elan orni : 13999092457elan roni : 13999092457
كۆرۈش: 1572|ئىنكاس: 45

ئەنچىلوتى مادرىتتا چوڭ تازىلاش ئېلىپ بارماقچى !!!!

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
شىنلاڭ تەنتەربىيىسى خەۋىرى:
ئەنچىلوتىنىڭ شۇنداق مۇلايىم تۇرغىنىغا قاراپ ئۇنىڭغا ھەرگىزمۇ سەل قارىماڭ،  موھىم ۋاقىتتا ئۇ ئىنتايىن كەسكىن ھەرگىز يۇمشاق قوللۇق قىلمايدۇ. مەسىلەن مورىنخوغا ئوخشاش كاشىلياسنى زاپاس قىلىپ قويالايدۇ.
ئىسپانىيە «سېر تىلۋىزىيە قانىلى »نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا ، ئەنچىلوتى مۇسابىقە پەسلى ئاخىرلاشقاندىن كېيىنكى تازىلاش تىزىملىكىنى بېكىتىپ بولغان، ئۇلار كاشىلياس، ئېسكو، مۇراتتا، كونتىرۇۋا، ئاربىلويا ۋە كاسمىرو قاتارلىقلار، مادرىد كولۇبى يوقارقىلارنى مۇسابىقە پەسلى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن ئامال بار يولغا سالىدىكەن.

kaxi.jpg ۋارتارغا نىسبەتەن ، ھازىر مادرىدتا لوپىز بىلەن كاشىلياستىن ئىبارەت ئىككى داڭلىق ۋارتار بار. مادرىد ھەرگىزمۇ زاپاس ئەزا تىزىملىكىدە بىرسىنىڭ تۇرۇپ قېلىشىنى خالىمايدۇ، شۇڭا ئىككى ۋارىتاردىن چوقۇم بىرنى تاللاش كېرەك، ئەنچىلوتى لوپىزنى تاللىدى، بۇنداق بولغاندا كاشىلىياسقا باشقا ئائىلىسىنى تاپماقتىن باشقا ئامال يوق.


kente.jpg arbilo.jpg كونتىرىۋا بىلەن ئاربىلوياغا كەلسەك بۇلارنىڭمۇ ئەھۋالى ياخشى ئەمەس. ئەنچىلوتى كارۋاخال بىلەن مارسىلوغا ئىشىنىدۇ، يان تەرەپتە يەنە ناچو بار بۇنىڭغىمۇ ئىشىنىشكە بولىدۇ، ھازىر يەنە مادرىد سەۋىلىيادىكى ئاربىلتو.مورىنھونى ئەكەلمەكچى، بۇنداق بولغاندا كونتىرىۋا بىلەن ئاربىلويانىڭ ئورنى قالمايدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئەنچىلوتى يىڭى پەسىلدىكى سەپ شەكلى لاھىيىسىنى تۈزۈپ بولدى.

esko.jpg ئېسكومۇ ئەنچىلوتىنىڭ سەپ شەكلىدە يوق ئەلۋەتتە، ئۇ مادرىدقا كەلگەن دەسلەپتە ئىپادىسى ئىنتايىن قالتىس بولدى، كېيىنچە ئىپادىسى تۆۋەنلەپ باردى. ئەنچىلوتى ئېسكونىڭ سەۋىيىسى ۋە تېخنىكىسىدىن گۇمانلانمايدۇ، لېكىن تاكتىكىدا ئېسكونىڭ ئىپادىسى ئادەمنى ئۈمۈتسىزلەندۈردۇ. ھوجۇم سېپىدە ئىپادىسى قالتىس بولغان بىلەن لېكىن مۇداپىيە جەھەتتە ئۇنىڭ ئىپادىسى ئەنچىلوتىنىڭ دېگەن يېرىدىن چىقمىدى.

kas.jpg كاسمىروغىمۇ ئەنچىلوتى ئەمدى مۇختاج ئەمەس، بىرازىلىيىلىككە يۆتكىلىش بازىرىدا نۇرغۇن باھالار قويۇلغان بولسىمۇ مادرىدنىڭ ئويلىغىنىدەك باھا تېخى چىقمىغان، شۇڭا بۇيىل يازدا داۋاملىق بازارغا سېلىنىدۇ، مادرىدنىڭ پىلانى بولسا ئىجارە بېرىش ياكى سېتىش لىكىن ساتقاندا قايتۇرىۋىلىش ماددىلىرى بولىشى كېرەك، ۋە ياكى 50% ھوقۇقىنى سېتىشتىن ئىبارەت.


murat.jpg ھوجۇم سېپىدە، خېسەي. رودىگىرىس پارتىلىدى، مۇراتانىڭ ئورنى تارتىپ كېتىلدى. مۇراتتانىڭ ئۈسۈپ يېتىلىشى توختاش باسقۇچىغا كىرىپ قالدى، بۇنى مادرىدنىڭ قەتتىي كۆرگىسى يوق . شۇڭا مادرىد ئۇنى مەيدانغا چىقىش پۇرسىتى كۆپرەك بولغان بىر كولۇپقا ئىجارە بەرمەكچى بولۋاتىدۇ، كېيىنچە مادرىدقا ياندۇرۇپ كەلسىمۇ بولىدىغان قىلماقچى.
يوقارقى توپىلاردا قالغان نەچچە ئايدا چوڭ پارتىلاشلا بولمىسا، بۇ تىزىملىك ئالدىراپ ئۆزگەرتىلمەيدىكەن.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-2-12 12:49:40 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئېسكو  دەسلەپتە  بەك  چېچاڭشىپ  كەتكەن ھەي  ،  ھەممىسىلا  نايىتى  تالانتىلىق توپچىلار  ، ئامال  يوق  رىقابەت  كەسكىن  گاسىللاس داۋاملىق زاپاس،  ئەمدى  كىلىپ ساتىدىغانلانىڭ  قاتارىدىن  ئۇرۇن  ئالدى ھېچكىم  ئەنچىلوتىنى تىللىمايدىغۇ توۋا
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-2-12 12:49:49 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
لوپىزغا ياخشىراق ئائىلە چىقىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-2-12 12:52:49 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خېلى ياخشى ماللار باركەن،كونتىراۋ بىلەن ئېسكونى ئالۋاستىلار ئېلىۋالسا مۇراتانى ئارسىنال ئالسا تازا كاتتا ئىش بولاتتىدە
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-2-12 12:53:17 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەي كاشىلياس خۇشلىشى دىكەندە مادىرىتقا ئازتۆھپىلەنى قۇشمىغان ئۇ
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-2-12 12:54:24 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كاسىلاسنى نېمە قىلا سېتىپ. ساراڭمىدۇ مادىرىدتىكىلەر. كاسىلاسنىڭ شۇنچە يىللىق شانلىق نەتىجىلىرى تۇرسا.
ئۆزىلنى سېتىۋىتىپ ئېسكونى ئېلىپ قېلىپ ئەمدى بولغاندا ساتقۇسى كەپ قاپتۇغۇ !!!
مۇراتانى سېتىشقا بولمايدۇ، بىرە كۇلۇبقا ئىجارە شەكىلىدە بىرىش كېرەك.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-2-12 12:56:01 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كاشىلياسنى ساتىمەن دېگىنى نېمىسى ئەمدى ؟
  موراتتانى سېتۋەتمەي باشقا كۇلۇپقا ئىجارە بەرسە بولىدۇ.   ئىسكونىڭ مادرىدتا ھېچقانداق رولى بولمىدى، مالاگادا شۇنچىلىك ياخشى ئويناپ مادرىتا تۈزۈك ئېچلالمىدى. دسە
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-2-12 12:57:02 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كونتىرۋا يارىنىپلا ئىپادىسنى تاپالماي قالدى،
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-2-12 12:57:34 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋۇجۇن بۇلادىن ناھايىتى ياخشى سەپ شەكىل تۈزلەتتىكە
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-2-12 12:58:33 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كاسلىياس كەتمىسە بولتى  مادرىد كىيىن چۇقۇم پۇشايمان قىلدۇ .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-2-12 13:06:32 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كاشىللىياس توسۇق بولۇپ قالدىغۇ مادرىتقا ئەمدى، بەزىدە شان شەرەپ ئادەمگە مۇشۇنداق دۈشمەن بولۇپ قالىدىكەن!
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-2-12 13:07:37 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ئەن پوداق كاشىلياس نى ساتمىسا بۇلاتتى ھەي
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-3-19 21:55

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش