elan orni : 13999092457elan roni : 13999092457
كۆرۈش: 7656|ئىنكاس: 91

بايلار ۋە پۇتبول

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بايلار ۋە پۇتبول


01.jpg

    دۇنيادا ھېچقانداق ئويۇن پۇتبولغا ئوخشاش نامراتلارغا ئۈمىد ۋە خوشاللىق ئېلىپ كېلەلمەيدۇ، دۇنيادا ھېچقانداق ئويۇن پۇتبولغا ئوخشاش بايلارنىڭ قىزىقىشىنى ۋە پۇلىنى جەلىپ قىلالمايدۇ.
   تېلىۋىزور ئىكرانىغا نەزەر سالىدىغان بولساق، مەيلى ئۇرۇش ئوتلىرى ۋەيران قىلغان جايلاردا بولسۇن، مەيلى ئافرىقا ۋە لاتېن ئامېرىكىسىدىكى نامرات رايونلاردا بولسۇن، بىز بىر توپ نامرات بالىلارنىڭ يالاڭئاياق ھالدا بىر ئەسكى توپنى قوغلىشىپ يۈرگەنلىكىنى كۆرۈپ قالىمىز، ئەمەلىيەتتە پۇتبول شۇ بالىلارنىڭ بىردىنبىر خوشاللىقى ۋە ئۈمىدى.


02.jpg

   پۇتبول ئۆز نۆۋىتىدە دۇنيادىكى كاتتا بايلار ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان ئويۇنلارنىڭ بىرى. پۇتبول ھەرىكىتىدىكى ئېتىلىپ چىققان قايناق ھېسىيات، خاسلىقنىڭ ئۇرغۇپ تۇرۇشى، رىقابەتنىڭ كەسكىنلىكى، غەلبە ئېلىپ كەلگەن ئەسەبىي خوشاللىق ۋە ماددىي جەھەتتىكى تويۇنۇش قاتارلىقلار غايەت زور بايلىقنىڭ ئىگىسى بولغان كاتتا بايلارنىڭ روھىي كەيپىياتى بىلەن ئوخشاش.
   قارايدىغان بولساق، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى كاتتا بايلارنىڭ بەس- بەستە پۇتبولغا مەبلەغ سېلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋاتىمىز. بۇ كاتتا بايلارنىڭ بىر قىسىمى داڭلىق ماركىلىق تەنتەربىيە بويۇملىرى تىجارەتچىلىرى. مەسىلەن، ئامېرىكىلىق گىللىت ۋە خىكىس لىۋېرپول كۇلۇبىنى سېتىۋالغاندىن كېيىن، بۇ كۇلۇبنىڭ نامى پۈتۈن جاھانغا پۇر كەتتى. يەنە بىر كاتتا باي ئابلاموۋىچ بولسا ئەسەبىي پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ بىرى. ئۇ چېلسى كۇلۇبىنى سېتىۋېلىش ئىشلىرىغا 1مىليارد دوللاردىن كۆپرەك پۇل سەرىپ قىلغان بولۇپ، ھەربىر مەيدان مۇسابىقىنى نەقمەيدانغا كېلىپ كۆرىدۇ. 2003-يىلى ئۇ 140مىليۇن فوندسىتىرلىڭ پۇل خەجلەپ چېلسى كۇلۇبىنى سېتىۋالغاندىن كېيىن، 2005، 2006، 2010-يىللىرى ئېنگلاند دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسىنىڭ چېمىپيونلۇقىنى قولغا كەلتۈردى.
   ئۇنداقتا بىز بىر قىسىم پۇتبول كۇلۇبلىرىغا مەبلەغ سالغان دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى كاتتا بايلارغا نەزەر سېلىپ باقايلى!
03.png

   بۇ كاتتىلارنىڭ بىر قىسىملىرىنىڭ 2013-يىلى فوربۇس ژورنىلى تىزىپ چىققان دۇنياۋى بايلار رەت- تەرتىپىگە نەزەر سالساق:
ortiga.jpg

ئورتىگا 3- ئورۇندا
osmanov.jpg

ئوسمانوۋ  34- ئورۇندا
mital.jpg

لاكشىمى مىتال 41-ئورۇندا
ablamoviq.jpg

ئابلاموۋىچ 107-ئورۇندا
lhbonwlew.jpg

لىبونوۋلېۋ 119-ئورۇندا
xujiayin.jpg

شۈجىيايىن 209-ئورۇندا

   ئۇنداقتا بۇ كاتتا بايلار بېشى ئىششىپ قېلىپ، بۇ ئويۇنغا مەبلەغ سالغانمىدۇ؟ ھەرگىز ئۇنداق ئويلىماڭ! كاللىسىنى ئىشلىتىپ شۇنچىۋالا پۇل تېپىپ، دۇنياۋى بايلار رەت- تەرتىپىنىڭ ئالدىنقى ئورنىغا تىزىلالىغان بۇ بايلارنى ھەرگىزمۇ پۇل خەجلەيدىغان جاي تاپالماي ئويۇن ئويناۋاتىدۇ دەپ قالماڭ!
   پۇتبول پەقەت ئويۇنلا ئەمەس، بەلكى زامانىمىزدا ئۇمۇ بىرخىل پۇل تېپىش ۋاستىسى بولۇپ قالدى (ئەلۋەتتە كۆپرەك مەبلەغ سالالىسىلا).
پۇتبول قانداق كىرىم يارىتىدۇ؟ تۆۋەندىكى سان- سىفىرلارغا نەزىرىمىزنى ئاغدۇرايلى:
   دۇنيادا يەنە قانداق نەرسە پۇتبولغا ئوخشاش شۇنچە كۆپ ئادەمنىڭ نەزىرىنى ئۆزىگە قارىتالايدۇ؟ 2002-يىلىدىكى كورىيە- ياپونىيە دۇنيا پۇتبول لوڭقىسى مۇسابىقىسىنىڭ تاماشبىنىلىرىنىڭ سانى 28مىليارد 800مىليۇن ئادەم قېتىمغا، 2006-يىلىدىكى گېرمانىيە دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ تاماشىبىنلىرىنىڭ سانى 30مىليارد ئادەم قېتىمغا، 2010-يىلىدىكى جەنۇبىي ئافرىقا دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسىنىڭ تاماشىبىنلىرىنىڭ سانى 32مىليارد ئادەم قېتىمغا يەتكەن. بۇ پۇل ئەمەس دېمەكچىمۇ؟ سىزنىڭچە ئاشۇ تاماشىبىنلار تامدىن سەكرەك چۈشكەنمىدۇ؟ ياق. مانداق پۇل خەجلەپ بېلەت ئېلىپ كىرىپ مۇسابىقە كۆرگەن.
   دۆلىتىمىزدە مەركىزىي تېلىۋىزىيە ئىستانسىسى دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسىنىڭ ئۇلاپ تارقىتىش ھوقۇقىنى مونۇپول قىلىۋالغان بولۇپ، 24مىليۇن دوللارغا 2002ۋە 2006-يىلىدىكى ئىككى قېتىملىق دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ ئۇلاپ تارقىتىش ھوقۇقىنى سېتىۋالغان. شۇ مەزگىلدىكى ئېلان كىرىمى ئۇلاپ تارقىتىش ھوقۇقىنى سېتىۋېلىشقا كەتكەن چىقىمنى بەش قاتلىغان. مەركىزى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى يەنە 2010 ۋە 2014- يىلىدىكى ئىككى قېتىملىق دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقسىنىڭ ئۇلاپ تارقىتىش ھوقۇقىنى 100مىليۇن دوللارغا سېتىۋالغان بولۇپ، پەقەت 2010-يىلىدىكى جەنۇبىي ئافرىقا دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسىدىكى ئېلان كىرىمىلا 200مىليۇندىن ئېشىپ كەتكەن. «موشۇنداق بولغاندا 2018 ۋە 2022-يىلىدىكى دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسىنىڭ ئۇلاپ تارقىتىش ھوقۇقىنى سېتىۋېلىش ئۈچۈن كەم دېگەندە 400مىليۇن دوللار تۆلەشكە توغرا كېلىدۇ» دەپ پەرەز قىلىنماقتا.
   ئەمما، پۇتبول كەسپىنىڭ قىممەت زەنجىرىدىن قارىغاندا، پۇتبولنىڭ ھەقىقىي قىممىتى ئۇلاپ تارقىتىش ھوقۇقى ياكى دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسىدە بولماستىن بەلكى پۇتبول كۇلۇبلىرىدا. پۇتبول كۇلۇبلىرى ياش پۇتبولچىلارنى بايقاپ، تەربىيلەپ ئاخىرىدا ئۇلارنى توپ ئوينىتىدۇ ياكى چولپان قىلىپ تەربىيلەپ چولپان سودىسى قىلىدۇ. پۇتبول كۇلۇبلىرى بىرلەشمە مۇسابىقىلىرىنى تەشكىللەش ئارقىلىق ماركا يارىتىدۇ، ئۇلاپ تارقىتىش ھوقۇقىنى ساتىدۇ، ھەمكارلاشقۇچى قۇبۇل قىلىدۇ، بۇ ئارقىلىق غايەت زور ئىقتىسادىي كىرىم يارىتىدۇ. دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسىگە ئوخشاش دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى مۇسابىقىلەر ئەمەلىيەتتە پۇتبول كۇلۇبلىرىدىكى چولپانلارنى «ئارىيەت» ئېلىپ كېلىش ئارقىلىق تەشكىللەنگەن ئىككىنچى بىر خىل ئۇسۇلدا كوماندا تەشكىللەنگەن مۇسابىقە خالاس.
   زەردار كوماندىلارنىڭ مۇسابىقە ئۇلاپ تارقىتىشتىن قىلىدىغان كىرىمىلا كىشىنىڭ كۆزىنى ئالا-چەكمەن قىلىۋېتىدۇ.
    قېنى 2013-يىلىدىكى ئون زەردارنىڭ ئۇلاپ تارقىتىشتىن قىلغان كىرىمىنى كۆرۈپ باقايلى!
04.png

   تۆۋەندە بىز زەردار پۇتبول كۇلۇبلىرىنىڭ 2011-2012 ۋە 2012-2013-مۇسابىقە پەسلىدىكى كىرىم تەپسىلاتىنى كۆرۈپ باقايلى!
2012-2013-مۇسابىقە پەسلىدە:
05.png

   ئېلىمىزدىكى خەۋەرلەرگە قارىغاندا، گۇاڭجو خېڭدانىڭ 2013-يىلىدىكى كۇلۇب كىرىمى 600مىليۇن دوللاردىن ئېشىپ كەتكەن.
2011-2012-يىلى مۇسابىقە پەسلىدىكى كىرىمى ئەڭ يۇقىرى بولغان 10كۇلۇب
06.png

   يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى ئەرەب بايلىرىنىڭ پۇتبول ساھەسىگە سىڭىپ كىرىشىدىكى سەۋەب بولسا ئۇلارنىڭ ھەممىسى ياكى كاتتا بايلارنىڭ پەرزەنتلىرى ياكى بولمىسا كاتتا ئەمەلدارلارنىڭ پەرزەنتلىرى. ئۇلار كۈن بويى پۇلنى قەيەرگە خەجلەشنىڭ ھەلەكچىلىكىدە يۈرىدىغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئەرەبلەرنىڭ پۇتبولغا بولغان زىيادە قىزغىنلىقى بۇ بايلارنى بىلىپ- بىلمەي ياۋروپا پۇتبول مەيدانىغا باشلاپ كەلدى.
   سەۋەبلەرنىڭ يەنە بىرى بولسا بۇ بايلار پۇلى ئېشىپ- تېشىپ تۇرغانلار بولۇپ، بۇلار ئابلاموۋىچقا ئوخشاش ھەم ياخشى ھەم ئەرزىنىنى ئىزدەپ يۈرمەستىن، ئەڭ ياخشىسىنى پۇلنىڭ كۆزىگە قارىماي سېتىۋالىدۇ، باففىرتقا ئوخشاش باشقىلارنى تەربىيلەپ مەبلەغ سېلىپ پۇل تاپىدىغان ئاۋارىچىلىقلارنى تارتىشنى خالىمايدۇ. ئۇلار پەقەت تېخىمۇ زور مۇۋاپىقىيەت يولىنى ئىزدەپ ئەنگىليەدىكى پۇتبولدىن ئىبارەت ئاساسى ئىجتىمائىي ئېقىمغا كىرگەن.
   پۈتۈن دۇنيادىكى توپ مەستانلىرىنىڭ دىققىتىنى ئۆزىگە تارتىش، توپ مەيدانىدا ئۆزىنىڭ كوماندىسىدىن پەخىرلىنىپ ئولتۇرۇپ مۇسابىقە كۆرۈش، توپ مەستانىلىرىنىڭ قىقاسلىرىنى ئاڭلاش- بۇلار ھەرقانداق بىر ئەركىشى چۈشىدىمۇ كۆرۈشكە پېتىنالمايدىغان، ئەمما بىر ئۆمۈر تەلپۈنىدىغان غايە.
   بۇ دەل يۇقىرىدا دېيىلگەندەك ئەرەب بايۋەتچىلىرى بايلىق ھەم شۆھرەتتىن ئىبارەت قوش ئۈنۈم يارىتىدىغان بىردىنبىر ساھە.

مەنبە: تور دۇنياسى ۋە مەن
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-2-17 19:08:13 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ماۋۇ بەك ياخشى ماتىرىيال بوپتۇ. ئوسمانوۋانىڭ پاي چېكى ئارسىنالدا. چېلسى بىلەن ئالاقىسى يوق. تۈزىتىپ قويسىڭىز بولغۇدەك. ئابلاباينىڭ دۇنيادىكى بايلار دەرىجىسى بەك كەينىگە چېكىنىپ كېتىپتۇغۇ...
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-2-17 19:10:35 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنسۇر باي بايلار قاتىرىدا يۇقما نىمە
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-2-17 19:12:52 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پۇتبولغا مەبلەخ سېلىشنىڭ پەقەت خەتىرى يوق ھېس قىلدىمغۇ؟ كاللىنى ئشلەتسە ، پۇل بولسىلا كۆپ پۇل تاپقىلى ھەم نام قازانغىلى بولدىغان ياخشى سورونكەن. پۇلۇم بولغان بولسا مەنمۇ شۇنداق قىلاتتىم.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-2-17 19:13:53 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   azgun110 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-2-17 19:18  
kuyaxoghli يوللىغان ۋاقتى  2014-2-17 19:08
ماۋۇ بەك ياخشى ماتىرىيال بوپتۇ. ئوسمانوۋانىڭ پاي چېكى  ...


مەن كۆرگەن ماتېرىيالدا چېلسى دەپ بار ئىكەن.
باشقا بىر ماتېرىيالدا ئارسىنالنىڭ %29پېيى ئوسمانوۋنىڭ قولىدا دەيدۇ.  جەدىۋەل رەسىم شەكلىدە ئىدى. تۈزىتەلەرمەنمۇ بىلمىدىم
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-2-17 19:15:45 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاگۇيرو يوللىغان ۋاقتى  2014-2-17 19:10
مەنسۇر باي بايلار قاتىرىدا يۇقما نىمە

مەنسۇرباي يوق ئىكەن.  يەنە پارىژنىڭ خوجايىنى قاتار شاھزادىسىنىڭ قولىدا 60مىلياردلىق بايلىق بار دەيدىكەن. لېكىن تىزىملىكتە كۆرەلمىدىم. ھۆكۈمەت ئىلكىدىكى شىركەتمۇ يا بىلمىدىم.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-2-17 19:16:13 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
azgun110 يوللىغان ۋاقتى  2014-2-17 19:13
مەن كۆرگەن ماتېرىيالدا چېلسى دەپ بار ئىكەن. شۇڭا باشق ...

يەنىمۇ ئىزدىنىپ باقسىڭىز. بۇ توغرىلىق بۇرۇنقى تېمىلاردا بىر قانچە قىتىم توختالغان. ماۋۇ ئۆزبىكىستانلىق باي ئەگەر ئارسىنالنىڭ ھەممە پىيى قولۇمدا بولغان بولسا ۋېنگېرغا كىمنى دىسە شۇنى ئېلىپ بېرەتتىم. ئارسىنالنى چىمپىيون قىلاتتىم دەپ يۈرگەن بىر چاغلاردا...مەنمۇ قاراپ باقاي ھە...
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-2-17 19:29:40 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۈرگىچاق يوللىغان ۋاقتى  2014-2-17 19:12
پۇتبولغا مەبلەخ سېلىشنىڭ پەقەت خەتىرى يوق ھېس قىلدىمغ ...

دىمەككە ئاسان. شۇ پۇتبول كۇلۇبىنى ماڭدۇرماق بەك تەس. ياۋرۇپادا ۋەيران بولغان كۇلۇبلار كۆپ. خېلى داڭلىق كۇلۇبلار ۋەيران بۇلۇپ كەتتى. مىسالەن بېرمىنھام كۇلۇبى ئۈچىنچى دەرىجىگە چۈشۈپ كەتتى. لىز بىرلەشمىسىمۇ تېخىچە دەرىجىدىن تاشقىرىغا ئۆرلىيەلمەيۋاتىدۇ. گىلازگو سەرگەردانلار كۇلۇبىمۇ ۋەيران بولغانلىقىنى جاكارلىدى. بۇلتۇرلا ئىسپانىيەدىكى نۇرغۇن كۇلۇپ پۇتبولچىلارنىڭ مائاشىنى تارقىتالماي ھۆكۈمەتكە بىسىم قىلىپ مۇسابىقە ئىككى ھەپتە كېچىكىپ باشلاندىغۇ...
بىزنىڭ چېلسىغىمۇ ئابلاباي 1 مىلياردتىن ئارتۇق پۇل خەجلىدى. ساپ كىرىم شۇنىڭغا بارمايدۇ تېخى. چېلسى ئەمدىلەتىن بۇلتۇردىن باشلاپ ھەقىقى كىرىم چىقىمدىن ئېشىۋاتىدۇ.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-2-17 20:05:21 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
madrid ham misida aldidikan
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-2-17 20:20:56 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خېڭدانىڭ كىرىمى 600 مىليۇن دوللار بولسا مادرىدنى ئىككى قاتلىغىدەك ، ، ،
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-2-17 20:39:38 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىرازىلىيە يوللىغان ۋاقتى  2014-2-17 20:07
ئېلىمىزدىكى خەۋەرلەرگە قارىغاندا، گۇاڭجو خېڭدانىڭ 201 ...

جۇڭگودىكى خەۋەرنىڭ قايسىغا ئىشىنىشنى بىلمەيمىزغۇ ئادەتتە
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-2-17 20:59:29 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رۇسلار بىلەن ئەرەبلەر ياۋروپادىكى كۇلۇبلارنى ئىگەللەپ كېتەمدۇ-نېمە
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-3-18 15:20

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش