ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 150 |
جۇغلانمىسى: 3127 |
تۆھپىسى: سەر |
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا سەبرى22 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-2-19 06:42
بۈگۈن يەنە بىر قېتىم مارتىنوغا قايىل بولدۇم....ئىتراپ قىلىمەن، قىزىل كارتا بىلەن نۇقتا توپ ھەقىقەتەن ئېغىر كەتتى.ئەمما نەتىجە مۇشۇنداق بەلگىلىنىپ بولدى.ئويلايمەن ئارتۇقچە خاۋاتىرسىزلىنىشنىڭ، يەنە قۇرۇق جېدەل پاراڭ تېپىشنىڭ ئورنى يوق دەپ.بارىسلونا ئۈزىدىكى ئەڭ چوڭ ئاجىزلىق بولغان مۇداپىيەدىكى بوشلۇقنى.ئوتتۇرا مەيداننى كۈچەيتىش ئارقىلىق ياپتى...
بۈگۈنكى بارسىلونانىڭ قوللانغان تاكتىكىسى ھەققىدە ئازىراق مۇلاھىزە ئېلىپ بارساق.
سول كىراي ئۇرۇندىكى ئىنىسىتا،ئوتتۇرا مەيداندا شاۋى،فابرىگاس،بۇسكېس،4نەپەر ئوتتۇرا مەيدان تۇلۇق چۈشتى.بۇنىڭلىق بىلەن مۇداپىيە ئاجىزلىقى پەسكويغا چۈشتى.بۇلار ھەممىسى باشتىن ئاياق مەيداننى كونتىرول قىلىپ ئوتتۇرا مەيداندىن توپ كەتكۈزۈشنىڭ ئالدىنى ئالدى. ئوتتۇرا يولدىن خاتىرجەم بولغان بارسىلونا ھىچكىم ئويلاپ باقمىغان مىسسىنى ياكى سانچېسنى ھۇجۇمغا كۈچەيتمەي ،ئەكسىچە ئوڭ سول قاناتتىكى ئاربا بىلەن ئالۋېس پۈتۈن سۈرئەت بۇيىچە ھۇجۇمغا ئۈتۈشكە باشلىدى.شۇنىڭلىق بىلەن مىسسى سانچېس ھۇجۇمدا قۇشۇمچە رول ئوينىدى.ئىنىستا بولسا ئوتتۇرا مەيدانغا قۇشۇلدى.پۇرسەت مانا مۇشۇنداق كەلدى.
شەھەردە ئاگىيرونىڭ بولماسلىقى ھۇجۇمنىڭ ئۈنۈمىگە ھەقىقەتەن تەسىر يەتكۈزۈپ قويدى.نېگىرىدونى بىر قىسىم پۇرسەتلەرنى تۇتالمىدى دەپ ئېيتىشقىمۇ بۇلىدۇ ئەلۋەتتە.شەھەرنىڭ پولەتتەك مۇداپىيىسى ،بارسانىڭ مەركەزلىك كونتىرول ھالقىىسى بۈگۈن ھەممىمىزگە ئوتتۇرا مەيدان بىلەن مۇداپىيەنىڭ كۈچ سىنىشىنى كۆرسەتتى.ئاقىۋەت ئوتتۇرا مەيداننىڭ ھەقىقەتەن پۇتبول دۇنياسىدا ئاكتىپ باشلامچى ئۇرۇن ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.كىينكى يېرىم مەيداندىن كىيىن بۇلۇپمۇ نۇقتا توپنى يىگەندىن كىين شەھەرنىڭ ھۇجۇم سۈرئىتى ۋە روھى ھالىتىدە كۆپ تۆۋەنلەش يۈز بەردى.ئەمما ئاخىرغىچە بەرداشلىق بىرىپ كەلگەن ئىدى.شۇنداقتىمۇ 89-مىنىۇتتا ئارۋىس ئەپچىللىك بىلەن خارتنىڭ كىچىك ۋاراتارىدىن ئۆتكۈزۈپ يەنە بىرنى ئۇردى.بۇنىڭدىمۇ تەلەي ئامىلىنى يوق دىگىلى بولمايدۇ ئەلۋەتتە.شۇنداقتىمۇ بىلانوۋا دەۋىرىدىكى تەسلىمچىلكنى تۈگىتىپ يېقىندىن بۇيانقى كۈچلۈكلەر ئۇچىرشىدىدا ئاكتىپ ئۇرۇنغا ئۆتكەنلىكىمىزدىن خوشال بولدۇم...مارتىنونىڭ رەقىبكە قارىتا تاكتىكا تۈزەش قابىليىتىگە يەنە بىر قېتىم قول قويدۇم.ئەڭ ئاخىردا روبېرتونى چىقىرىپ مۇداپىيەنى كۈچەيتكەندىلا ھىس قىلغان ئىدىم..ئۇمۇمى نۇقتىدىن ئېيتىقاندا شەھەر ئەمدى پۈتۈنلەي زەردارلىق يۇلىغا يۈزلىنىپتۇ،مۇسابىقە تۈگىگىچە بىر خىل ئەنسىزلىككە سالدى.ھۇجۇملىرىمۇ خېلە كۈچلۈك بولغان.. |
|