akyipakelan roni : 13999092457
كۆرۈش: 2769|ئىنكاس: 26

ئالتۇن ئۆسمۈر-پائول روسسىي

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   سىرداش تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-2-14 19:50  

ئالتۇن ئۆسمۈر-پائول روسسىي
قىسقىچە ئەھۋالى

ئىسمى : پائول رۇسسىي  保罗•罗西    Rossi  Paul
لەقىمى : ئالتۇن ئۆسمۈر
دۆلىتى: ئىتالىيە
توغۇلغان ۋاقتى: 1956.يىلى 9.ئاينىڭ 23.كۈنى
بوي ئىگىزلىكى: 175سانتىمىتىر
بەدەن ئېغىرلىقى: 65كىلوگىرام
توپ تەپكەن كولۇبلىرى: ۋىكانزا، يۇۋىنتۇس، ACمىلان، ۋىرونا
دۆلەت كوماندىسىدا قاتناشقان موھىم مۇسابىقىلەر: 1978.يىللىق، 1982.يىللىق، 1986.يىللىق دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىلىرى
دۆلەت كوماندىسىغا ۋاكالىتەن 48مەيدان مۇسابىقىگە قاتنىشىپ 20توپ ئۇرغان، ياۋرۇپادىكى ئۈچ چوڭ لوڭقا مۇسابىقىسىگە قاتنىشىپ 38مەيدان مۇسابىقىدە 15توپ ئۇرغان بۇنىڭ ئىچىدە ياۋرۇپا چىمپىيۇنلۇق لوڭقىسى مۇسابىقىسىگە قاتنىشىپ 18مەيدان مۇسابىقىدە 11توپ ئۇرغان.

ئىتالىيەنىڭ بىر ئەۋلات گىگانىت چولپىنى بولغان «ئالتون ئۆسمۈر» پائول روسسىي ئىتالىيە پۇتبول تارىخىدىكى ئەڭ مۇنەۋەر ئوتتۇرا ھوجۇمچىلارنىڭ بىرى.
پائول روسسىي 1956.يىلى 9.ئاينىڭ 23.كۈنى فىلورىنسا شەھرىگە يېقىن پىراتو بازىرىدا توغۇلغان.

10ياشقا كىرگەن يىلى دادىسى روسسىينى پىراتوس پۇتبول كولۇبىغا كىرگۈزىدۇ. 4يىلدىن كىيىن ئۇ بىر مۇنەۋەر پۇتبول تەنھەرىكەتچىسى بولۇپ يىتىشىپ چىقىپ نامى چىقىپ كەتكەچكە يوۋىنتۇس كولۇبى مەخسۇس ئادەم ئەۋەتىپ بۇ تالانىت ئىگىسىنى كولۇبقا قوشىۋالىدۇ.

1981.يىلى روسسىي ۋە بىرقانچە كولۇبداشلىرىنىڭ قائىدىگە خىلاپ «تەنھەرىكەت» بىلەن  شوغۇنلانغانلىقى بىكىتىلىپ پۇتبولچىلار ئويۇشمىسى تەرپىدىن 2يىل مۇسابىقىدىن چەكلىنىدۇ. 1982.يىلى ئۆتكۈزۈلگەن 12.نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى ئىتالىيە كوماندىسى بىلەن غەربى گىرمانىيە كوماندىسى ئوتتۇرىسىدىكى مۇسابىقىدە مەيدانغا چىقىدۇ ۋە چىمپىيۇنلۇققا ئېرىشىدۇ. روسسىيمۇ شۇ نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىدىكى ئەڭ مۇنەۋەر مەرگەن ۋە ئەڭ مۇنەۋەر ماھىر بولۇپ تاللىنىپ «ئالتۇن توپ» ۋە «ئالتۇن ئاياق»مۇكاپاتىغا ئېرىشىدۇ.

كەسپى ھاياتى

يۇۋىنتۇس كوماندىسىغا كەلگەندىن كىيىن روسسىي كوماندىدىكى چولپانلاردىن تەلىم ئېلىپ ئۈزىنى كۆپ مۇكەممەللەشتۈرىدۇ، لىكىن ئۇ كولۇبنىڭ ئۈزىگە ئانچە بەك ئىشىنىپ كەتمەيدىغانلىقىنى بايقاپ قالىدۇ. ئاقىۋەتتە ئۇ 1976.يىلى يۇۋىنتۇس كولۇب تەرپىدىن يېرىم باھا Bدەرىجىلىك بىرلەشمىدىكى ۋىكانزا كولۇبىغا (كولۇب نامى كىيىن رانىي روسسىي دەپ ئۆزگەرتىلگەن)سېتىۋىتىلىدۇ.

ۋىكانزا كولۇبىنىڭ باش تىرىنىرى فابورىي بولسا روسسىينىڭ تېخنىكىسىنى كۈرۈپ ئۇنىڭغا قاتتىق ئىشەنىچ باغلايدۇ ۋە روسسىينى ئوتتۇرا ھوجۇم ئورنىدا ئوينىتىدۇ. ئوزۇندىن بېرى كۈتكەن پۇرسىتى كەلگەنلىكتىن روسسىي پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ پۇتبول تېخنىكىسىنى كامالەتكە يەتكۈزىدۇ ۋە كۆپلىگەن كىشىلەرنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشىدۇ. ۋىكانزا كولۇبىنىڭمۇ ئامىتى كەلگەنلىكتىن نەتىجىسى ئۈزلۈكسىز يۇقىرى كۈتۈرۈلۈپ شۇ يىلى Aدەرىجىلىك بىرلەشمىگە ئۆرلەيدۇ. ئىككىنجى يىلى روسسىي ئىتالىيەنىڭ 21ياشتىن تۈۋەنلەر گۇرۇپپىسى بۇيىنچە ئەڭ مۇنەۋەر ھوجۇمچى بولۇپ باھالىنىدۇ، ۋىكانزا كولۇبىمۇ Aدەرىجىلىك بىرلەشمىدە ئىككىنجى بولىدۇ. بۇ ۋاقىتتا داڭلىق تىرىنىر بىئارزوت روسسىينىڭ پۇتبول تېخنىكىسىنى ئۈزى شەخسەن تەكشۈرۈپ كۆرگەندىن كىيىن ئۇنى دۆلەت كوماندىسىغا چاقىرتىدۇ.

1978.يىلى 11.نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقسىدە روسسىي ئىتالىيە دۆلەت كوماندىسى تەركىبىدە مۇسابىقىگە ئاتلىنىدۇ ۋە كۆپچىلىكنىڭ ئۈمۈدىنى يەردە قويماي فىرانسىيە بىلەن بولغان مۇسابىقىدە ھالقىلىق ۋاقىتتىكى پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ نومۇر ئېلىپ كوماندىنىڭ 4كۈچلۈكنى تاللاش مۇسابىقىسىگە كىرىشىگە ئاساس يارىتىدۇ ۋە ئۈزىمۇ پۇتبول مەستانلىرى تەرپىدىن «ئالتۇن ئۆسمۈر»دىگەن نامغا ئىگە بولىدۇ.

شۇ نۆۋەتلىك مۇسابىقە ئاخىرلاشقاندىن كىيىن روسسىي پىروگىيە كوماندىسىغا يۆتكىلىدۇ. لىكىن روسسىي تازا چاقناۋاتقان ۋاقىتتا ئىتالىيە پۇتبول مۇنبىرىدىكى مونۇپۇل سەتچىلىكى ئاشكارىلىنىپ قالىدۇ ۋە روسسىيمۇ بۇ ئىشقا چېتىلىپ قالىدۇ .
1979.يىلى 12.ئاينىڭ 30.كۈنى پىروگىيە كوماندىسى بىلەن ئاۋىرلىن كوماندىسى ئوتتۇرىسىدىكى مۇسابىقىدە روسسىي مۇسابىقىدە بۇرۇنقىغا ئوخشاش بارلىق كۈچىنى چىقىرىپ قارشى تەرەپ كوماندىسىغا قاتتىق زەربە بىرىدۇ ۋە ئىككى توپ ئۇرىدۇ. ئەمىل كۈچ سېلىشتۇرمىسىدا پىروگيە كوماندىسى ئاۋىرلىن كوماندىسىدىن ئۈستۈن ھەم ساھىبخان مەيدان بولغاچقا چوقۇم غەلبە قىلىشى كىرەك ئىدى، لىكىن مۇسابىقە نەتىجىسى كىشىلەرنىڭ ئويلىغىنىدەك بولماي 2:2دەك نەتىجە بارىلىققا كىلىدۇ. شۇ ۋاقىتتا بەزى كىشىلەر مۇسابىقە نەتىجىسى يەڭ ئىچىدە كونتىرول قىلىنىپ پۇتبول لاتارىيەسىدە چوڭ پايدا ئېلىش مەقسەت قىلىندى دەپ ئويلىدى. دەر ھەقىقەتتە روسسىي بۇئىشلاردىن خەۋىرى يوق ئىدى، ئۇ گەرچە كۆپ قېتىم بايانات ئىلان قىلىپ ئۈزىنىڭ ساپلىقىنى ئىپادىلىگەن بولسىمۇ ئاخىرى ئىتالىيە پۇتبولچىلار ئويۇشمىسى تەرپىدىن روسسىيغا «ئەھۋالنى بىلىپ تۇرۇپ مەلۇم قىلمىغان»دىگەن گۇناھ بىلەن ئىككى يىل مۇسابىقىدىن چەكلەش جازاسى بىرىلىدۇ. روسسىيمۇ ئىچكى ئەھۋالنى بىلمەيدىغان كىشىلەرنىڭ نەزىرىدە «ئالدامچى»دىگەن ئاتاققا قالىدۇ.

بۇ بىر ئىش سەۋەبىدىن 38ئادەم شىكايەت قىلىنىپ، 10دىن كۆپرەك ئادەم قولغا ئېلىنىپ 100دىن كۆپ ئادەم تەكشۈرۈلىدۇ. بىر يۇقىرى ئۆرلەۋاتقان ياش توپچىغا نىسبەتەن 2يىل مۇسابىقىدىن چەكلەش ئۇنىڭغا ئۈلۈم جازاسى بەرگەن بىلەن ئوخشاش بولۇپ ئۇنىڭ تالانتىنى بوغۇپ قوياتتى، لىكىن روسسىي ئۈكۈنمەيدۇ، ئاچچىقىغا پايلىماي پۇتبول ساھەسىدىن چىكىنىدىغان ئىشنىمۇ قىلمايدۇ، ئەكسىچە ئو بۇرۇنقىدەك نۇرمال مەشىقىنى داۋاملاشتۇرىۋىرىدۇ. بىئارزوت روسسىي توغرىسىدا ئالاھىدە ئەھۋال ئىگەللەپ خەۋىرىنى بىلگەندىن كىيىن ئۇنى ئىزدەپ كىلىپ زادى نىمە ئىش بولغانلىقىنى سۇرايدۇ، لىكىن روسسىي ئېنىق جاۋاب بەرمەيدۇ. روسسىينىڭ مۇسابىقىدىن توختىتىلىشى مەيلى روسسىي ئۈچۈن بولسۇن ياكى دۆلەت كوماندىسى ئۈچۈن بولسۇن ناھايىتى چوڭ زەربە ئىدى.

1982.يىلى 4.ئاينىڭ 27.كۈنى روسسىينىڭ جازا مۇددىتى توشىدۇ. 2.كۈنى ئىتاليە دۆلەت كوماندا تىرىنىرى بىئارزوت روسسىينى دۆلەت كوماندىسىغا جىددى چاقىرتىپ 12.نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسىغا قاتناشتۇرىدۇ. ئىسپانىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن مۇسابىقىدە روسسىي كىشىلىك تورمۇشتىكى بېشىدىن ئۆتكۈزۈشكە تىگىشلىك بولغان بارلىق ئەھۋالنى باشتىن كەچۈرگەندەك بولىدۇ. گۇرۇپپا مۇسابىقىسىدە ۋە 3مەيدان بەدەن قىزىتىش مۇسابىقىسىدە روسسىينىڭ ئىپادىسى ئادەتتىكىچە بولۇپ ئەينى ۋاقىتتىكى تەڭداشسىز جاسارىتىدىن ئەسىرمۇ قالمىغاندەك بولۇپ ئۇدا تەپكەن توپىمۇ چۈشمىگەن ئىدى. ئىتالىيە ئاخبارات ۋاستىلىرى توختىماستىن ئىسمىنى ئوچۇق ئاتاپ تورۇپ :«بىئارزوتنىڭ ئالاھىدە تاللىغان ئادىمى خاتا بولدى، روسسىي ئەمدى ئەسلىگە كىلەلمەيدۇ»دەپ تەنقىتلەشكەن ئىدى. بەزى ئاخبارات ۋاستىلىرى ھەتتا ئوچۇق ئاشكارا قىلىپ :«روسسىي ئائىلىسىگە قايىتسۇن، ئۇنى مەيداندا قالدۇرۇپ ئۇياتقا قالساق بولمايدۇ»دەيدۇ. روسسىينىڭ ئىشى ئوڭغا تارىتمىغان شۇ ۋاقىتلاردا بىئارزوت ئۈزىنىڭ ئادەمنى خاتا تاللىمىغانلىقىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن روسسىي بىلەن ئايرىم ھالدا سەمىمىي سۆھبەتلىشىدۇ، روسسىيمۇ بىئارزوتنىڭ ئىلھامى ئاستىدا ئۈزىدىكى روھى قاتىماللىقنى چۆرۈپ تاشلاپ كۈتۈرەڭگۈ ھالەتتە مۇسابىقىگە ئاتلىنىدۇ. ئىككىنجى باسقۇچلۇق مۇسابىقىدىن باشلاپ ئىدىيىسىدىكى بولىۋاتقان روھى چۈشكۈنلىكنى تاشلىغان روسسىي ئۈزىنىڭ تالانتىنى ئەڭ ياخشى ھالەتتە جارىي قىلدۇرۇپ بىرازىلىيە بىلەن مۇسابىقىدە 3توپ ئۇرىدۇ،

پولشا بىلەن بولغان مۇسابىقىدە ئىككى توپ ئۇرىدۇ، ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە غەربى گىرمانىيەنىڭ داڭلىق ۋارىتارى شۇمچىرنىڭ مۇداپىئەسىنى ۋەيران قىلىپ بۇ نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسىنىڭ چىمپىيۇنلىقىنى قولغا كەلتۈرۈشكە چوڭ تۆھپە قوشىدۇ. روسسىي بۇ نۆۋەتلىك مۇسابىقىدە  جەمئى 6توپ كىرگۈزىدۇ.

1982.يىلى 7.ئاينىڭ 5.كۈنى روسسىينىڭ ھاياتىدىكى ئەڭ شانلىق بىر كۈن بولۇپ، بىرازىلىيە بىلەن بولغان مۇسابىقىدە ئۇ ئۈزىدىكى تەڭداشسىز پۇتبول ماھارىتىنى نامايەن قىلىدۇ. مۇسابىقە باشلىنىپ 5مىنۇت بولغاندا روسسىي سەبدىشى بەرگەن پاسنى ئېلىپ تويۇقسىز بۈسۈپ كىرىپ توپنى كىرگۈزۈپ پۈتۈن كوماندىنىڭ روھىنى كۈتۈرىدۇ. مۇسابىقە 25.مىنۇتقا قەدەم قويغاندا روسسىي يەنە بىر توپ ئۇرىدۇ.  كىيىنكى يېرىم مەيدان مۇسابىقە باشلىنىپ 68.مىنۇتقا قەدەم قويغاندا نەتىجە 2:2بولۇپ مەيداندىكى ئەھۋال ناھايىتى جىددى تۈسكە كىرگەن ئىدى.74.مىنۇتقا قەدەم قويغاندا روسسىي مۇسابىقىنىڭ غەلبىسىنى بەلگىلەيدىغان 3.توپىنى ئورۇپ بىرازىلىيە كوماندىسىنى شاللىۋىتىدۇ.

بۇ مەيدان مۇسابىقىدە روسسىينىڭ ئىپادىسى ھەقىقەتەن قالتىس بولغان بولۇپ بىر ئىككى يىل مۇسابىقىدىن چەكلەنگەن توپچىنىڭ ئۈزىدە بۇنداق يۇقىرى ماھارەتنى ساقلاپ قالالىغانلىقىغا كىشىنىڭ ئەقلى يەتمەيتى. پولشا بىلەن بولغان مۇسابىقىدە غەلبە قلىپ بولغاندىن كىيىن 1982.يىلى 7.ئاينىڭ 11.كۈنىدىكى غەربى گىرمانىيە كوماندىسى بىلەن بولغان ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە روسسىي ناھايىتى قىممەتلىك بولغان بىر توپنى ئورىدۇ ،

ئىتالىيە كوماندىسىمۇ شۇ نۆۋەتلىك مۇسابىقىنىڭ چىمپىيۇنلىقىنى قولغا كەلتۈرىدۇ. روسسىي شۇ نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ ئەڭ مۇنەۋەر مەرگىنى ۋە ئەڭ مۇنەۋەر توپچى نامزاتلىقىغا تاللىنىپ «ئالتۇن توپ مۇكاپاتى»ۋە «ئالتۇن ئاياق مۇكاپاتى»نى قولغا كەلتۈرىدۇ. شۇنىڭدن كىيىن روسسىيمۇ ئىتالىيە پۇتبولچىلىقىنىڭ پەخىرى ۋە ئىپتىخارى بولۇپ قالىدۇ.

بۇ نۆۋەتلىك مۇسابىقە ئاخىرلاشقاندىن كىيىن روسسىينىڭ ئىدىيىسىدىمۇ چوڭ ئۆزگىرىش بولىدۇ. 1983.يىلىدىن باشلاپ روسسىينىڭ ئىپادىسى تۈۋەنگە قاراپ ماڭىدۇ. مەيلى يۇۋىنتۇستا بولسۇن مەيلى دۆلەت كوماندىسىدا بولسۇن ئۇنىڭدىكى ئالغا ئىنتىلىش روھى سۇسلاپ بارا-بارا ئاجزلاشقا باشلايدۇ. بۇ خىل ئەھۋالدا ئامالسىز قالغان بىئارزوتمۇ ئۇنى پەقەت بىر ئاتاقتىكى ئەزا ھىسابىدا دۆلەت كوماندىسىغا چاقىرتىپ مەيدانغا چىقارمايدۇ، زاپاس ئەزا تىزىملىكىگىمۇ كىرگۈزمەيدۇ، روسسىي پەقەت تاماششىبىنلار سۇپىسىدا تورۇپ مۇسابىقە كۈرىدۇ. بۇ خىل ئورۇنلاشتۇرۇش ئېنىقكى باش ترىنىرنىڭ ئۈزى قوزغاتقان ھەم ھالقىلىق ۋاقىتلاردا كوماندىنى نىجاتلىققا ئېرىشتۈرگەن بۇ تۆھپىكار ئۈچۈن قاتتىق كاللا قاتۇرۇش ئارقىلىق ئويلاپ چىققان چارىسى ئىدى.

روسسىينىڭ ھاياتىدىكى ئەڭ تەشەككۈر ئېيتىدىغان ئادىمى باش تىرىنىر بىئارزوت بولۇپ ئۇ دائىم :«باش تىرىنىر بىئارزوت خۇددى دادامغا ئوخشاش دائىم مىنى رىغبەتلەندۈرىدۇ، ماڭا ئىشىنىدۇ، ئۆزگىرىشچان جەڭ تاكتىكىسى توغرىسىدا تەلىم بىرىپ ئارتۇقچىلىقىم ۋە قابىليىتىمنى ئۈزۈمگە تونۇتقان ۋە قوزغاتقان، ئەگەر موشۇنداق ئاقكۈڭۈل ۋە ئەستايدىل تىرىنىر بولمىغان بولسا مەن روسسىينىڭ بۈگۈنى بولمىغان بولاتتى» دەيدۇ. بىئارزوتمۇ :«روسسىي ئاساسى ئىقتىدارى پۇختا، تېخنىكىسى ئەتراپلىق، پۇت ئاستى ھەركىتى پاكىز ھەم چاققان، كاللىسى ئوچۇق، ئورۇن ئېلىشى توغرا، ۋارىتارغا ئەجەللىك زەربە بىرەلەيدىغان ھەممىدىن ئۈستۈن بولغان بىر ھوجۇمچى، لىكىن ئۇ ئەگەر كوللىكتىپتىن ئايرىلسا، كوللىكتىپ بولغان ماسلىشىش بولمىسا قالتىس بولغان ماھارىتىنى يەنىلا كۆرسىتەلىشى ئەسلا مۇمكىن بولمايدۇ»دەيدۇ.

يۇۋىنتۇس كولۇبىدا كۆپ شەرەپلەرگە ئېرىشكەن روسسىي 1985.يىلى يازدا تۇرىن شەھرىدىن ئايرىلىپ يۇۋىنتۇسنىڭ ئەشەددى رەقىبى بولغان ACمىلان كوماندىسىغا قوشۇلىدۇ.

مىلاندىمۇ ئۇ قىيىنچىلىقىنى يېڭىپ چىمپىيۇنلۇققا ئېرىشكەندىن كىيىن دۆلەت كوماندىسى تەركىبىدە 1986.يىللىق مىكسىكىدا ئۆتكۈزۈلدىغان دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسى تىزىملىكىگە كىرىپ مۇسابىقىگە تەييارلىق قىلىدۇ، لىكىن كۆپ قېتىملىق يارىلىنشتىن قېلىپ قالغان جاراھەت ئىزى ئۇنى بەك قىينايدۇ، شۇنىڭ بىلەن روسسىي ئۈزىنىڭ شۆھرىتىنىڭ يۇقاپ كىتىشتىن بورۇن شەرەپ بىلەن چىكىنىپ پۇتبول ساھەسىدىن قول ئۈزۈشنى قارار قىلىدۇ.

1986.يىلى ۋىرونا كوماندىسىغا قوشۇلۇپ ئوزۇن ئۆتمەي 31ياشقا كىرگەن روسسىي چىكىنىش يولىنى تاللىۋالىدۇ.

روسسىينىڭ ئىسمى تىلغا ئېلىنسا 2002.يىلى ئىتالىيە پۇتبولچىلار ئويۇشمىسى ئىلان قىلغان ئىتالىيە پۇتبول تارىخىدىكى ئەڭ مۇنەۋەر چولپانلار تىزىملىگىدىكى زوف، بارىسى، مالدىنى، تاردىلى ۋە باگگىيو قاتارلىقلارنىڭ ئىسمىغا ئوخشاش ئورۇن ئېلىپ شۇلار بىلەن بىرگە يادلىنىپ تۇرىدۇ. روسسىينىڭ كەسپى ھاياتىدا ئۇرغان 48مەيدان خەلىقئارالىق مۇسابىقىدە 20توپ، 215مەيدان ئىتالىيە Aدەرىجىلىك بىرلەشمىسىدە 82توپى خاتىرلىنىدۇ.
توپ تەپكەن كولۇبلىرى
كولۇب نامى                مۇسابىقە پەسلى
كىمۇ                       1975.1976
ۋىكانزا                    1976.1977
پىروگىيە                  1978.1981
يۇۋىنتۇس                1981.1985
ACمىلان                 1985.1986
ۋىرونا                    1986.1987
كەسپى ھاياتى سىتاتىسكىسى
مۇسابىقە پەسلى             كولۇب              مەيدان             توپى
1975.1976                 يۇۋىنتۇس                 0                    0
1975.1976                كىمو                      6                     0
1976.1977               ۋىكانزا                    36                    21
1977.1978               ۋىكانزا                    30                    24
1978.1979               ۋىكانزا                    28                     15
1979.1980               پىروگىيە                  28                     13
1980.1981               ۋىكانزا                    0                       0
1981.1982               يۇۋىنتۇس                3                        1
1982.1983               يۇۋىنتۇس                23                       7
1983.1984               يۇۋىنتۇس                30                       13
1984.1985              يۇۋىنتۇس                 27                       3
1985.1986               ACمىلان                 20                       2
1986.1987               ۋىرونا                    20                       4
شان شەرەپلىرى
كولۇب

1982.يىلى ئىتالىيە Aدەرىجىلىك بىرلەشمىسىنىڭ چىمپىيۇنى
1983.يىلى ئىتالىيە لوڭقىسى چىمپىيۇنى
1984.يىلى ياۋرۇپا غالىبلار لوڭقىسى چىمپىيۇن، ياۋرۇپا دەرجىدىن تاشقىرى لوڭقىسى چىمپىيۇن
1985.يىلى ياۋرۇپا چىمپىيۇنلۇق لوڭقىسى چىمپىيۇن
دۆلەت كوماندىسى

1978.يىلى ئارگىنتىنا دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسى 3. بولغان، 3توپ كىرگۈزگەن.
1982.يىلى ئىسپانىيە دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىدە چىمپىيۇن بولغان، 6توپ ئۇرغان.
1986.يىلى مىكسىكا دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىدە 8كۈچلۈككە كىرگەن.
شەخسى شان-شەرىپى

215مەيدان ئىتالىيە Aدەرىجىلىك بىرلەشمىسىدە 82توپ ئۇرغان.
48مەيدان خەلىقئارالىق مۇسابىقىدە 20توپ ئۇرغان.
1976.1977.مۇسابىقە پەسلى ئىتالىيە Bدەرىجىلىك بىرلەشمە ئەڭ مۇنەۋەر مەرگەن. 21توپ
1977.1978.مۇسابىقە پەسلى ئىتالىيە Aدەرىجىلىك بىرلەشمىسى ئەڭ مۇنەۋەر مەرگەن.24توپ
1982.يىلى دۇنيالوڭقىسى ئەڭ مۇنەۋەر مەرگەن، ئەڭ مۇنەۋەر توپچى، 6توپ
2002.يىلى ئىتالىيە پۇتبول تارىخىدىكى ئەڭ مۇنەۋەر سەپ شەكلىگە تاللانغان.

روسسىينىڭ نادىر كۈرۈنۈشلىرى





پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-2-14 19:55:23 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نادىر تېىما
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-2-14 20:09:43 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن تېخى فىئورىنتىنادىكى روسسى ئوخشايدۇ دەپتىمەن…
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-2-14 20:24:26 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
زېرەك يوللىغان ۋاقتى  2014-2-14 20:09
مەن تېخى فىئورىنتىنادىكى روسسى ئوخشايدۇ دەپتىمەن…

مەنمۇ    شۇ
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-2-14 20:33:47 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەن نادىر تېما .نادىر تېما دەپ مانا بۇ تېمنى دەيدۇ.قۇلۇڭىزغا دەرت بەرمىسۇن.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-2-14 20:50:03 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قولۇڭىزغا دەت كەلمىسۇن نادىر تىمىلىرڭىز ئۇزۇلمىسۇن
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-2-14 20:51:02 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاخۇنۇم  كۈلمەيدۇ  كۈلسە  تېلقىپ كىتىدۇ  دەپ  ماۋۇ  ئەدەم  ھەجەپ  يىزىپتىغۇ  بۇ  تىمىنى  
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-2-14 20:58:36 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مانا نادىر تىما دىگەن ..     ئەزەلدىن  ئىتالىيە بىرلەشمسدىن چىققاندەك نوچى چولپانلار باشقا بىرلەشمىلەردىن چىققان ئەمەس  ، بۇندىن كىيىنمۇ ھەم
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-2-14 21:20:39 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەھمۇدىيە يوللىغان ۋاقتى  2014-2-14 20:51
ئاخۇنۇم  كۈلمەيدۇ  كۈلسە  تېلقىپ كىتىدۇ  دەپ  ماۋۇ  ئەدە ...

ئاخۇنۇممۇ دۇرۇتتىن بىكار بولسا ئاندىن باشقا ئىشنى ئويلايدۇ.2كۈندىن كىيىن 2.ماۋسۇملۇق دۇرۇتقا ئولتۇرۇپ كىتىمىز، دۇرۇتقا ئولتۇرغاندا يۇقاپ كەتتى دەپ سازايى قىلماي تىما يازغاندا ئۆرۈم - پۆرۈم دىگەننى تاشلىغاچ ئوقىمايلىمۇ؟
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-2-14 21:30:25 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىرداش يوللىغان ۋاقتى  2014-2-14 21:20
ئاخۇنۇممۇ دۇرۇتتىن بىكار بولسا ئاندىن باشقا ئىشنى ئو ...

ئومدان    ئاينا  ئۆرىمە  كەتتى   بىر تال  مىدال  
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-2-14 21:49:45 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەن نادىر تىما  
مەن ئاڭلاپ باقماپتىكەن مەن   ، بىلىۋالدىم رەخمەت
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-2-14 22:19:39 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نادىر تېما،روسسى ھەقىقەتەن شۇ چاغدا داڭلىق چولپان ئىدى
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-4-25 08:25

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش