elan ornielan orni
كۆرۈش: 4585|ئىنكاس: 37

خوتەن بىرلەشمىسىدىكى بەش چوڭ تۆھپىكار !

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   dilmurat. تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-11-17 23:09  




خوتەن ئىشتىن سىرتقى پۇتبول بىرلەشمىسى 2011-يىلى رەسمى قۇرۇلدى .
ئەكرەم ئىمىن ئىسىملىك پۇتبول سۆيەر بىر كىشى 2011-يىلى شورباغ تەنتەربىيە مەيدانىدا خوتەن ئىشتىن سىرتقى «پۇتبول بىرلەشمىسى»نى ئابدۇللا (رۇزتوختى) ، ئەبلەت ئابابەكرى ، ئابلەت خالىق ، ئەكرەم مۇختەر قاتارلىق بۇرادەرلىرى بىلەن بىرلىشىپ ئاددى بولسىمۇ تۆت كوماندا بىلەن باشلىۋالدى  .
1-قېتىملىق خوتەن ئىشتىن سىرتقى پۇتبول بىرلەشمىسىگە پەقەت تۆت كوماندا قاتناشقان ،2-قېتىم سەككىز كوماندا قاتناشتى ، 3-قېتىم 12 كوماندا قاتناشتى، 4-قېتىم 20 كوماندا قاتناشتى ... بارا-بارا خوتەن بىرلەشمىسى تەرەقىي قىلىشقا باشلىدى ... خوتەن بىرلەشمىسى قۇرۇلۇپ 2013-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە جەمى ئالتە قېتىم يەنى ئالتە پەسىل خوتەن بىرلەشمىسى مۇسابىقىلىرى ئوڭۇشلۇق ئۆتكۈزۈلدى .

  مەن بىر قانچە يىللاردىن بۇيان خوتەندە 11 كىشلىك پۇتبول مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈشنى كۆڭلۈمگە پۈكۈپ كەلگەن ئىدىم  ئەلۋەتتە بۇنداق چوڭ ئىشنى  مەن يالغۇز قىلالمايتتىم شۇڭلاشقا خوتەن بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئەكرەم ئىمىن ۋە رىپىرلار گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى ئابلەت ئابابەكرى قاتارلىقلارغا داۋاملىق 11 كىشلىك مۇسابىقە ئۆتكۈزۈشنى تەۋسىيە قىلدىم . شۇنىڭ بىلەن 2014-يىلى 1-ئاينىڭ باشلىرىدىن باشلاپ بىز خوتەن بىرلەشمىسى ھەيئەتلىرى 11 كىشلىك مۇسابىقە ئۆتكۈزۈشكە تۇتۇش قىلدۇق ... ئابلەت ئاباباكرى ، ئابدۇللا ، ئەكرەم ئىمىن قاتارلىق دوستلار بىر ئاي ئەتراپىدا بارلىق ئىشلىرىنى تاشلاپ  11 كىشلىك پۇتبول مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن پۈتۈن كۈچى بىلەن توختىماي يول ماڭدى ۋە ئۆزنىڭ خوتەن پۇتبولچىلىقى ئۈچۈن بىر كىشلىك ھەسسىنى قاتتى ... بۇ قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئەجرىگە يارىشا نۇھايات دوختۇرخانىسى بۇ مۇسابىقىنى ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن زور ياردەمدە بولدى . نىجات مۇئەللىم بۇ مۇسابىقىنىڭ تەستىق ئىشلىرىنى ھەل قىلىپ بەردى ...يۈسۈپجان نۇرھايات دوختۇرخانىسىنى ئىقتىسادى جەھەتتىن ياردەم قىلىشقا دەۋەت قىلدى ... شۇنداق قىلىپ خوتەن تارىخدا مىسلى كۆرۈلمىگەن چوڭ تىپتىكى 11 كىشلىك مۇسابىقىنى ئوڭۇشلۇق ئۆكۈزۈۋالدۇق .
تۆۋەندە مەن خوتەن بىرلەشمىسى قۇرۇلغاندىن بۇيانقى بەش چوڭ تۆھپىكارنى تورداشلارغا قىسقىچە تۇنۇشتۇرماقچى .   


1-ئەكرەم ئىمىن

U%SS)NYZ_QRNBM9LWCO}6MD.jpg




خوتەن بىرلەشمىسىدىكى ۋەزىپىسى :  بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى

ئەكرەم ئىمىن 1984-يىلى 5-ئاينىڭ 7-كۈنى خوتەن شەھرىنىڭ ھېيتگاھدا تۇغۇلغان .
1991-يىلىدىن 1997-يىلىغىچە خوتەن شەھەرلىك ئىلچى مەركىزى باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇغان ، 1997-يىلىدىن 2000-يىلىغىچە خوتەن ناھىيەلىك 2-ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇغان 2000-يىلىدىن كىيىن شىنجاڭ تىببى ئونۋىرستىتى ئالى تېخنىكومىنى پۈتتۈرگەن ، ئەكرەم ئىمىن  2-دەرىجىلىك رىپىرلىق ئۇنۋانىغا ئىگە بولۇپ خوتەن بىرلەشمىسىدە يىللاردىن بىرى رىپىرلىق قىلىپ خوتەن بىرلەشمىسىنىڭ ھازىرقىدەك تەرەقىي قىلىشغا زور تۆھپە كۆرسەتكەن . ئەكرم ئىمىن ھازىر تىجارەتچى بولۇپ  خوتەن بىرلەشمىسى تەرەقىياتى ئۈچۈن داۋاملىق ھەسىسىنى قېتىۋاتىدۇ .
ئەكرەم ئىمىن كىچىكىدىن باشلاپ پۇتبولغا قىزىقىدىغان بولۇپ ھېيتگاھ كوماندىسى ، ئۇدۇن كوماندىسى ، دىلشاھ كوماندىسى قاتارلىق ئىشتىن سىرتقى كوماندىلاردا توپ تەپكەن مەيداندىكى ئورنى بېك  .


2-ئابدۇللا ئېزىز

5Q~XU4AAKJ9Q7AYIJ7L[O]A.jpg

خوتەن بىرلەشمىسىدىكى ۋەزىپىسى : مالىيە ئىشلىرىغا مەسئۇل

ئابدۇللا ئېزىز 1983-يىلى 7-ئاينىڭ 11-كۈنى خوتەن شەرىدە تۇغۇلغان . 1990-يىلىدىن باشلاپ 1996-يىلىغىچە خوتەن شەھەرلىك 2-باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇغان ، كىيىن 3-ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇغان ۋە ئالىي مەكتەپنى بۆرتالادا ئوقۇغان ھازىر باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى . ئابدۇللا ئېزىز كىچىكىدىن باشلاپ پۇتبولغا قىزىقىدىغان بولۇپ ئۇ ھېيتگاھ كوماندىسى ، ئىلچى كوماندىسى ، ئۇدۇن كوماندىسى ، شەمشاد كوماندىسى قاتارلىق ئىشتىن سىرتقى كوماندىلاردا توپ تەپكەن . ئابدۇللا ئېزىز يىللاردىن بۇيان خوتەن بىرلەشمىسى ئۈچۈن ئۇنتۇلغۇسىز تۆھپە كۆرسەتكەن . ئابدۇللا ئېزىز 2-دەرىجىلىك رىپىرلىق ئۇنۋانىغا ئىگە بولۇپ يىللاردىن بېرى خوتەن بىرلەشمىسىدە رىپىرلىق قىلىپ كېلىۋاتىدۇ . مەيداندىكى ئورنى بېك .   




3-ئابلەت ئابابەكرى


7EF954D5-A6FD-4D0D-8BFF-95DF6D6ACC02.png


خوتەن بىرلەشمىسىدىكى ۋەزىپىسى : رىپىرلار گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى

1982-يىلى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى خوتەن شەھرىنىڭ ھېيتگاھدا تۇغۇلغان .
1989-يىلىدىن 1995-يىلىغىچە خوتەن شەھەرلىك ئىلچى مەركىزى باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇغان ، 1995-يىلىدىن 1998-يىلىغىچە خوتەن ۋىلايەتلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇغان ۋە ئالىي مەكتەپنى بۆرتالادا ئوقۇغان بولۇپ ھازىر يەككە تىجارەتچى .
ئابلەت ئابابەكرى كىچىكىدىن باشلاپ پۇتبولغا قىزىقىدىغان بولۇپ ھېيـگاھ كوماندىسى ، ئۇدۇن كوماندىسى قاتارلىق ئىشتىن سىرتقى كوماندىلاردا توپ تەپكەن بولۇپ 2-دەرىجىلىك رىپىرلىق ئۇنۋانىغا ئىگە يىللاردىن بېرى خوتەن بىرلەشمىسىدە رىپىرلىق خىزمىتىنى قىلىپ كېلىۋاتدۇ شۇنداقلا خوتەن بىرلەشمىسىنىڭ بۈگۈنكىدەك تەرەقىياتىغا ئۇنتۇلغۇسىز تۆھپە كۆرسەتكەن .


4-ئابلەت خالىق


PIX1TYL~$M[7N4(I(8@BF.jpg
خوتەن بىرلەشمىسىدىكى ۋەزىپىسى : ئەرىز ئىشلىرىغا مەسئۇل

ئابلەت خالىق 1987-يىلى 1-ئاينىڭ 7-كۈنى خوتەن شەھرىدە تۇغۇلغان .
1993-يىلىدىن باشلاپ 1998-يىلىغىچە خوتەن شەھەرلىك 2-باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇغان 1998-يىلىدىن كىيىن خوتەن شەھەرلىك 3-ئوتتۇرا مەكتەپ ۋە خوتەن پىداگوگىكا ئونۋىسرستىتىدا ئوقۇغان بولۇپ ھازىرقى خىزمىتى ئوقۇتقۇچى . ئابلەت خالىق كىچىكىدىن باشلاپ پۇتبولغا ئوتتەك ئىشتىياق باغلىغان بولۇپ خوتەندىكى پۇتبولچىلار ئىچىدە خېلى نامى بار . ئۇ خوتەن ھېيتگاھ كوماندىسى ، ئىخۋان كوماندىسى ، ھابابام كوماندىسى قاتارلىق ئىشتىن سىرتقى پۇتبول كوماندىلىرىدا توپ تەپكەن 2-دەرىجىلك رىپىرلىق ئۇنۋانىغا ئىگە ھازىر خوتەن بىرلەشمىسىدە رىپىرلىق خىزمىتىنى قىلىۋاتىدۇ ، مەيداندىكى ئورنى ئوتتۇرا مەيدان  . ئابلەت خالىق خوتەن بىرلەشمىسى تەرەقىياتى ئۈچۈن ئۇنتۇلغۇسىز تۆھپە كۆرسەتكەن .


5-دىلمۇارت ئابدۇجەلىل

_)WH`~(}D3Q91SUSM3O{OSJ.jpg


خوتەن بىرلەشمىسىدىكى ۋەزىپىسى : تەشۋىقات ئىشلىرىغا مەسئۇل

دىلمۇارت ئابدۇجەلىل 1994-يىلى 3-ئاينىڭ 28-كۈنى خوتەندە تۇغۇلغان .
2000-يىلىدىن 2010-يىلىغىچە خوتەن شەھەرلىك ئىلچى باشلانغۇچ مەكتەپ  ۋە تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرگەن ھازىر يەككە تىجارەتچى . ئۇ كىچىكىدىن باشلاپ پۇتبولغا قىزىقىدىغان بولۇپ ئىنتىل كوماندىسى ، ئەلقەلىب كۇلۇبى قاتارلىق ئىشتىن سىرتقى كوماندىلاردا توپ تەپكەن مەيداندىكى ئورنى ۋراتار . دىلمۇارت ئابدۇجەلىل خوتەن ئىشتىن سىرتقى پۇتبول بىرلەشمىسى قۇرۇلغاندىن بۇيان خوتەن بىرلەشمىسى مۇسابىقىلىرىنى نەق مەيداندىن چۈشەندۈرۈپ، خوتەن بىرلەشمىسىنىڭ تەرەقىياتى ئۈچۈن بىر كىشلىك ھەسسىسىنى قېتىپ كىلىۋاتقان بولۇپ خوتەن بىرلەشمسىنىڭ بۈگۈنكىدەك تەرەقىي قىلىشىغا ئۇنتۇلغۇسىز تۆھپە كۆرسەتكەن .


خوتەن بىرلەشمىسىنىڭ تەرەقىي قىلىپ بۈگۈنكى كۈنگە ئۇلىشىشىغا نۇرغۇنلىغان قېرىنداشلار ئۆزىنىڭ بىر كىشلىك ھەسسىسىنى قاتقان بولۇپ ئۇلارغا خوتەن بىرلەشمىسى نامىدىن چىن كۆڭلىمىزدىن رەھمەت ئېيتىمىز . بۇ تېمىدا خېلى كۆپ خوتەن بىرلەشمىسىنىڭ تۆھپىكارلىرى  تىلغا ئېلىنمىدى .



_____________________________________________________________________



خوتەن بىرلەشمىسىدىكى بەش كۈچلۈك كوماندا


ئىخۋان كوماندىسى



231840v6gmbrmrjrb41j4v.jpg

خوتەن ئىخۋان كوماندىسى خوتەن بىرلەشمىسىدە بىر نەچچە قېتىم چىمپىيون بولغان كوماندا بۇ كوماندىنىڭ ئەمەلىي كۈچى خوتەن پۇتبولچىلىقىغا نىسبەتەن ھەقىقەتەنمۇ كۈچلۈك ھىساپلىنىدۇ .
ئىخۋان كۇلۇبىنىڭ ئەسلى ئىسمى شىنجاڭ ئۇچۇر تورى كوماندىسى ئىدى كىيىن ئابلەت ئىسىملىك بىر ساخاۋەتچىنىڭ قوللىشى بىلەن ئىخۋانغا ئۆزگەرتىلگەن . كىيىن بۇ كوماندا بىر مەزگىل ھابابام كوماندىسى نامىدا توپ ئوينىدى .





ھېيتگاھ كوماندىسى


ER$WL@(CE}10%`3}87F3)IU.jpg

ھېيتگاھ كوماندىسى 1995-يىلى قۇرۇلغان بولۇپ خوتەندىكى كوماندىلارغا قارىغاندا تارىخى ئەڭ ئۇزۇن كوماندا ھىساپلىنىدۇ . بۇ كوماندا خوتەن ۋىلايىتىدە ئۆتكۈزۈلگەن پۇتبول مۇسابىقىلىرىدە كۆپ قېتىم ياخشى نەتىجىنى قولغا كەلتۈرگەن بولۇپ خوتەن ۋىلايىتىدىكى ئەنئەنىۋى كۈچلۈك كوماندىلارنىڭ بىرى بولۇپ قالغان .  





قاراقاش كوماندىسى


213717jaoxqu2xuioa1aoy.jpg

قاراقاش ناھىيە كوماندىسى خوتەن ۋىلايىتىدىكى ئەنئەنىۋى كۈچلۈك كوماندا بولۇپ بۇ كوماندا خوتەن بىرلەشمىسى قۇرۇلغاندىن بۇيان ئىزچىل خوتەن بىرلەشمىسىگە قاتنىشىپ دائىم تۆت كۈچلۈك كوماندا قاتارىدىن ئورۇن ئالغان ، بۇ كوماندىنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىغا قاراقاش كوماندىسىدىكى ئابلىز بىلەن ئابلىمىت ئالاھىدە تۆھپە قوشقان .




ئىلچى كوماندىسى


ZWE]3N9QY8V36G33_CB`P.jpg

220431qpg6qpqcpu666qt2.jpg

ئىلچى كوماندىسى 2001-يىلى قۇرۇلغان بولۇپ بۇ كوماندا خوتەن بىرلەشمىسى قۇرۇلغاندىن بۇيان ئىزچىل خوتەن بىرلەشمىسىگە قاتنىشىپ ئۆزىنىڭ ياخشى ئىپادىسى بىلەن بىر قېتىم چېمپىيون بولغان ۋە كۆپ قېتىم ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن . يېقىنقى بىر نەچچە يىلدىن بۇيان ئىلچى كوماندىسى  خوتەن بىرلەشمىسىدىكى ئەنئەنىۋى كۈچلۈك كوماندا بولۇپ قالغان .




مۇبارەك كوماندىسى
083626l1iu3du2xgxu20lr.jpg

مۇبارەك كوماندىسى خوتەن بىرلەشمىسى قۇرۇلغاندىن بۇيان ئىزچىل خوتەن بىرلەشمىسىگە قاتنىشىپ كەلگەن كوماندا بۇ كوماندا باشتا ئىكرام كوماندىسى دىگەن نام بىلەن مۇسابىقە ئوينىغان كىيىن كوماندا نامىنى مۇبارەك كوماندىسىغا ئۆزگەرتكەن .
مۇبارەك كوماندىسى بىر قېتىم خوتەن بىرلەشمىسىنىڭ چېمپىيونى بولغان ۋە ئەلقەلىب سالاملىق لوڭقىسىنىڭ چېمپىيونى بولۇپ خوتەن بىرلەشمىسىدىكى تۇنجى قوش لوڭقا كۆتۈرگەن كوماندا بولۇپ قالغان .





باھالاش

قاتناشقانلار سانى 2مۇنبەر پۇلى +50 تىللا +5 يىغىش سەۋەبى
خانزاد1 + 50 قالتىس!
مەھمۇدىيە + 5

باھا خاتىرىسى

پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-2-18 00:22:42 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دىلمۇرات سىلەر شۇمۇ ؟
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2014-2-18 00:25:48 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاللا ئىشىڭلارنى ئوڭۇشلۇق قىلسۇن
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-2-18 00:30:01 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
چەۋەنداز يوللىغان ۋاقتى  2014-2-17 09:22
دىلمۇرات سىلەر شۇمۇ ؟

ھەئە مەن

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1تەجرىبە +1 يىغىش سەۋەبى
مەھمۇدىيە + 1

باھا خاتىرىسى

پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2014-2-18 00:33:11 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   باقاۋۇل تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-2-18 00:37  

قولۇڭلارغا دەرىت كەلمىسۇن!
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2014-2-18 00:33:13 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇگۇن  خۇتەنلىك  ئېككى  بۇرادىرىم  كەپتىكەن  سىزنى  پەچەت  چۇشەندۇرۋەتتى  دەيدۇ  راسما  
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2014-2-18 00:37:20 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يارايسىلەر ئوغلانلار سىلەر مىللەتنىڭ تەرەققىياتىغا كۈچ قوشىۋاتىسىلەر...

تەكلىپىم كوماندا ئالدىدىكى كىرىس بەلگىسى يەنى دوختۇرخانا بەلگىسىنى ئىلىۋەتسەڭلار
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-2-18 00:37:35 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەھمۇدىيە يوللىغان ۋاقتى  2014-2-17 09:33
بۇگۇن  خۇتەنلىك  ئېككى  بۇرادىرىم  كەپتىكەن  سىزنى  پەچە ...

يامان ئەمەس
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2014-2-18 00:44:18 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
dilmurat. يوللىغان ۋاقتى  2014-2-18 00:30
ھەئە مەن

يول- ئاچقۇچىلارغا مەنسۇپ، ئەجىر- تۆھپەڭلار ئۇنتۇلمايدۇ.
باش سۈرەتكە ئۆزىڭىزنى چىقىرىۋالسڭىزمۇ خېلى قاملاشقان بالىكەنسىز، ئاۋۇ پورنىڭ شۇ چاچ پاسونى 2002-يىلىلا كۆزۈمگە سىغمىغان
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2014-2-18 00:54:54 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
20Ga amdi kirdigan gap
Nima tijarat kilisiz iynim hihi
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2014-2-18 01:55:59 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن تىخى دىلمۇراتنى ئۆزىنى توختاتقان ئادەممىكىن دىسەم ئەسلى ئىينىم ئىكەنغۇ...
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2014-2-18 03:12:40 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
dilmurat. يوللىغان ۋاقتى  2014-2-18 00:37
يامان ئەمەس

دىلمۇرات،خۇتەندىن ۋاسكىتبول ساھەسىدە نام چىقارغان يۈسۈپجان بىلەن تىلۋىزىيە ئىستانسىسىدىكى مىربوللا قاتارلىقلار بىلەن ئالاقىلىشالىغان بولساڭلار ئۇلارمۇ ئەسلىدە بورتالادا پۇتبول كەسپىدە ئۇقۇپ نام چىقارغان بالىلار ئىدى ،كىيىنچە خۇتەندە پۇتبول ئوينايدىغان مەيدان بولمىغاچ ھەر ئىككىلىسى ۋاسكىتبولغا كىرىشىپ كەتكەن ،بولمىدى دىگەندىمۇ سىلەرگە ھەمدەم بۇلالايتتى.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|دوختۇرخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2016-5-31 22:40

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش