akyipakelan roni : 13999092457
كۆرۈش: 1230|ئىنكاس: 36

مادرىدتىكى يايلاق بۈركۈتى-دېمارىيا

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   jasur007 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-2-20 05:58  

   3.jpg
  دىمارىيا - پۇتبول مەستانىلىرىگە ئىنتايىن تونۇش، ئۇنىڭ ھازىرقى ۋاقىتتا يىشىل چىملىقتىكى ئىپادىسىنى تەسۋىرلەشكە تىل ئاجىزلىق قىلىدۇ .

  ئۇنىڭ دەسلەپكى ۋاقىتلاردا ئورۇندۇق بېقىپ ناھايىتى ئاز مەيدانغا چىققىنى ھەرگىزمۇ ئۇنىڭ شۇنىڭغا لايىق ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرمەيدۇ ، ھازىر يېڭى تىرىنىر كوماندىنى بىر قاتار چۈشۈنۈپ كۆڭلىدە 11نامزاتنى ئاساسەن بىكىتىپ بولدى ، قارايدىغان بولساق دىمارىيا ھازىر يادرولۇق ئەزا ، ئەينى چاغدا پىرلونىڭ ئورنىنى ئارقا بەلگە ئالماشتۇرۇپ چاقنىتىۋەتكەن تىرىنىر مانا ئەمدە دىمارىيانىڭ ئورنىنى ئالدى بەلگە ئالماشتۇرۇپ ئۇنىڭ تالانتىنى تېخىمۇ جارى قىلدۇرماقتا .
  ئۇنى مەيداننىڭ ھەممە يىرىدىن تاپقىلى بولىدۇ ،ئۇ كىشىگە خۇددى مادرىدنىڭ قىلىچتەك قايتارما ھۇجۇملىرى ئۈچۈن يارالغاندەك تۇيغۇ بىرىدۇ ، ئونىڭ چەبدەس،تىرىشچانلىقى مادرىد مەستانىلىرىنىڭ قايىللىقىنى قوزغايدۇ  ئەلۋەتتە . تۆۋەندە بىز دىمارىيا بىلەن تەپسىلى تونۇشۇپ چىقايلى:

1004302716920699517.jpg
ئىسمى: ئانگىل .دىمارىيا

  ئىنگىلىزچە تولۇق ئىسمى: Angel Fabián di María

    دۆلەت تەۋەلىكى: ئارگىنتىنا

      يۇرتى: ئارگىنتىنا روسارىئو

        تۇغۇلغان ۋاقتى:1988-يىلى2-ئاينىڭ14-كۈنى

          بوي ئىگىزلىكى: 1.80سانتىمىتىر

            ئېغىرلىقى:75 كىلوگىرام

              كۇلۇبى: خان جەمەتى مادرىد كوماندىسى

                مەيداندىكى ئورنى: ئوتتۇرا مەيدان

                  كىيىم نۇمۇرى: 22

1.jpg
  دىمارىيا 1988-يىلى2-ئاينىڭ14-كۈنى ئارگىنتىنانىڭ روسارىئو شەھرىدە دۇنياغا كەلگەن. ئۇنىڭ پۇتبولچىلىق ھاياتى 2005-يىلى باشلانغان بولۇپ 17 ياشلىق دىمارىيا روسارىئو مەركىزى پۇتبول كۇلۇبىغا قېتىلغان.  قازان قىزىل ياقۇت پۇتبول كۇلۇبىنىڭ كوماندىغا قېتىۋېلىش تەلىپىنى قايتا قايتا رەت قىلغان دىمارىيانىڭ دۇنيا ياش ئۆسمۈرلەر پۇتبول مۇسابىقىسىدىكى قالتىس ئىپادىسى ياۋروپا زەردارلىرىنىڭ دىقىتىنى تارىتقان.
6c224f4a20a4462389be26119822720e0df3d7ca7bcbf771.jpg
2007 -يىلى 7-ئايدا پورتۇگالىيە زەردارى بىنفىكا كۇلۇبى 8مىليون ياۋرو تۆلەپ دىمارىيانىڭ%80 ھوقۇقىنى سېتىۋالىدۇ ، دىمارىيانىڭ ئولىمپىك تەنھەركەت مۇسابىقىسىدىكى ئىپادىسى ناھايىتى ياخشى بولغاچقا بىنفىكا كۇلۇبى يەنە  2مىليون ياۋرو تۆلەپ قالغان%20ھوقۇقىنى سېتىۋالىدۇ.
  2008-يىلى 2-ئاينىڭ 22-كۈنى ياۋروپا ئىتتىپاق لوڭقىسىدىكى گىرمانىيە نۈرىن قەلئەسى كوماندىسى بىلەن بولغان مۇسابىقىدە ئۆزىنىڭ بىنفىكا كۇلۇبىدىكى تۇنجى توپىنى كىرگۈزۈپ كوماندىنىڭ 2-2 نەتىجە بىلەن تەڭلىشىشىگە ياردەم قىلىدۇ،شۇنىڭدىن كىيىن ئۇنىڭ ئىپادىسى تېخىمۇ كۆرۈنەرلىك بولىدۇ ،بىنفىكا كۇلۇبى دەرھال ئۇنىڭ بىلەن 2015-يىلىغىچە بولغان ئۇزۇن مۇددەتلىك توختام ئىمزالاپ توختام بۇزۇش ھەققىنى 40مىليون ياۋرو قىلىپ بىكىتىدۇ.
  2010-يىلى2-ئاينىڭ27-كۈنىدىكى پورتۇگالىيە دەرىجىدىن تاشقىرى ئايلانمىسىدىكى لېكسۇس كۇلۇبى بىلەن بولغان مۇسابىقىدە تۇنجى قالپاق ئويۇنىنى تاماملاپ ئارگىنتىنا دۆلەت كوماندىسى تىرىنىرىنىڭ «ئارگىنتىنانىڭ كەلگۈسىدىكى دەرىجىدىن تاشقىرى چولپىنى »دىگەن نامىغا ئىرىشىدۇ.

66.jpg

2010-يىلى 7-ئاينىڭ8-كۈنى مادرىد ئورگان تورىدا دىمارىيانى رەسمى كوماندىغا قېتىۋالغانلىقىنى ئىلىن قىلىپ مادرىد مەستانىلىرغا چوڭ سوۋغات تەقدم قىلىدۇ،25مىليون يۆتكىلىش ھەقىقىگە يۆتكىلىپ كەلگەن دىمارىيا مادرىد بىلەن 6 يىللىق توختام تۈزىدۇ ،شۇنىڭ دىن كىيىن سامان يولى جەڭ كىمىسىنىڭ 22-نۇمۇرلۇق جەڭچىسى بىرنابۇ مەستانىلىرى قەلبىدىن ئورۇن ئېلىشقا باشلايدۇ.

77.jpg

2010-يىلى8-ئاينىڭ 22-كۈنى ئۇ ھىركۇلىس كۇلۇبى بىلەن بولغان دوستلۇق مۇسابىقىسىدە مادرىدتىكى تونجى توپىنى كىرگۈزىدۇ يەنە پېلارول بىلەن بولغان مۇسابىقىدە توپ ئۇرۇپ مادرىدنىڭ بىرنابو لوڭقىسىنى ئېلىشىغا بىۋاستە كۈچ قوشىدۇ. ئۇنىڭ ئىسپانىيە بىرلەشمىسىدە تۇنجى توپىنى 2010يىلى9-ئاينىڭ 18-كۈنى خانلىق جەمىئەتنى 2-1نەتىجە بىلەن يەڭگەن مۇسابىقىدە كىرگۈزىدۇ. مادىرىدتىكى تۇنجى پەسلىدە 6 توپ ئۇرۇپ 20 ياردەمچى پاس چىقىرىپ ھەممىنىڭ ئىتراپ قىلىشىغا ئىرىشىدۇ.

u=1740101480,2913588496&fm=23&gp=0.jpg

  شۇنىڭدىن بېرى ئۇنىڭ ئىجاتچانلىققا تولغان ياردەمچى پاسلىرى مادرىدنىڭ قەدەممۇ قەدەم ئىلگىرلىشىدىكى پەلەمپەيگە ئايلىنىدۇ ، ئۇنىڭ پۇتىنى قايچىلاشتۇرۇپ تىپىپ بەرگەن يۇقرى سەۋىيەدىكى ياردەمچى پاسلىرى مەستانىلەرنىڭ يادىدا بولىشى مۇمكىن .


u=469789778,388633449&fm=23&gp=0.gif


6666.gif

ئۇ ھەقىقەتەن بىر تالانىت ئىگىسى !

         تېخنىكا ئالاھىدىلىكى


    ۋارتارغا تىپىش   9 نۇمۇر
    ئۇنىڭ ۋارتارغا تىپىش سەۋىيىسىمۇ يۇقرى بولۇپ كوماندىدىكى ئاساسلىق نۇمۇر ئالغۇچىلارنىڭ بىرى.
   
     پاس بىرىش    9نۇمۇر
    ئۇ كۆپ قېتىم كوماندىنىڭ پاس شاھى بولغان.

    توپ ئېلىپ مېڭىش  10 نۇمۇر

  بۇ ئۇنىڭ روشەن ئالاھىدىلىكى بولۇپ ئوڭ سول پۇتىنىڭ چاققانلىقى ، بەدىنىنىڭ چەبدەسلىكى ھەركەتلىرىنىڭ نەپىس ۋە گۈزەللىكى ئۇنى باشقا توپچىلاردىن پەرىقلەندۈرۈپ تۇرىدۇ.

    سۈرئەت    9.5 نۇمۇر
    ئۇنىڭ چەبدەسلىكى بىلەن تىز سۈرئىتى بىرلىشىپ ئۇنىڭ مۇۋاپپىقىيەت قازىنىشىنىڭ ئاساسى بولغان.

88.jpg

               ئىرىشكەن كوللىكتىپ شەرەپلىرى
  
  پورتۇگالىيە دەرىجىدىن تاشقىرى ئايلانما مۇسابىقىسىنىڭ چىمپىيونى

  پورتۇگالىيە ئايلانما مۇسابىقىسىنىڭ چىمپىيونى

  ئىسپانىيە شاھلىق لوڭقىسى چىمپىيونى

  ئىسپانىيە بىرلەشمە چىمپىيونى

  ئىسپانىيە دەرىجىدىن تاشقىرى لوڭقىسىنىڭ چىمپىيونى

  ئولىمپىك چىمپىيونى

  20ياشلىقلار دۇنيا لوڭقىسىنىڭ چىمپىيونى

  
               شەخسى شەرىپى

    پورتۇگالىيە دەرىجىدىن تاشقىرى ئايلانما مۇسابىقىسىدىكى ئەڭ ياخشى ماھىر

               پۇتبولچىلىق ھاياتى

  2005-2007يىلىغىچە روسارىئو مەركىزى پۇتبول كۇلۇبىدا

  2007-2010يىلىغىچە بىنفىكا كۇلۇبىدا

  2010-؟ مادرىد كۇلۇبىدا

  ئاخىرىدا دىمارىيانىڭ نادىر كۆرۈنۈشلىرى ھوزۇرۇڭلاردا

پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-2-19 17:34:56 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن ھەقىقى قايىل بۇلدىغان توپچىلارنىڭ بىرى- دەل دىمارىيا......
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-2-19 17:39:36 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئارگىنتىنا كوماندىسدا يىگۇايىندىن باشقا مەن ئامراق ھەم قايىل بۇلدىغان چولپان....
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-2-19 17:56:53 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇرۇن سەل شەخسىيەتچى توپچى ئىدى ، ئاستا - ئاستاچوڭ بولدى بۇمۇ ! ئەسلى پەرىشتە دىمەي شاياتۇنغا ئوخشىتاتتى ، قۇلىقى ئۇزۇن ئەمەسمۇ !  مادرىدتىن كەتمەي داۋاملىق لوڭقا كۈرىشى قىلىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-2-19 18:03:11 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەركەتلىرى    خىل  بۇنىڭ    بولۇپمۇ  توپ  قايدۇرشى
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-2-19 18:40:05 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-2-19 18:42:54 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-2-19 18:44:42 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن  مادىرىت   مەستانىسى     شۇڭا  ئۇنى مادرىدتىن كەتمەي داۋاملىق لوڭقا كۈرىشى قىلىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-2-19 18:45:15 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇرۇن سەل شەخسىيەتچى توپچى ئىدى
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-2-19 19:20:44 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-2-19 19:36:24 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دىمارىيا تېخى ياش ئۇ مادرىد ئۈچۈن خېلى ئۇزۇنغىچە تۆھپە قوشالايدۇ ...
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-2-19 19:48:35 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-5-6 00:09

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش