە پارچە قىزىقارلىق كىرىشتۈرۈلگەن رەسىم باركەن،ئايرىم تېما قىلغىلى بولمايدىكەن،ھۇزۇرلىناسىلەر.
  شۇنچە يىل تېرنىرلىق قىلىش جەريانىدا تېخىچە ئۇزغۇنلۇق لوڭقىسىنى كۆتۈرۈپ باقمىغان بۇ تېرنىر بۇ يىل بەيرىن ئۆتكۈلىدىن ئۆتەلەرمۇ؟
wifi0s0-4556644142013-11-29 172329.jpg
   ياۋرۇپادىكى نۇرغۇن كوماندىلارغا توپ ئۇرغان بۇ چولپان ئۆزىنىڭ چېلىسىغا توپ ئۇرالماسلىق قارغىشىنى بۇ يىل ئۇزغۇنلۇق سەپىرىدە بۇزلارمۇ؟
AAEDF3D4DFB6094E700E79AD32C515B2.jpg
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-2-20 03:17:59 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ما بالىنىڭ جايىللىقىنى نەتىجىنى چىقارمىسىڭىزمۇ بۇلاتتى
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-2-20 03:20:58 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاستىدىكى ئىككى پارچا رەسىم بوپ قالىدىكەن ..
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-2-20 03:24:09 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىراس يوللىغان ۋاقتى  2014-2-20 03:17
ما بالىنىڭ جايىللىقىنى نەتىجىنى چىقارمىسىڭىزمۇ بۇلات ...

نەتىجىنى تەستىقلىغاندا ئۆچۈرۋەتسىڭىز خاپا بولمايتىم
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-2-20 03:25:46 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
eliborisi يوللىغان ۋاقتى  2014-2-20 03:20
ئاستىدىكى ئىككى پارچا رەسىم بوپ قالىدىكەن ..


خۇداغا شۈكرى ئىككى پارچە رەسىم قىستۇرۇپتىكەنمە،بولمىسا ھېچىنىمە يارىماسكەن سىزگە.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-2-20 03:29:37 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تىتانىك يوللىغان ۋاقتى  2014-2-20 03:24
نەتىجىنى تەستىقلىغاندا ئۆچۈرۋەتسىڭىز خاپا بولمايتى ...

تەستىقلاشتىن بۇرۇن تەھرىرلىگىلى بولمايدىكەن
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-2-20 03:31:06 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تىتانىك يوللىغان ۋاقتى  2014-2-20 03:25
خۇداغا شۈكرى ئىككى پارچە رەسىم قىستۇرۇپتىكەنمە،بولم ...

، تەھلىلىڭلارنى توغرا دەپ قارىدىم ، شۇڭا ئوخشىمىغان پىكىرلەرنى كۆرۈپ باقاي دىدىمغۇ ، ئۇنىڭ ئۇستىگە مىلەن بىلەن ئاتلىتكىنىڭ مۇسابىقىسىنىڭ كۆرۈش ئادرىسىنى ئىزدەپ شۇنى تەڭشەۋاتقان ، بىر قىتىمدا ئىككى مۇسابىقىنى تەڭ كۆرەي دەپچۇ ..
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-2-20 03:34:50 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
eliborisi يوللىغان ۋاقتى  2014-2-20 03:31
، تەھلىلىڭلارنى توغرا دەپ قارىدىم ، شۇڭا ئوخشى ...

تور سۈرىىتىڭلا  يەتمەي قالارمىكىن.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-2-20 03:57:28 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئارسىنال   قايتۇرما  ھۇجۇمنىڭ  ئانىسىنى  كۆزىگە كۆرسىتىۋاتىدۇ.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-2-20 04:01:17 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇشۇنداق ئويناپ  ئارسىنال  5  توپ  يەپ  كەتسىمۇ  ئارسىنالدىن  رازى  بوپ  كىتەتتىم.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-2-20 04:49:20 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شەھەر  بىلەن  بارسانىڭ  مۇسابىقىسى  ئاياقلاشتى  ،  تاس  قالدى  ئۇلا  ئۇرۇشمىسا  بىزنىڭ  مۇنبەردىكىلەر ئۇرۇشقىلى  ،  يەنە  ئۇرۇشىدىغانلا  چىقامۇ  ھە
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-2-20 09:41:44 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاستىدىكى رەسمىدە بىر مسسىغا 10 ئادەم بىرلىشىپ چىقىمىز دەۋاتامىدۇ نىمە
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-4-25 17:31

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش