پۇتبول كۇلۇبى

نىيە ۋاسكىتبول كۇلۇبى
كۆرۈش: 2033|ئىنكاس: 54

ئۇنىڭ ھاياتى مىلان بىلەن باغلانغان

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   تەنتەربىيە تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-2-11 21:55  

ئەسسىلامۇ-ئەلەيكۇم مۇنبەر ئەھلى
قايسى كۈنى ماڭا مۇنبىرىمىزنىڭ كۆزىگە كۆرۈنگەن باشقۇرغۇچسى بىرنابۇ قىرندىشىمىز ‹‹كاكا›› تۇغۇرلۇق بىر نادىر تىما يىزشىمىنى تەۋسىيە قىلغان ئىدى . قىرىكام ‹‹مەھمودىيە››مۇ  بىر نادىر تىما يىزىپ بىقشىمىنى تەكىتلىگەن ئىدى . شۇڭا مەزكور تىمىنى يىزىپ ئولتۇرۇپتىمەن . قىنى قىرنداشلارىغا يارامىدۇ يوق  ئۇقۇپ بىقىپ پىكىر بىرىشڭلارنى ئۈمىد قىلمەن
كاكا --- ئۇ مىلاننىڭ مەڭگۆلۈك سادىق قەھىرىمانى

ئۇنىڭدا بىر خىل سۆيگۈ بار - بۇ سۆيگۈ بولسىمۇ مىلاننىڭ سادىق 22-نۇمۇرلۇق قەھىرىمانىنىڭ يۈرەكىدە مەڭگۆ ‹‹مىلان›› سۆيگۈسى

ئۇنىڭدىكى يارلىىنىش ۋە بىسىملار مىلان ھاياتىدىكى 100 توپلۇق ئۈتكۈلىنى تۇسۇپ قالالمىدى.

ئۇ ياۋرۇپادىكى ئەڭ ئۇلۇغ كۇماندا ‹‹مىلان خاندانلىقى›› نىڭ مۇھىم بىر قىسمى.

ئىللىق ئائىلىگە قەدەم تاشلىغان دەسلەپكى ئاشۇ دەقىيقىلەر.

سان-سىرونىڭ سىرتىدا مۇسابىقە كۆرۋاتقان كاكا مەستانلىرى

تۇنجى ‹‹مىلان دىربىسى››دا توپ كىرگۈزۈپ غەلبىنى قولغا كەلتۈرۈش.

2007-يىلدىكى ئۇنتۇلماس دەقىيقە

ئۇنتۇلماس ‹‹ئافىنا كىچسى››

‹‹ئافىنا كىچسى›› دىكى ئاشۇ مىنۇتىلار  سەن ئۈچۈن ئەڭ خۇشاللىق ۋاقىتلار

سەن مىلاندا ‹‹خەلىقئارادىكى 1-گىگانىت پۇتبول چولپىنى››غا ئايلانغان ئىدىڭ.

پۇتبول چولپانلىرىنىڭ ئارسىدا سەندىن ئۈتە ‹‹بەخىتلىك تۇرمۇش››قا ئىرشكەن ئەر بولمىسا كىرەك

مىلان ئۈچۈن تۈكۈلىگەن ئاشۇ كۆز ياشلىرىڭ ھەربىر مىلان مەستانسى ئۈچۈن ئۇنتۇلغۇسىز ھەقىيقەت

بىرنابۇدىكى يۇقىرى تەمىناتمۇ سىنىڭ مىلانغا بولغان سىغىنشڭىنى ئۆزگەرتەلمىدى.

ئىللىق ئائىلەڭگە قايىتتىڭ، سەن ئەلۋەتتە خۇشال بۇلۇشقا ھەقلىق.

2003-يىلى مىلان خانىدانلىقىغا قۇشۇلۇش ۋە 10يىلدىن كىيىن قايتا جەم بۇلۇش

بىراق سەپداشلار ئاساسەن يىڭلىنىپ كەتكەن ئىدى.

مىلاننىڭ ھازىرىقى نەتىجسگە قاراپ قانچىلىك جىددىيلىشۋاتقىنىڭ ھەممىمىزىگە ئايان.

ساڭا پەقەت تۇنۇش ماكانلا قالغان ئىدى

ئىلىگىرىكى مۇشۇنداق خۇشاللىقىڭ  ئۇزۇنغا قالماي قايتا جىلۋىلىنىدۇ.

مىلان ‹‹دەل ئاشۇ يۈرۈكۈڭ››دە

شىنجاڭدىمۇ سىنىڭ مەستابلىرىڭ ئاز ئەمەس.

سەن بىر پۇتبولچىدا بۇلۇشقا تىگىشلىك ھەممە شەرتىنى ھازىرلاپ بولدۇڭ ھەم ئورۇنداپمۇ بولدۇڭ ---سەن ھەقىيقى پۇتبول گىگانىت چولپىنى.
كاكا ھەقىيقى بىر پۇتبولچى قىلشقا تىگىشىلىك ۋەزىپىنى تۇلۇق ئورۇنداپ بولغان بىردىنبىر پۇتبولچى ، نىمە ئۈچۈن؟ دەمسىز؟
1. ئۇ ئۆزنىڭ كەسپىنى ھەقىيقەتەن سۈيىدۇ
2.ئۇ ئۆزىدە بار بولغان پۈتۈن تىرشچانلىقىنى يىشىل چىملىققا ئاتىۋەتتى
3. ئۇ ئۆزنىڭ قاملاشقان چىرايى ۋە بىر ئەركىشى چۇقۇم ئۈتەشكە تىگىشلىك مەجبورىيەتىنى ھالال ئائىلسىگە ئاتىدى.
4. ئۆز دۆلىتى ئۈچۈن سالامەتلىكىنى قۇربان قىلدى.
5. ئۇ پۇتبول ئۈچۈن بايلىقىنى دوسىت تۇتىمدى.
6. ئۆزنى تۇنۇتقان ئىللىق ئائىلسى ئۈچۈن  نۇرغۇن بايلىقىنى چەتكە قارۋەتتى.
7. كەسپى ئۈچۈن ، ئىناق ئائىلسى ئۈچۈن  ئۇ ئالدىغا كىلۋاتقان بايلىق ۋە كۈڭۈل خوشلۇقلىرىنى كۆز قىرىغا ئالمىدى.
8. ئۇ پۇتبول ئەخلاقىغا زىت كىلدىغان ۋە سۆز چۆچەككە قالىدىغان قىلمشىلارنى سادىر قىلغان ئەمەس
9. ئۇ پۇتبولىنى سۈيىدۇ ۋە پۇتبول تۈزۈمىگە ھۈرمەت قىلىدۇ، شۇڭا 2010-يىلدىكى ناھەق قىزىل كارتىدىن باشقا ئۇنىڭ 10 نەچچە يىللىق كەسپىي ھاياتىدا قىزىل كارتا يەپ باققىنىنى كۆرۈپ باقىمدىڭىز.
10. ئۇ ئەيىنى ۋاقىتتا پۈتۈپ قالغان مانچستىر شەھىرىگە يۈتكۈلۈش 120 مىليونلۇق دۇنيا پۇتبول تارىخدىكى بۇزۇش ئەڭ قىيىن بولغان يۈتكۈلۈش ھەققى ۋە ئەڭ يۇقىرى مائاش تەمىناتىغا قول قۇيۋەتسىلا بۇلدىغان يەرىگە كەلگەنىدە كۆزيىشى بىلەن مىلاندا داۋاملىق قالدىغانلىقىنى بىلدۈرىگەن . بۇ خىل ئەخلاق ھەرقانداق پۇتبولچىنىڭ ئۈگۈنىشىگە ئەرزىيىدۇ

كاكانىڭ تەرجىمھالى
ئىسىمى : كاكا (KAKA)
تۇلۇق ئىسىمى : رىكاردو ئىزىكسۇن دوس سانتۇس لەيتى (Ricardo Izecson dos Santos Leite)
تۇغۇلغان ۋاقىتى : 1982-يىل 4-ئاينىڭ 22-كۈنى
دۆلەت : بىرازلىيە
تۇغۇلغان شەھەر : بىرازلىيە پايىتەختى بىرازلىيە شەھىرى
ئىگىزلىكى : 1.86 مىتىر
ئىغىرلىقى : 76 كىلوگىرام
كەسپى : كەسپىي پۇتبول تەنھەركەتچسى
كەسىپ ئالاھدىكىلى : تىز سۈرئەتتە توپ ئىلىپ باستۇرۇپ كىرىش
كەسپدىكى بۇرۇلۇش : 2003-يىلى بىرازلىيە سان-پاۋلو كۇماندسدىن ئىتالىيە AC كۇماندسىغا يۈتكۈلۈش ۋە 2009-يىلى ئىسپانىيە خانلىق مادىرىد كۇماندسىغا يۈتكىلىش
قان تىپى : O قان تىپلىق
يۇلتۇز تۈركىمى : ئالتۇن ئۇي يۇلتۇز تۈركىمى
يىللىق مائاشى : 9 مىليون ياۋرۇ (ئىلىگىرى 12 مىليون ياۋرۇ ۋە 18 مىليون ياۋرۇ)
تىل قابىليىتى : پورتۇگال تىلى (ئانا تىلى) ، ئىتالىيان تىلى ، ئىسپان تىلى ، فىرانسوز تىلى ، ئىنىگىلىز تىلى ، گوللان تىلى
مەيداندىكى ئورنى : ھۇجۇمسىمان ئۇتتۇرا مەيدان
توپ تىپىشكە ماسلاشقان پۇت : ئوڭ پۇت
ھازىرىقى كۇماندسى : ئىتالىيە AC مىلان كۇماندسى

ئىلىگىرى توپ تەپكەن كۇماندىلىرى : بىرازلىيە سان پاۋلو كۇماندسى ، ئىتالىيە AC مىلان كۇماندسى . ئىسپانىيە خانلىق مادىرىد كۇماندسى
كۇلۇپتىكى نۇمۇرلىرى : سان-پاۋلو (8-نۇمۇر)  ، AC مىلان (22-نۇمۇر) ، خانلىق مادىرىد (8-نۇمۇر)
دۆلەت كۇماندسدىكى نۇمۇرلىرى : 2002-يىللىق دۇنيا لوڭقسى (23-نۇمۇر)  ، 2005-يىللىق قىتئەلەر ئارا چىمپىيونلۇق مۇسابىقسى (7-نۇمۇر)
2006-يىللىق دۇنيا لوڭقسى (8-نۇمۇر) ،  2009-يىللىق خەلىقئارا قىتئەلەر ئارا چىمپىيونلۇق لوڭقسى مۇسابىقسى ۋە 2010-يىللىق دۇنيا لوڭقسى پۇتبول مۇسابىقسى (10-نۇمۇر) ، 2006-يىللىق دۇنيا لوڭقسى تاللاش مۇسابىقسى (16-نۇمۇر)
دۆلەت كۇماندسدىكى تۇنجى تۇپى  : 2002-يىلى 1-ئاينىڭ 31-كۈنى  پولۋىيە كۇماندسىغا ئۇرىغان
دۇنيا لوڭقسى تەجىربىسى : 2002-يىللىق دۇنيا لوڭقسى ، 2006-يىللىق دۇنيا لوڭقسى ، 2010-يىللىق دۇنيا لوڭقسى
دۆلەت كۇماندسى ئۈچۈن : 82 مەيدان مۇسابىقىغا قاتنىشىپ 28 توپ ئۇرىغان
ياۋرۇپادىكى ئۈچ چوڭ مۇسابىقىدە : 73 مەيدان مۇسابىقىغا قاتنىشىپ 25 توپ ئۇرىغان
ئۇزغۇنلۇق ئۈچۈن : 66 قىتىم مەيدانغا چىقىپ 24 توپ ئۇرىغان
ياخشى كۈرىدىغىنى : ئىنجىل ، گولىف توپ ، سېتكا توپ ، باۋلىڭ توپ ، سىنئالغۇ  قاتارلىقلارنى كۈرۈش، ئىنجىل بەخىت ناخشىسى  ئاڭلاش ، ئىلىكتىرونلۇق ئويۇنچۇق ئويناش.
ياخشى كۈرىدىغان مۇزىكىسى : ئىنجىل مۇزىكىسى :
ياخشى كۈرىدىغان توپ تىپىش ئۇسلۇبى : يۇقىرى تىزلىك، ئاددىيلىق ، ئەمىلى قوللىنىش ، كونتىرول قىلىش
ياخشى كۈرىدىغان خىزمەت ئۇسلۇبى : ئەستايدىل ، مەسئۇلىيەتچان ، يۇقىرى ئۈنۈم ئۈستىدە ئىزدىنىش.
ياخشى كۈرىدىغان ئىنجىل مۇزىكا ئەترىتى : رىېسگات ۋە رېناككېر پىراس
ياخشى كۈرىدىغان ناخشىچى : ئەيلىن بارروس
ياخشى كۈرىدىغان مۇزىكا توپلىمى : رېناككېر پىراسنىڭ 6.مۇزىكا توپلىمى «ۋەدە»
ياخشى كۈرىدىغان ئايال ئارتىس : رېگنا داۋرىت
ياخشى كۈرىدىغان DVD : پەقەتلا رېناككېر پىراسنىڭ
ياخشى كۈرىدىغان كىنو : «يىشىل مۆجىزە» ، «غەزەپلەنگەن گىنرال»
ياخشى كۈرىدىغان تىلۋىزىيە پىروگىراممىسى : كنو قانىلى ، تەنتەربىيە پىروگىراممىسى ، يەرشارى تىلۋىزىيىسى «تەنتەربىيەدىكى ئاجايىپ مەنزىرلەر » پىروگىراممىسى
ياخشى كۈرىدىغان كىتابى : ئىنجىل ، سامباچىلارنىڭ ئەركىنلىك كۈرىشى
ياخشى كۈرىدىغان رەڭ : ئاق رەڭ
ياخشى كۈرىدىغان ئىچىملىكى : سۇ ۋە ئاناناس شەربىتى ۋە بىرازلىيە گۇالانا ئىچىملىكى
ياخشى كۈرىدىغان يىمەكلىكى : ئانىسى ئۇنىڭغا ئاتاپ پىشۇرۇپ بىرىدىغان تاماق «فىجىد» (ئانىسى ئۇنىڭغا مەخسۇس پىشۇرۇپ بىرىدىغان ئارزۇ تامىقى)  ۋە بىرازىلىيە كاۋىپى .
ياخشى كۈرىدىغان كىيىم – كىچىكى : تەنھەرىكەتچىلەر ئازادە كىيىملىرى
ياخشى كۈرىدىغان ماركىسى : ئامانى (ARMANI)
ياخشى كۈرىدىغان ئەترىسى : CK ۋە Hugo Boss
ئەڭ ياخشى كۈرىدىغان شەھىرى : توغۇلغان يۇرتى بىرازىلىيە شەھىرى
قەلبىدىكى گۈزەل : فىرناند لىما
قەلبىدىكى ئەڭ چىرايلىق ئەر : ئۈزى
كۈندۈزى ئەڭ ياخشى كۈرىدىغىنى : توپ تىپىش   
ئاخشىمىدىكى ئەڭ ياخشى كۈرىدىغىنى : سىرىتقا چىقىپ كەچلىك تاماق يىيىش، ئائىلىدە ئايالى بىلەن ئىنجىل ھەققىدە سۆھبەتلىشىش ، ئارام ئېلىش ۋاقىتلىرىدا چىركاۋغا بېرىش، دوسلىرىغا ياردەم بىرىش.
تەنھەرىكەتتىن باشقا ياخشى كۈرىدىغىنى : كىنو قويۇش زالى ۋە تىياتىر قويۇش زالىغا بېرىش
ئارزۇلۇق ھايۋىنى : راننى (ئۈزى باققان كۈچۈك)
كەسپىدىكى ئۈلگىسى : لارى ، جىك ، سەينا
ھۆرمەتلەيدىغان ئادىمى : كۆڭلىدىكى ماھىر توپچى دەپ بىلگەن ئادەم
ھوزۇرلىندىغان ئىشى : توپ تىپىش
ئاۋارچىلىقى : يىراقنى كۈرەلمەسلىك كىسىلى
قورقىدىغىنى : ئاچارچىلىق
قىيالمايدىغان يىرى : بىرازىليە شەھرىدىكى ئۈيى
ئويلايدىغىنى : بىر مۇنەۋەر كەسپى تەنھەرىكەتچى بولۇش
ئەمەلگە ئاشمىغان ئارزۇيى : 20 ياشلىقلار مۇسابىقىسىدە چىمپىيۇن بولۇش
ئارزۇ قىلىدىغىنى : ئۈزىنىڭ بالىسىنى بېقىش، ئىككىنجى مالدىنى بولۇش
كىشلىك تۇرمۇش  قارىشى
ياخشى كۈرۈش : مەن نۇرغۇنلىغان شەيئىلەرنى ياخشى كۈرىمەن، لىكىن ياخشى كۈرىدىغان تەرەپلەر ۋە ياخشى كۈرۈش دەرىجىسى ئوخشىمايدۇ.
مال - دۇنيا : ئەزەلدىن باشقىلارنىڭ ياردىمىگە تايانمايدىغان ئادەم
شادلىقى : تەڭرى ئاتا قىلغان  كەسپى   
دۇستى : تۇرمۇشى ئازاپ – ئوقۇبەتتە قالغان كىشىلەر
نىكاھ : مەڭگۈ داۋاملاشتۇرۇش   
ئائىلىسدىن ئايرىلىش ۋاختى : ئانام ماڭا :«تەڭرىم سىنى ئۆز پاناھىدا ساقلىغاي » دىگەن ئىدى.
دۇئا قىلىدىغان سۈزى : پوپنىڭ كۆرسەتمىسى بۇيىنچە ئىشقىلىپ ، ھىچكىم پۇتىدىن ئايرىلىپ قالمىسۇن.
تەڭرىنى تەسۋىرلىشى : كىشىلەر مەڭگۈ تايىندىغان قودرەت ئىگىسى
تۇرمۇش ئىتقادى : خۇشال ئۈتۈش
كىشلىك تۇرمۇش ئەقىدىسى : توختىماستىن ئالغا ئىنتىلىش
بىرازىليەدىن ئازابلىندىغىنى : ئادالەتسىزلىك ۋە چىرىكلىك
بىرازىليىلكلەرنىڭ مەنپەئەتى كۆپ ئىشى : تەنھەرىكەت
خەلقىنىڭ كۈرەش قىلىدىغىنى : ئاچارچىلىقتىن قوتۇلۇش
قىيىنچىلىقنى يېڭىش ئوسۇلى : ئۈزىگە ئىشىنىش
كىم تۇرمۇشىدا ئەڭ كۆپ يىتەكلىگەن : ئائىلە ئەزالىرى
ئەڭ ياخشى كۆردىغان ماشىنسى : ئاۋدى
دادىسى : بوسىك . لىتى (ئىنىژىنىر)
ئاپسى : سىمىڭنى . كىرستىياننا . سانتوس . لىتى (ئۇقۇتقۇچى ، پىرافسور)
ئىنسى : رودىلىك .يىزكسون . سانتوس . لىتى (كەسپىي پۇتبولچى ، ئىتالىيە ب دەرىجلىك سىلىيت كۇماندسىدا)
ئايالى : كالولىننا . سىلىك (مودىل ، ئاۋدىنىڭ بىرازلىيەدىكى ۋاكالاتچىسى ، داڭلىق مودا كىيىم لاھىلىگۈچى)
ئۇغىلى : لوكا . سىلىك . لىتى ( 2008-يىلى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى تۇغۇلغان)
قىزى : يىزابىللا . سىلىك . لىتى (2011-يىلى 4-ئاينىڭ 23-كۈنى تۇغۇلغان)
يۈتكىلىش نەرخى : 2003-يىلى 8 مىليون 250 مىڭ ياۋرۇ بىلەن مىلانغا قۇشۇلغان ،  2009-يىلى 65 مىليون ياۋرۇ بىلەن خانلىق مادىرىدىقا قۇشۇلغان.
دۆلەت كۇماندسى ئۈچۈن قاتناشقان چوڭ مۇسابىقلىرى : 2001-يىللىق دۇنيا ياشلار لەۋھە تالىشش مۇسابىقسى
2002-يىللىق دۇنيا لوڭقسى
2005-يىللىق قىتئەلەر ئارا چىمپىيونلۇق تالىشش مۇسابىقسى
2006-يىللىق دۇنيا لوڭقسى
2009-يىللىق قىتئەلەر ئارا چىمپىيونلۇق لوڭقسى
2010-يىللىق دۇنيا لوڭقسى
پۇتبول تىخنىكا سەۋىيەسى :
ھۇجۇم قىلىش : 9 نۇمۇر
پاس بىرىش : 9 نۇمۇر
سۈرئەت : 10 نۇمۇر
توپ ئىلىپ مىڭىش : 10 نۇمۇر
كاللا توپ : 8 نۇمۇر

ئۇنىڭ كۇلۇپتا ئىرشكەن شەرەپلىرى
2001-يىلى رىئودى-ژانىيرو شىتاتىنىڭ چىمپىيونى
2002-يىلى سان-پاۋلو شىتاتىنىڭ چىمپىيونى
2003-2004 ئىتالىيە بىرلەشمسىنىڭ چىمپىيونى
2004-يىلى ئىتالىيە دەرىجدىن تاشقىرى لوڭقسىنىڭ چىمپىيونى
2006-2007 ياۋرۇپا ئۇزغۇنلۇق لوڭقسىنىڭ چىمپىيونى
2007-يىلى دۇنيا كۇلۇپلار لوڭقسىنىڭ چىمپىيونى
2007-يىلى ياۋرۇپا دەرىجدىن تاشقىرى لوڭقسىنىڭ چىمپىيونى
2011-يىلى ئىسپانىيە شاھىلىق لوڭقسىنىڭ چىمپىيونى

ئۇنىڭ دۆلەت كۇماندسدا ئىرشكەن شەرەپلىرى
2002-يىللىق دۇنيا لوڭقسىنىڭ چىمپىيونى
2005-يىللىق قىتئەلەر ئارا چىمپىيونلۇق لوڭقسىنىڭ چىمپىيونى
2009-يىللىق قىتئەلەر ئارا چىمپىيونلۇق لوڭقسىىنىڭ چىمپىيونى

ئۆزنىڭ شەخسىي شەرەپلىرى:
2001- يىلى بىرازىلىيە دۆلەت ئىچى بىرلەشمىسى ئەڭ مۇنەۋەر يېڭى توپچى .
2002- يىلى بىرازىلىيە دۆلەت ئىچى بىرلەشمىسى ئەڭ مۇنەۋەر توپچى ۋە بىرازىلىيە پۇتبول ئەپەندىسى.
2003.2004.مۇسابىقە پەسلى ئىتالىيىدىكى ئەڭ مۇنەۋەر توپچى.
2003.2004.مۇسابىقە پەسلى ئىتالىيىدىكى ئەڭ مۇنەۋەر چەتئەللىك توپچى.
2004.2005. مۇسابىقە پەسلى ياۋرۇپا چىمپىيۇنلۇق لوڭقىسى ئەڭ مۇنەۋەر ئوتتۇرا مەيدان تەنھەرىكەتچىسى.
2005.2006.مۇسابىقە پەسلى ئىتالىيىدىكى ئەڭ مۇنەۋەر چەتئەللىك توپچى.
2005.2006.مۇسابىقە پەسلى ، دۇنيا پۇتبول مۇنبىرىدىكى ئەڭ مۇنەۋەر سەپ شەكلىگە كىرگەن
2006.2007. مۇسابىقە پەسلى ، ياۋرۇپا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى ئويۇشتۇرغان مەستانىلەرنىڭ تور ئارقىلىق باھالىشىدا ياۋرۇپادىكى ئەڭ مۇنەۋەر توپچى.
2006.2007.مۇسابىقە پەسلى ، ياۋرۇپادىكى ئەڭ مۇنەۋەر توپ كىرگۈزگۈچى .
2006.2007.مۇسابىقە پەسلى ياۋرۇپادىكى ئەڭ مۇنەۋەر ھۇجۇمسىمان ئۇتتۇرا مەيدان .
2006.2007.ياۋرۇپادىكى ئەڭ مۇنەۋەر توپچى.
2008. يىلى 1. ئاينىڭ 21.كۈنى كىرودىيە كۈندىلىك گىزىتى «SN» يىللىق ئەڭ مۇنەۋەر توپچى .
2008.يىلى 1. ئاينىڭ 18 . كۈنى IFFH2007.يىللىق ئەڭ مۇنەۋەر ئوتتۇرا مەيدان توپچىسى.
2008.يىلى 1. ئاينىڭ 17. كۈنى ياۋرۇپا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى تورى 2007. يىللىق ئەڭ مۇنەۋەر سەپ شەكىلىگە كىرگەن.
2007.يىلى خەلىقئارا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى ئەڭ مۇنەۋەر توپچى.
2007. يىلى ياۋرۇپا ئالتۇن توپ مۇكاپاتى.
2007.يىلى ئەنگىلىيە «دۇنيا پۇتبولى»ئەڭ مۇنەۋەر توپچى.
2007.يىلى دۇنيا كولۇبلار مۇسابىقىسى ئەڭ مۇنەۋەر توپچى
2007. يىلى12.ئاينىڭ 19. كۈنى  دۇنيا پۇتبول ئەپەندسى
2007.يىلى  IFFHS ئەڭ مۇنەۋەر ئوتتۇرا مەيدان توپچىسى.   
2007.يىلى يۇقىرى بىلەت سانى بىلەن ياۋرۇپا پۇتبول مەستانلىرى تەرپىدىن ئەڭ مۇنەۋەر سەپ شەكلىگە تاللانغان
2007.يىلى ئىتالىيە بىرلەشمىسى ئەڭ مۇنەۋەر توپچى ۋە ئەڭ مۇنەۋەر چەتئەللىك توپچى.
2007.يىلى 12.ئاينىڭ 16 .كۈنى دۇنيا كولۇبلار مۇسابىقىسىدە ئەڭ مۇنەۋەر توپچى بولۇپ باھالانغان
2007.يىلى 12.ئاينىڭ 13.كۈنى .كاكا ئەنگىليە «دۇنيا پۇتبۇلى» ژورنىلى باھالىشىدا %50 ئاۋاز بىلەن ئەڭ مۇنەۋەر توپچى بولۇپ باھالانغان.   
2007.يىلى 12. ئاينىڭ 2.كۈنى . پارىژدا كاكا 2007.يىللىق ئالتۇن توپ ماكاپاتىغا ئېرىشكەن.
2007.يىلى AIC تەرپىدىن ئوسكار پۇتبول مۇكاپاتىنى باھالاشتا كاكا 2007.يىللىق ئەڭ مۇنەۋەر چەتئەللىك توپچى بولۇپ باھالانغان
2007.يىلى 10.ئاينىڭ 5. كۈنى  خەلىقئارا كەسپى تەنھەرىكەتچىلەر  بىرلەشمىسى تەرپىدىن ئەڭ مۇنەۋەر توپچى بولۇپ باھالانغان
2007.يىلى 8. ئاينىڭ 30.كۈنى  2006.2007.مۇسابىقە پەسلىدىكى ياۋرۇپا بۇيىنچە ئەڭ مۇنەۋەر توپچى بولۇپ باھالانغان.
2007.يىلى 8.ئاينىڭ 24.كۈنى ، ئىتالىيە بوشلوق تىلۋىزىيىسى خەلىق رايىنى سىناش پائالىيىتىدە كاكا 2006.2007.مۇسابىقە پەسلىدىكى ياۋرۇپادىكى ئەڭ مۇنەۋەر توپچى بولۇپ باھالانغان.
2007.يىلى 6.ئاينىڭ 6.كۈنى خەلىقئارا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى تورىدا بىلەت تاشلاش ئارقىلىق %48.61 بىلەت بىلەن دۇنيادىكى ئەڭ مۇنەۋەر توپچى بولۇپ باھالانغان.
2007.يىلى 6.ئاينىڭ1. كۈنى ، كاكا گىرمانىيە «پۇتبولچىلار» ژورنىلى باھالىشىدا دۇنيادىكى ئەڭ مۇنەۋەر توپچى بولۇپ باھالانغان.
2007.يىلى 5.ئاينىڭ 26.كۈنى ، خەلىقئارا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى تورىدا بىلەت تاشلاش ئارقىلىق 100000مىڭ ئاۋاز ئارقىلىق ئەڭ مۇنەۋەر توپچى بولۇپ باھالانغان.2007.يىلى 5. ئاينىڭ 23. كۈنى كاكانىڭ كىرگۈزگەن 10توپى ياۋرۇپا چىمپىيۇنلۇق لوڭقىسىدىكى ئەڭ ئىسىل توپ قىلىپ تاللاندى.
2007.يىلى 5.ئاينىڭ 15.كۈنى 2007.يىللىق سانپاۋلوۋ  غالىبىيەت مىدالىغا ئېرىشىدۇ.
2008.يىلى 4. ئاينىڭ 29.كۈنى 2008.يىللىق سانپاۋلوۋ  غالىبىيەت مىدالىغا ئېرىشىدۇ .
2009.يىللىق قىتئەلەر ئارا چىمپىيونلۇق لوڭقسى مۇسابىقسىنىڭ ئالتۇن توپ مۇكاپاتى
2009.يىللىق ئىسپانىيە ماكا گىزىتى تەرەپدىن (جەلىپكار ئىنسان) مۇكاپاتى
2007.يىللىق ئامىرىكا (دەۋىر ژورنىلى) تەرەپدىن يىللىق 100 مۇنەۋۋەر شەخىس مۇكاپاتى
2009.يىلى 2010.يىللىق دۇنيا لوڭقسى تاللاش مۇسابىقسى دۇنيادىكى ئەڭ مۇنەۋۋەر سەپ شەكىلى

داڭلىق شەخسلەرنىڭ كاكا ھەقىقىدە ئىيتقانىلىرى
پىلى : كاكا دۇنيادىكى ئەڭ مۇنەۋۋەر پۇتبولچى . پۇتبول ئەخلاقىنىىڭ سىموۋىلى
بىنكىنبوۋىر : پۇتبول مەيداندىكى كاكا قارشى تەرەپكە نسبەتەن ئەزىرائىل
بىلىروسكىنى : كاكانى سىتۋىتشىم مىلان مەستانلىرىغا قىلغان دۈشمەنلىگىم بۇلۇپ قالدى . ئەپسوسلىنمەن
كىرويىف : بۇ يىگىتنىڭ ئىللىق سىماسى پۇتبول مەيداندىكى پارلاق قۇياشقا ئۇخشايىدۇ
رونالدىنخو : كاكانىڭ ھەقىيىقى ئىپادسىنى تاپقان ۋاقىتتا سىز ئۇنىڭغا رەقىپ تاپالمايسىز
تاردىلى (بۇرۇنقى پۇتبولچى) : ئۇنىڭ كۈلۈپ تۇرىغان ئۇماق يۈزلىرى چىرايلىق پۇتبول تىخنىكسىنى ئەكىس ئەتتۈرۈپ بەردى
زاجى (ئىلىگىرىكى مىلان تىرنىرى) : بۇ يىگىتنى تۇنجى مۇسابىقىدە كۆرىگەندىلا ئەنچىلودىنىڭ ئادەم تۇنۇيدىغانلىقىنى تىخمۇ ئىچىكىرلەپ ھىس قىلدىم
سىكىلارى : مىنىڭ ئۇنى تۇنجى بۇلۇپ بايىقشىم كەسپىي ھاياتىمدىكى يەنە بىر خۇشاللىنارلىق ئىشىم
كىرسىسپو : سەن توپ ئۇرۇشقا ئىنتىزار بولغان ۋاقىتلىرىڭدا كاكا ساڭا ھەقىيقى ياردەمىنى بىرەلەيىدۇ
رىۋالدو :  مەن كاكا بىلەن تۇلىراق پىكىر ئالماشتۇرۇپ تۇرۇشىنى ياخشى كۆرىمەن ، ئۇ مەيداندىكى ئەڭ تەمكىن پۇتبولچى
باروسسى : مەن كاكا بىلەن بىر دەۋىردە تۇرۇپ بىرگە توپ تىپەلمىگىنىمگە ئەپسوسلىنمەن
شوۋچىنكو : مىنىڭ كاكا بىلەن بىرگە سەپداش بولغىنىم كەسپي ھاياتىمدىكى ئەڭ چوڭ نەتىجەم
مالدىنى : كاكانى سىتۋىتىپ مىلاننىڭ ئۇزغۇنلۇقتىن سۆز ئىچشى ئاسماندىكى غازنىڭ شورپسىغا نان چىلاپ يىگەنلىك
مارادۇنا : ئەگەر ماڭا نوچىلارنى تىزىپ باق دىسە 1-كاكا ، 2-مىسسى ، 3-كىرستىيانو رونالدو دەپ تىزاتتىم
ماتا : ئۇ پۇتبول سەھىنسدىكى ئەڭ كىلشكەن ئەر

كاكانىڭ كۇلۇپتا ئۇرىغان توپلىرى
2001-يىلى سان پاۋلو ئۈچۈن 26 قىتىم مەيدانغا چىقىپ 12 توپ ئۇرىغان
2002-يىلى سان پاۋلو ئۈچۈن 20 قىتىم مەيدانغا چىقىپ 8 توپ ئۇرىغان
2003-يىلى سان پاۋلو ئۈچۈن 10 قىتىم مەيدانغا چىقىپ 2 توپ ئۇرىغان
2003-2004 مىلان ئۈچۈن 30 قىتىم مەيدانغا چىقىپ 10 توپ ئۇرىغان
2004-2005 مىلان ئۈچۈن 36 قىتم مەيدانغا چىقىپ 7 توپ ئۇرىغان
2005-2006 مىلان ئۈچۈن 35 قىتىم مەيدانغا چىقىپ 14 توپ ئۇرىغان
2006-2007 مىلان ئۈچۈن 31 قىتىم مەيدانغا چىقىپ 8 توپ ئۇرىغان
2007-2008 مىلان ئۈچۈن 30 قىتىم مەيدانغا چىقىپ 15 توپ ئۇرىغان
2008-2009 مىلان ئۈچۈن 31 قىتىم مەيدانغا چىقىپ 16 توپ ئۇرىغان
2009-2010 مادىرىد ئۈچۈن 24 قىتىم مەيدانغا چىقىپ 8 توپ ئۇرىغان
2010-2011 مادىرىد ئۈچۈن 14 قىتىم مەيدانغا چىقىپ 7 توپ ئۇرىغان
2011-2012 مادىرىد ئۈچۈن21 قىتىم مەيدانغا چىقىپ 8 توپ ئۇرىغان
2012-2013 مادىرىد ئۈچۈن 18 قىتىم مەيدانغا چىقىپ 7 توپ ئۇرىغان
2013-2014 مىلان ئۈچۈن 15 قىتىم مەيدانغا چىقىپ 6 توپ ئۇرىغان (يىرىم پەسىل)
كاكاغا ئاتاپ ئىيتلغان ناخشا

كاكا 2013-يىلى 9-ئايىدا ئۆزنىڭ ئىللىق ئائىلسى مىلانغا قايتىپ كەلدى
بارلىق مىلان مەستانلىرى سىنى قارشى ئالىدۇ مىلان شاھىزادسى
[/size

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 4مۇنبەر پۇلى +200 يىغىش سەۋەبى
bangbax + 50 قالتىس!
kara-yakxanba + 50 قالتىس!
باقاۋۇل + 50 قالتىس!
WiRoS + 50 ئېسىل تېما ....ئاز بولس.

باھا خاتىرىسى

ۋاقتى: 2014-2-11 20:26:45 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئېسىل پۇتبولچى....  ئەخلاقى ياخشى...   سۈرئەت تېز،يىراقتىن ئۇرۇش،ئالداش قاتارلىق ماھارەتلەردە ھازىرقى پۇتبول ساھەسىدىكى ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدىغان پۇتبولچى....  
ۋاقتى: 2014-2-11 20:27:59 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
2012-يىلدىكى بىرلەشمە لوڭقىسى قېپ قالدىمۇ نېمە ؟
ۋاقتى: 2014-2-11 20:33:34 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تېما   يازمايدىكەنسىز  ،    يېزىپلا   قالسىڭىز   نادىر  تېمىلا   يازىدىكەنسىز  .
ۋاقتى: 2014-2-11 20:36:28 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن بۇنىڭغا بەك ئۆچ
ۋاقتى: 2014-2-11 20:40:59 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مادرىتتا ئەڭ كېرەك چاغدا مادرىتتىن ئايرىلدى بۇ . لېكىن مىلانغا قايتىقاندىن كېيىنكى بىر ئىككى مەيدان مۇسابىقىسىنى كۆردۇم ، ھەقىقەت بۇ بالا مىلاندا باشقىچە ئوينايدىكەن .
ۋاقتى: 2014-2-11 20:45:44 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يەنە  بىر  ئېسېل تىما
ۋاقتى: 2014-2-11 20:49:13 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
kaka  hazir  milanda  ,  ottursida  wa  ahirda  azrak  hatalij  bakan  ,  nadir  tima   
ۋاقتى: 2014-2-11 20:51:08 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كەسپىدىكى ئۈلگىسى : لارى ، جىك ، سەينا
  سەينا دىگەن كىم؟
ۋاقتى: 2014-2-11 20:52:10 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يىپىدىن يىڭنىسىغىچە تەپسىلى يېزىپسىز ھەقىقەتەن نادىر تىما يېزىپسىز
ۋاقتى: 2014-2-11 20:58:16 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
oyun4 يوللىغان ۋاقتى  2014-2-11 20:36
مەن بۇنىڭغا بەك ئۆچ

نىمىشقا؟؟؟؟؟؟
مەندەك مىلان مەستانلىرى سىنى قارشى ئالىدۇ مىلان شاھىزادسى ..
ۋاقتى: 2014-2-11 21:01:43 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ballack16 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-2-11 21:18  

كاكا ھەقىيقى بىر پۇتبولچى قىلشقا تىگىشىلىك ۋەزىپىنى تۇلۇق ئورۇنداپ بولغان بىردىنبىر پۇتبولچى ، نىمە ئۈچۈن؟ دەمسىز؟

————————————————————————————————————

ھەقىقى بىر مۇنەۋۋەر پۇتبولچى بولۇشنىڭ شەرتى مۇشۇ بولسا تىررىدىن باشقا نۇرغۇن پۇتبولچى بۇ قاتاردىن ئورۇن ئالالايدۇ . كاكا بىردىنبىرى ئەمەس .
كاكا مال دۇنيانى قىلچىلىك دوست تۇتمىغان بولسا ئالدىنقى يىلىلا مىلەنگە كەپ بولغان بولاتتى ، شۇ ۋاقىتتا كۇلۇپ بىلەن شەخسى توختامدا بىرلىككە كىلەلمىگەن .
كاكانىڭ مەن ئەڭ ياقتۇرىدىغان تەرىپى ئەخلاقىنىڭ ياخشىلىقى ۋە ئاغرىقىنى يوشۇرۇپ دۆلىتى ئۈچۈن جەڭ قىلغانلىقى . تىررىدەك ئەخلاقسىزلارنى سانىساق 10 بارمىقىمىز ئىشىپ قالغىنى بىلەن ئەخلاقلىقلارنى ساناپ بولالمايمىز ،  سۇيارىزمۇ  دۆلىتى ئۈچۈن ئۆزىنى قۇربان قىلغان، گىگىس ياۋرۇپادىكى كۈچلۈكلەر ئارىسىدا مەڭگۈ گورۇپپىدىن چىقالمايدىغانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ يەنە ۋىلىش دۆلىتىنى تاللىدى ، ئىنگىلاندنى تاللىغان بولسا بىر نەچچە قىتىملىق دونيا لوڭقىسىغا قاتنىشالىغان بولاتتى ، بىلمۇ شۇ .
دۆلىتى ئۈچۈن يۈرىكىدە چۆگۈن قاينايدىغان توپچىلار ھەقىقەتەن ھەممە ئادەمنىڭ ھۆرمىتىگە ئېرىشىدۇ .
بوئاتىڭدەك ئۆزىنىڭ شان شۆھرىتى ئۈچۈن ياش تۇرۇپلا دۆلەت كوماندىسى تەرىك ئەتسە كۇلۇبىمۇ نان بەرمەيدۇ .




كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|قاماقخانا|يانفون نۇسخىسى|رەسىمسىز نۇسخا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

GMT+8, 2014-8-2 17:04 , Processed in 0.098521 second(s), 21 queries .

Powered by Discuz! X3.1(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش