akyipakelan roni : 13999092457
كۆرۈش: 604|ئىنكاس: 11

كاگاۋانىڭ ئارخىپى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئۈمۈد تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-2-18 12:56  

  كاگاۋا شىنجى (Kagawa Shinji،1989-3-17)،ياپۇنىيەنىڭ كوبې شەھىرىدە تۇغۇلغان.پۇتبول تەنھەركەتچىسى،2006-يىلى ياپۇنىيە كەسپى پۇتبول بىرلەشمىسىدىكى كېرزو ئوساكا كوماندىسىدا تونۇلۇشقا باشلىغان.2010-يىلى 7-ئايدا گېرمانىيە ئا دەرىجىلكلەر بىرلەشمىسىدىكى زەردار كۇلۇب دورۇتمدقا يۆتكەلگەن.كېيىن دۇرۇتمدتا 2010-2011يىرىم   مۇسابىقە پەسللىك ئەڭ مۇنەۋەر پۇتبولچى دىگەن شەرەپكە ئېرىشكەن.2012-13 يىللىق مۇسابىقە پەسلىدە كاگاۋا مانچىستىر بىرلەشمىسى كۇلۇبىغا قېتىلىپ ھازىرغىچە شۇ يەردە توپ ئوينىماقتا.


ئارخىپى

Shinji Kagawa Scouting Report-863542.jpg

ئېسىم فامىلىسى:كاگاۋا شىنجى
ئىنگىلىزچە ئىسمى :Kagawa Shinji
دۆلەت تەۋەلىكى:ياپۇنىيە
تۇغۇلغان يۇرتى:كوبى شەھىرى
تۇغۇلغان ۋاقتى:1989-يىلى 3-ئاينىڭ 17-كۈنى
بوي ئېگىزلىكى:172 cm
بەدەن ئېغىرلىقى:63 Kg
كەسپى:پۇتبول
تەۋە بولغان كوماندىسى:مانچىستىر بىرلەشمىسى
يىقىنقى يىلدىكى شەرىپى:2013-يىلىق ئىنگىلد بىرلەشمىسى چىمپىيۇنى
ئىلگىرى توپ ئوينىغان كۇلۇبلىرى:كېرزو ئوساكا،دورۇتمد
كېيىم نومۇرى:26
ئادەتلەنگەن پۇتى:ئوڭ پۇت
مەيدان ئورنى:ئوتتۇرا مەيدان
قان تىپى:A



مۇسابىقە قاتنىشىش ئەھۋالى
F2012072010395600112.jpg

مۇسابىقە نامى       ۋاقتى         كوماندىسى         كىيىم نومۇرى
ئاسىيا لوڭقىسى     2011       ياپۇنىيە               10
ئولىمپىك              2008       ياپۇنىيە ئولىمپىك 14
دۇنيا ياشلار          2006       ياپۇنىيە ياشلار     20
2005-يىلى،ياپۇنىيە U-18 ياشلىقلار كوماندىسىغا ۋاكالەتەن 2006-يىللىق ئاسىيا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى ياشلار سالاھىيەت مۇسابىقىسىگە قاتناشقان.____مەيدانغا چىقمىغان.
2006-يىلى،ياپۇنىيە U-19 ياشلىقلار كوماندىسىغا ۋاكالەتەن 2006-يىللىق ئاسىيە پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى مۇسابىقىسىنىڭ ئا گۇررۇپپا مۇسابىقىسىگە قاتنىشىش سالاھىيىتىگە ئېرىشكەن.____2قېتىم مەيدانغا چىقىپ0 توپ ئۇرغان.
2007-يىلى ،ياپۇنىيە  U-20 ياشلىقلار كوماندىسىغا ۋاكالەتەن فىفا  U-20 ياشلىقلار دۇنيا لوڭقىسىغا قاتناشقان.____2 قېتىم مەيدانغا چىقىپ 0 توپ ئۇرغان.
2008-يىلى ياپۇنىيە ئولىمپىك كوماندىسىغا ۋاكالەتەن بىيجىڭ ئولىمپىك تەنھەركەت يىغىنىغا قاتناشقان.____3قېتىم مەيدانغا چىقىپ 0توپ ئۇرغان.
  شۇ يىلىدا يەنە ياپۇنىيەنىڭ بىر تاللاش مۇسابىقىسىدە ئۆزىنىڭ تۇنجى توپىنى ئۇرغان.
  2011-يىلى ،ياپۇنىيە كوماندىسىغا ۋاكالەتەن ئاسىيا لوڭقىسىغا قاتناشقان.____6قېتىم مەيدانغا چىقىپ 2توپ ئۇرغان.
  2013-يىلى مانچىستىرنىڭ 20- بىرلەشمە لوڭقىسىنى ئىلىىشغا تۆھپە قوشقان.

ئۆسۈپ يېتىلىش تەرەققىياتى
Cerezo-Osaka-09-Mizuno-home-kit-pink-navy-navy-Shinji-Kagawa.jpg

كاگاۋا ياپۇنىيە كوماندىسى باش مەشقاۋۇلى ئوكادا تاكىشىنىڭ تەربىلىشىگە ئېرىشكەن،ھەم كۆپ قېتىم دۆلەت كوماندىسىغا چاقىرتىلغان.كاگاۋا ياپۇنىيە كېرزو ئوساكا كوماندىسىدا تونۇلغان.ئۇنىڭ قالتىس ئىپادىسى مادرىد ۋە بارىسلونالارنى كاگاۋاغا قىزىقتۇرۇپ قويغان.دورۇتمدقا قوشۇلۇشنىڭ ئالدىدا ئۇ كوماندىنى يېتەكلەپ ياپۇنىيە J1 بىرلەشمىسىگە ئېلىپ چىققان.

2010-يىلى دورۇتمدقا قوشۇلغاندىن كېيىن ئۇ كوماندىنىڭ ئاساسىي ئالدى بەل توپچىسىغا ئايلانغان .شۇنداقلا كوماندىنىڭ ھوجۇم قوزغاشتىكى ئاساسىي توپچىسى بولۇپ قالغان.يرىم پەسل مۇسابىقىدە ئۇ گىرمانىيە بىرلەشمىسىدە8  توپ ،ياۋرۇپا مۇسابىقىسىدە 2 توپ ئۇرغان.
يەنە 2 ياردەمچە پاس ۋە 3 قېتىم ئەڭ مۇنەۋەر پوتبۇلچى نامزاتلىقىغا كىرگەن.

2010-2011 يىللىق مۇسابىقە پەسلى ئاياقلاشقاندىن كېيىن ئەمدىلا 21 ياشقا كېرگەن كاگاۋا گېرمانىيە بىرلەشمىسدىكى ئەڭ مۇنەۋەر پۇتبولچى بولۇپ باھالانغان.

دورۇتمدقا قوشۇلۇش
Shinji-Nagawa-008.jpg

  دورۇتمدقا قوشۇلۇپ شۇ پەسللىك ئەڭ مۇنەۋەر پۇتبولچى بولۇپ باھالىنىشنى ھىچكىم ئويلاپ باقمىغان ئىدى.ئەمدىلا 21 ياشقا كىرگەن كاگاۋا گىرمانىيە بىرلەشمىسىنىڭ بويسۇندۇرغان ئىدى.ئالدى بەل ئوينايدىغان كاگاۋا دورۇتمدتا 26 قېتىم مەيدانغا چىقىپ 12 توپ ئۇرغان ئىدى.
  گەرچە 21 ياشقا كىرگەن بولسىمۇ كاگاۋانىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى ناھايىتى تەسىرلىك.15يىل ئىلگىر بىر قېتىملىق قاتتىق يەر تەۋرەش 6000دىن كۆپ ئادەمنىڭ جىنىنى ئالغان ئىدى.كاگاۋا ئائىلسىدىكلەر بىلەن يەر ئاستىدا قاپسىلىپ قالغان شۇ مىنۇتلارنى ئويلاپ مۇنداق دەيدۇ:«شۇ چاغدا دادام مىنى ئىزچىل قوچاپلاپ قورقما بالام دەپ ماڭا مەدەت بەرگەن ئىدى».5-يىللىقتا ئوقۇۋاتقان چاغدا ئۇ كوبى NK پۇتبول كۇلۇبىغا قاتناشقان بولۇپ،شۇ چاغدا تېرنىر بىلەن بارىسلونا ياشلارنى تەربىيلەش بازىسىنىڭ مۇئەللىمىنىڭ مۇناسىۋىتى ياخشى ئىدى.تىرنىرىنىڭ تونۇشتۇرىشى بىلەن كاگاۋا بارىسلونا سىنىقىدىن ئۆتۈپ شۇيەردە قالماستىن بەلكى يەنە ئۆزىنىڭ يۇرتىغا قايىتىپ كەلگەندى.كېيىن ئۆز دۆلىتىدىكى كۇلۇبلاردا توپ تىپىپ ياۋرۇپا سەپىرىدە بىردىنلا چاقناپ كەتكەن كاگاۋا نۇرغۇنلىغان داڭلىق كۇلۇبلارنىڭ تەكلىپىنى رەت قىلىپ ئاخىرىدا قىزىل ئالۋاستى قوشۇنىنى تاللىغان ئىدى.

مانچىستىر سەپىرى
Shinji-Kagawa_2275714b.jpg

2012-يىلى5-ئاينىڭ5-كۈنى ياپۇنىيە پۇتبول چولپىنى كاگاۋا رەسمىي ھالدا ئۆزىنىڭ مانچىستىر بىرلەشمىسى كوماندىسىغا قېتىلدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.ھەم ئۆزىنىڭ 5-ئاينىڭ12-كۈنى دورۇتمدتىكى ئەڭ ئاخىرقى مۇسابىقىسىنى ئويناپ.قىزىل ئالۋاستىدىكى تۇنجى قەدىمىنى باسىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.كاگاۋا سېرىق ھەرىدىكى 2 يىللىق ھاياتىدا جەمئىي 69 قېتىم مەيدانغا چىقىپ 28 توپ ئۇرغان.ھەم 15 ياردەمچە پاس يەتكۈزگەن.مانچىستىر بىرلەشمىسى كوماندىسىمۇ 7-ئاينىڭ1-كۈنى كاگاۋا بىلەن رەسمىي ھالدا 4 يىللىق توختام تۈزىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
2012/13 -يىللىق مۇسابىقە پەسلىدە كاگاۋا ئۆزىنىڭ مانچىستىردىكى 2-مەيدان مەيدان مۇسابىقىسىدە فۇلام كوماندىسىغا ئۆزىنىڭ تۇنجى توپىنى ئۇرغان.

تېخنىكا ئالاھىدىلىكى


451FD96258C44B22A1360C44952A8E6C.jpg

توپ ئۇرۇش______________________7نومۇر
ياردەمچە پاس بېرىش_________________9نومۇر
توپ ئېلىپ مىڭىش___________________8.5نومۇر
سۈرئەت_________________________8نومۇر
كاللا توپ__________________________6نومۇر

دۆلەت كوماندىسىدا
4b90f603738da9773bddb340b051f8198718367adbb4cbd6.jpg

2008-يىلى5-ئاينىڭ24-كۈنى كونتىدىرۋا كوماندىسى بىلەن بولغان مۇسابىقىدە كاگاۋا دۆلەت كوماندىسىغا ۋاكالەتن تۇنجى قېتىم مەيدانغا چىققان.لىكىن رەقىبى تەرىپىدىن 1-0 نەتىجە بىلەن مەغلۇپ قىلىنغان.كېيىن 2010-يىلى 9-ئايدا ياپۇنىيەدە ئۆتكۈزىلىدىغان كېرىن كۇپ لوڭقىسى مۇسابىقىسىدە تۇنجى دۆلەت كوماندىسى توپىنى ئۇرۇپ پاراگۋاي كوماندىسىنى 1-0 نەتىجە بىلەن مغلۇپ قىلىشتا ئاساسىي رول ئوينىغان.لېكىن 2010-يىلى كاگاۋا ياپۇنىيە كوماندىسىنىڭ دۇنيا لوڭقىسىغا قاتنىشىدىغان ئاساسىي 23-كىشلىك تىزىملىكىدىن ئورۇن ئالالمىغان،ئافرىقىغا سىناق توپچىلار قاتارىدا كەلگەن.ھازىرغىچە كاگاۋا دۆلەت كوماندىسىدا 26 قېتىم مەيدانغا چىقىپ 10 توپ ئۇرغان.
kagawapoint.jpg
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-2-18 12:59:01 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇنىڭ بىر داڭلىق قىز دوستى با دەۋاتقان ، ھىچ ئۇ توغۇرسىدا گەپلەر يوقيا ...
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-2-18 12:59:59 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەن ياخشى توپچى بۇ
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-2-18 13:00:35 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
باشقۇرغىچىلار مىنىڭ تىمامنى نىمشقا تەستىقلمايسىلەر
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-2-18 13:26:36 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
dilhux يوللىغان ۋاقتى  2014-2-18 12:59
بۇنىڭ بىر داڭلىق قىز دوستى با دەۋاتقان ، ھىچ ئۇ توغۇرسى ...

بۇنىداق خۇتۇن كىشىگە مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەرنى قىرى ئوبىدان بىلىدۇ ، قىرىغا ئۇچۇر قىلىپ سوراپ باق
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-2-18 13:33:42 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
abdunazar يوللىغان ۋاقتى  2014-2-18 13:00
باشقۇرغىچىلار مىنىڭ تىمامنى نىمشقا تەستىقلمايسىلەر

ھېلىقى رەسىملەرنى دەمسىز ؟
ئەگەر شۇ رەسىمنى دىگەن بولسىڭىز ئۇنى مەن تەستىقلىمىدىم،چۆنكى ئۇ قونچاقلار بىر قېتىم يوللىنىپ بولغان مۇنبەرگە
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-2-18 13:40:59 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
20 مىليۇن ياۋروغا مانىچستىرغا يۆتىكەلگەن .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-2-18 13:54:38 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دورتىمۇنىد قايتورۇپ كىلىشنى ئويلىشۋاتىدۇ ، مانچىستىر بىرلەشمىسى بولسا لويىسىقا ياكى گوندىگانغا ئالماشتورغىسى باركەن.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-2-18 13:58:42 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
dilhux يوللىغان ۋاقتى  2014-2-18 11:59
بۇنىڭ بىر داڭلىق قىز دوستى با دەۋاتقان ، ھىچ ئۇ توغۇرسى ...

دى كاتىپ خاتۇندىن پەشۋا يەپكەتمەيلى ھە نامارەملەرگە تولا قاراپ
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-2-18 15:04:30 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
26 قىتىم مەيدانغا چىقىپ 10 توپ ئۇرغان، توپ ئۇرۇش ئۇنۇمى ھەجەپ يۇقىركىنا.....
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-2-18 16:52:57 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئوۋچى312 يوللىغان ۋاقتى  2014-2-18 13:58
دى كاتىپ خاتۇندىن پەشۋا يەپكەتمەيلى ھە نامارەملەرگە  ...

ئاندا سەت گەپ قىلماڭلا دەيمە ...
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-2-20 00:36:43 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
لويىسقا  پۇل قىتىپ  ئالماشتۇرساق  بولاتتى  ،،مويىسمۇ  پۇرسەتنى  كۈپرەك  بەرسە  ياخشى  ئوينايدىكەن بۇ  بالىمۇ ...  
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-5-11 07:27

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش