ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 2978 |
تۆھپىسى: سەر |
|
ئاخشام كۆزەمنى يىرتىپ تۇرۇپ ئېچىپ كۆردۈم مۇسابىقىنى، شەھەرلىكلەردىن ئاگۇيرو مەيداندا يوق چاتاق بولدى، نېگرىدو خېلى كۈچەپ ئوينىغان، كېيىن زېكو چىقتى، توۋا مۇشۇ كەمگىچە زېكو دېگەننىڭ بۇنچىۋالا لىڭتاسما ئىكەنلىكىنى ئويلىماپتىكەنمەن، توپ ئويناشنى يېڭى ئۆگەنگەندەك ھەرىكەت قىلىدىكەن دېسە، ئاۋۇ دېمكەيلىس قىزىل كارتىنى يېيىشتىن بۇرۇن مۇداپىئە دېگەننى خېلى راۋۇرۇس قىلىپ قويغان، ھاياجانلىنىپ قالدى، بىكار پۇت سېلىپ ئۆزى قىزىل كارتا يەپ خەققە نۇقتا توپ قويۇپ بەرگۈچە كەينىدىن يۇگۈرۈپ باقسا، ھېچ بولمىسا ۋاراتار تۇتۇۋالار بولغىيدى، توپ كىرگەن تەقدىردىمۇ بىر ئادەم كەم بولماستى،
بارسېلونا توپ كونترول قىلىشتا بۇرۇنقىدىن راسلا چېكىنىش بوپتۇ، گەرچە توپ كونترول قىلىش ۋاقتى ئۇزۇن بولغان بىلەن بۇرۇنقىدەك مىغ-مىغ ئادەمنىڭ ئارىسىدا تاراسلىتىپ پاسلىشىپ كېتىدىغان ھۈنەرلىرى ئاز قاپتۇ، لېكىن ئاخشامقى مۇسابىقىدە شەھەرنى ئۇتقۇدەك كۈچ ۋە ھەيۋىنىڭ بارلىقىنى كۆرسىتىپ قويدى |
|