- تىزىملاتقان
- 2011-2-12
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-3-11
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 8129
- نادىر
- 16
- يازما
- 8129
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا توپ تەپكۈچى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-3-1 18:04
« خەلقىنىڭ توپچىسى » دېگەن نامنى ئارگېنتىنالىقلار تېۋېزغا بەرگەن . مانچېستىر شەھىرىدىكى بەزى ئىشلار تۈپەيلىدىن « ياۋايى ھايۋان » بىر مەزگىل بۇرۇختۇم ھالەتتە ئۆتكەن .ئەمما سەۋىيىسىدە ھېچقانداق چېكىنىش ئالامەتلىرى يوق .ھازىرمۇ ئارگېنتىنادا كىشىلەرنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىپ كېلىۋاتىدۇ . « تېۋېز دۆلەت كوماندىسىغا قايتىپ كېلىشى كېرەك » دېگەن سادا بارغانسېرى كۈچەيمەكتە .تېۋېىز تاغىل ئات قوشۇنىدا بۇ پەسىل ھازىرغا قەدەر 13 توپ كىرگۈزۈپ ئالتە پاس بەردى .بىرىنچى ئورۇندىكى مەرگەندىن پەقەت بىر توپلا پەرق قىلىدۇ .مۇشۇ ھالىتى بىلەن ئوينىسا « ئالتۇن ئاياق » ئېلىش ئېھتىمالى يۇقىرى .لېكىن مانا مۇشۇنداق مول تەجربىگە ئىگە مۇنەۋۋەر ھۇجۇمچىمۇ دۆلەت كوماندا تىزىملىكىدىن چۈشۈپ قالدى .
بۈگۈن تېرىنىر سابىېللا ئېلان قىلغان تىزىملىكتە تېۋېزنىڭ ئىسمى چىقمىدى .ھەقىقەتەن ئەپسۇسلىنارلىق ئىش ! بۇ يىل ئۈچىنچى ئاينىڭ بەشىنچى كۈنى ئارگېنتىنا بىلەن رۇمىنىيە بىر مەيدان دوستلۇق مۇسابىقىسى ئوينايدۇ .بۇ ئارگېنتىنانىڭ دۇنيا لوڭقىسىدىن بۇرۇن كوماندا ئەزالىرىنى سىنايدىغان مۇھىم مۇسابىقىسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ .كىشىلەر تېۋېزنىڭ قايتىپ كېلىشىنى ئىنتىزارلىق بىلەن كۈتمەكتە .تاراتقۇلارنىڭ پەرەز قىلىشىچە ،بۇ يىل 30 ياشقا كىرگەن تېۋېزنىڭ تاللىنىش ئېھتىمالى ناھايىتى تۆۋەن ئىكەن .
ئۇنداقتا تېۋېز سەۋىيە جەھەتتىكى ئامىل تۈپەيلىدىن دۆلەت كوماندىسىغا چاقىرتىلمىدىمۇ ؟ ياق ....سەۋەبى ئۆز كۇلۇبلىرىدا سەبداشلىرى بىلەن شۇنداق سىڭىشىپ كەتكەن تېۋىز بىلەن « كىچىك بۈرگە » مېسسى دۆلەت كوماندىسدا خۇددى « جىن چاپلاشقان » دەك مەيداندا ياخشى ماسلىشالمىغان .سابېللا كۆپ قېتىم سىناپ ۋە تەھلىل قىلىپ ، ئاخىردا مېسسىنى يادرولۇق قىلىپ يالغۇز چىقىرىپ ئۈنۈمىنى كۆرگەن .مېسسىنىڭ ئىپادىسىمۇ كۈرۈنەرلىك يۇقىرى ئۆرلىگەن .كېيىن سابىللا قەتئى نىيەتكە كېلىپ تېۋېزدىن ۋاز كەچكەن .ئىلگىرى ئارگېنتىنا مەستانىلىرى مېسسىنى سەت سۆزلەر بىلەن تىللىغاندا تېۋېز تەسەللى بەرگەن ئىدى ....( تېۋېزنىڭ جەنۇبىي ئافرىقا دۇنيا لوڭقىسدا مېكسىكا كوماندىسىغا يىراقتىن ئۇرىۋەتكەن دۇنياۋى سەۋىيەلىك توپىنى يەنە بىر قېتىم كۈرۈپ باقايلى )
توپ تەپكۈچى |
|