akyipakelan roni : 13999092457
كۆرۈش: 897|ئىنكاس: 31

دۇنيا لوڭقىسىدىكى كۈچلۈك قوشۇنلار تەركىبى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   بېرنابۇ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-1-31 17:11  

جەنۇبىي ئافىرىقا دۇنيا لوڭقىسىدا «بارسىلونا گورۇھى» نى ئاساس قىلغان ئىسپانىيە دۆلەت كوماندىسى ۋە ئۆتكەن يىلى بىرازىلىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن دۇنيا لوڭقىسىدا «بايرىن مىيۇنخىن گورۇھى» نى ئاساس قىلغان گېرمانىيە دۆلەت كوماندىسى ئېسىل ئىپادىسى بىلەن چېمپىيۇنلۇقنى قولغا كەلتۈرۈگەن ئىدى. ئەمدى دۇنيا لوڭقىسى تارىخىغا نەزەر سالىدىغان بولساق، ئوخشاش بىر كۇلۇپتا توپ ئوينايدىغان توپچىلارنى ئاساس قىلىپ تەشكىللەنگەن دۆلەت كوماندىلىرى ئاز ئەمەس، ئۇنىڭ ئىچىدە مۇۋاپپىقىيەت قازانغان دۆلەت كوماندىلىرىمۇ ئاز ئەمەس. ئۇنداقتا دۇنيا لوڭقىسى تارىخىدىكى ئاشۇ ئوخشاش كۇلۇپتا توپ تېپىدىغان توپچىلارنى ئاساسىي گەۋدە قىلىپ تارىخ ياراتقان ۋە مەغلۇپ بولغان دۆلەت قوشۇنلىرىغا نەزىرىمىزنى ئاغدۇرايلى.



000cf1a487860da7651e1e.jpg

1950-يىللىق بىرازىلىيە دۇنيا لوڭقىسى- تېراگىدىيلىك ئىتالىيە كوماندىسى

ئىككى قېتىملىق دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ تەسىرىدە 8 يىل توختاپ قالغان دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسى 1950-يىلىغا كەلگەندە ئەسلىگە كېلىپ بىرازىلىيەدە ئۆتكۈزۈلدى. ئالدىنقى نۆۋەتلىك چېمپىيۇن ئىتالىيە كوماندىسى بولسا 1-باسقۇچلۇق گۇرۇپپا مۇسابىقىسىدىلا شاللاندى. لېكىن بۇنى ھەرگىزمۇ تېرنىرنىڭ قابىلىيەتسىزلىكىدىن كۆرۈشكە بولمايتى.  ئەينى چاغدا ئىتالىيە تۇرىن كۇلۇبى ئۇدا بىر قانچە يىل ئىتالىيە پۇتبولچىلىقىنى مونوپول قىلۋالغانىدى. ئىتالىينىڭ شۇ يىللىرىدىكى ۋەكىل خارەكتىرلىك چولپانلىرىمۇ ئاساسەن تۇرىن كوماندىسىغا يىغىلغان بولۇپ، ئىتالىيە دۆلەت كوماندىسى تەركىبىدە 10 ئارتۇق تۇرىن كوماندىسى ئەزاسى بار ئىدى. ئەمما تېراگىدىيلىك بولغىنى، 1949-يىلى 5-ئايدا تۇرىن كوماندىسى پورتۇگالىيدىكى بىر مەيدان مۇسابىقىنى تۈگىتىپ مەخسۇس ئايروپىلان بىلەن دۆلىتىگە قاراپ كېتىۋېتىپ تۇرىن شەھىرىدىكى سۇپېرگا تېغىغا سوقۇلۇپ، ئايروپىلاندىكى 31 نەپەر ئادەمنىڭ (18 نەپەر پۇتبولچى، 2 نەپەر تېرنىر،  2نەپەر كۇلۇپ خادىمى، 1 نەپەر كوماندا دوختۇرى، 3 نەپەر مۇخپىر، 5 نەپەر ئايروپىلان خادىمى) ھەممىسى بەخىتسىزلىككە ئۇچىراپ ھاياتىدىن ئايرىلدى. مانا بۇ پۇتبول دۇنياسىدىكى يەنە بىر مەشھۇر «سۇپېرگا ئايروپىلان ھادىسىسى» بولسا دۇنيا لوڭقىسىدا چېمپىيۇن بولۇش ئېھتىمالى ھەممىدىن يۇقىرى بولغان ئىتالىيە دۆلەت كوماندىسىنى پۈتۈن كوماندىنىڭ يېرىمىنى دېگۈدەك تەشكىل قىلىدىغان ئەڭ ياخشى توپچىلىرىدىن تۇيۇقسىزلا ئايرىۋەتتى. شۇنىڭ بىلەن مۇشۇ ۋەقە بولۇپ 1 يىلدىن كېيىنكى ئاجىزلىشىپ كەتكەن ئىتالىيە دۆلەت كوماندىسى دۇنيا لوڭقىسىنىڭ بوسۇغىسىدىن ئاتلاپلا يىقىلدى.
zeyIrfu.gif

ZF3ymam.gif

ئەينى يىللىرىدىكى تۇرىن كوماندىسى ئەزالىرىدىن تەشكىل تاپقان ئىتالىيە دۆلەت كوماندىسى ۋە سۇپېرگا ئايروپىلان ھادىسىسى



——————————————————————————————————————————————————



W020060608379922721068.jpg

1954-يىللىق شېۋىتسارىيە دۇنيا لوڭقىسى- ئەپسۇسلىنارلىق ۋېنگىرىيە كوماندىسى

مالاكانا تەنتەربىيە مەيدانىدا بايرام شاتلىقى بولۇپ، 4 يىلدىن كېيىن رېمىت لوڭقىسى يەنە ياۋروپاغا قايتىپ كەلدى، باشقا نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسىغا سېلىشتۇرغاندا بىر ئاز تىنىچ ۋە جىمجىت ئۆتكۈزۈلگەن 5-نۆۋەتلىك شېۋىتسارىيە دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسىدىمۇ ئاز بولمىغان ئېسىل مەنزىرىلەر بارلىققا كەلدى. بۇ نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسىدا ئادەمنىڭ ئېسىدن چىقمايدىغىنى بولسا تەلۋىلەرچە توپ كىرگۈزۈش ۋە ھېچكىم ئويلاپ باقمىغان غەربىي گېرمانىيەنىڭ چېمپىيۇنلىققا ئېرىشىشى بولۇپ قالدى. يەنە تېخى بۇ نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسىدا بارلىق توپچىلار نومۇر بېسىلغان كىيىمنى كىيىپ مۇسابىقە ئوينىدى، بۇ پۇتبول تارىخىدا تۇنجى قېتىم ئىدى.
ۋېنگىرىيە بىرلەشمىسىنىڭ كۈچلۈك زەردارى ۋېنگىرىيە ئارمىيە كوماندىسى تەركىبىدە توپ تېپىدىغان پۇسكاس، بوزسىك، كوكسىس ۋە ھېدىگۇت قاتارلىقلار بولسا ۋېنگىرىيە دۆلەت كوماندىسىنىڭ چېمپىيۇنلۇقنى قولغا كەلتۈرىشىدىكى ئەڭ مۇھىم تايانچىلىرى ئىدى، ئۇلار دۇنيا لوڭقىسىغا قاتنىشىشتىن بۇرۇن 28 مەيدان خەلقئارالىق مۇسابىقىلەردە ئۇدا يېڭىشتەك نەتىنجىنى قولغا كەلتۈرگەن، شۇنداقلا ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىدا چېمپىيۇن بولغان كوماندا ئىدى. ئەمما بۇ نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسىنىڭ يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە بىرازىلىيە كوماندىسىنى يەڭگەن، دۇنياغا سېسىق نامى پۇر كەتكەن «بورنىي جېڭى» دە ۋېنگىرىيە كوماندىسىدىن 3 ئەزا جازالىنىپ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە قاتنىشىش سالاھىيتىدىن مەھرۇم قالىدۇ. ۋېنگىرىيە كوماندىسى گەرچە گۇرۇپپا مۇسابىقىسىدە غەربى گېرمانىيە كوماندىسىنى 3:8 نەتىنجە بىلەن ئېچىنىشلىق مەغلۇپ قىلغان بولسىمۇ، لېكىن ھەل قىلغۇچتا ئاۋۋال توپ ئۇرۇپ 0:2 ئۈستۈنلۈكتە تۇرغان ۋېنگىرىيە كوماندىسى ئاخىرىدا 3:2 نەتىنجە بىلەن غەربىي گېرمانىيەگە ئۇتتۇرۇپ قويىدۇ. دۇنياغا مەشھۇر «بورنىي مۆجىزىسى» مانا مۇشۇنداق پەيدا بولىدۇ.
1405219923827.jpg
4fa7c29bg7815b07b618d&690.jpg



——————————————————————————————————————————————————




52b06ec03dfae98fd0000005.jpg

1974-يىللىق گېرمانىيە دۇنيا لوڭقىسى- فېدىراتىپ گېرمانىيە كوماندىسى

2014061014372411358.jpg

فېدىراتىپ گېرمانىيە بىلەن گوللاندىيە 1974-يىللىق دۇنيا لوڭقىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىنى ئوينايدۇ. بېكىنپاۋىل، مۇللىر، ھوننىس ۋە بۇرېتنىر قاتارلىق داڭلىق 6 نەپەر بايرىن مىيۇنخىن توپچىسىنى ئاساس قىلغان قىلغان فېدىراتىپ گېرمانىيە كوماندىسى مىيۇنخىن ئولىمپىك مەيدانىدا ئەڭ ئاخىرقى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىنىڭ غەلبىسىنى قولغا كەلتۈرۈپ، دۆلىتى ئۈچۈن 2-قېتىملىق دۇنيا لوڭقىسىنى بېكىنپاۋىل دەس كۆتۈرىدۇ.
1974Germany.jpg



——————————————————————————————————————————————————




52b06ec13dfae9a563000005.jpg

1986-يىللىق مېكسىكا دۇنيا لوڭقىسى- سابىق سوۋىت ئىتتىپاقى كوماندىسى

1986-يىلىدىكى دۇنيا لوڭقىسى مەزگىلىدە سابىق سوۋىت ئىتتىپاقى تېرنىرى لوبانوۋىسكى ئوخشاش ۋاقىتتا دۆلەت كوماندىسى ۋە كىيىف دىنامو كوماندىسىنى تەڭ يېتەكلىگەن بولۇپ، دۆلەت كوماندىسىغا كىيىف دىنامو كوماندىسىدىن جەمئىي 12 نەپەر پۇتبولچىنى تاللىغان، بۇ ئەينى چاغدا دۆلەت ئىچى-سىرتىدا نۇرغۇن تەنقىد ۋە ئەيىپلەشكە ئۇچىرىغان. دەرۋەقە شۇ نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسىدا سابىق سوۋىت ئىتتىپاقى كوماندىسىنىڭ نەتىنجىسى ئىنتايىن ناچار بولغان، دۆلەتكە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن قول ئاستىدىكى توپچىلارغا ئىشىنىپ كەتكەن لوبانوۋىسكى سابىق سوۋىت ئىتتىپاقىنىڭ ئەڭ چوڭ گۇناھكارىغا ئايلىنىپ قالغان.
000cf1a487860da7658423.jpg




——————————————————————————————————————————————————




64853001C_M.jpg

1990-يىللىق ئىتالىيە دۇنيا لوڭقىسى- فېدىراتىپ گېرمانىيە VS گوللاندىيە

001aa02d373c1142898d54.jpg 19300542575728140089960173932.jpg

1990-يىلى ئىتالىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن دۇنيا لوڭقىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ جېڭى ماھىيەتتە بىر مەيدان ‹‹مىلان دېربىيسى›› بولۇپ قالدى. گېرمانىيە كوماندىسىدىكى ماتتائۇس، كېلىنسىمان ۋە بېرھىخىم ئېنتىر مىلاننىڭ يادىرولۇق ئەزالىرى، گوللاندىيە كوماندىسىدىن گۇللىت، ۋان باستېن ۋە رىجىكارد بولسا AC مىلاننىڭ تۈۋرۈكى ھېساپلىنىدىغان پۇتبولچىلار ئىدى. بۇ مەيدان ھەل قىلغۇچ جەڭ ‹‹گېرمانىيە ئۈچ جەڭ ھارۋىسى›› بىلەن ‹‹گوللاندىيلىك ئۈچ قېلىچۋاز›› نىڭ ئەڭ يۇقىرى سەۋىيدە كۈچ سىنىشىشى بولۇپ قالدى. نەتىنجىدە بېرھىخىم ۋە كېلىنسىماننىڭ بىردىن توپ ئۇرۇشى بىلەن گېرمانىيە كوماندىسى ئاخىرغىچە كۈلدى. گوللاندىيە كوماندىسىدىن رىجىكارد ئەسكى مىجەزى بىلەن بىر قىزىل كارتا ئىستىمال قىلىپ، مەيداندىن مۇددەتتىن بۇرۇن ئايرىلدى.
100206xeipi1xz0ai8n6ab.jpg
Img400954730.jpg




——————————————————————————————————————————————————




200604290362_1262909.jpg

2002-يىللىق ياپونىيە-كورىيە دۇنيا لوڭقىسى-  گېرمانىيە كوماندىسى

德国.jpg

2002-يىلى ياپونىيە ۋە كورىيەدە بىرلىشىپ ئۆتكۈزۈلگەن دۇنيا لوڭقىسىدا گېرمانىيە دۆلەت كوماندىسى لېۋىركۇسىن كۇلۇبىدا توپ تېپىۋاتقان باللاك، رامېلوۋ، سىخېندېر ۋە نېئۇۋېل قاتارلىق كۆپلىگەن توپچىلارنى ئاساس  قىلىپ تەشكىللەندى. ئويلىمغان يەردىن تېخى يېقىندىلا ‹‹ئۈچ كۈمۈش شاھ›› شەرىپىگە ئېرىشكەن لېۋىركۇسىن كۇلۇبىنىڭ تەلەيسىزلىكى بۇ قېتىم دۆلەت كوماندىسىنىڭمۇ بېشىغا كەلدى. بۇ قېتىملىق دۇنيا لوڭقىسىدا يولبويى ئۇچىرغانلىكى رەقىپلىرىنى شىددەتلىك قىرغىن قىلىپ، ئەڭ ئاخىردىكى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە قەدەم قويغان گېرمانىيە كوماندىسى ئەپسۇسلنارلىق ھالدا بىرازىلىيە كوماندىسى ئالدىدا يىقىلدى. گېرمانىيە دۆلەت كوماندىسى تەركىبىدىكى لېۋىركۇسىن توپچىلىرى بولسا ئىككى ئاي ۋاقىت ئىچىدە ئۇدا تۆت قېتىم 2-لىك تەقدىرىدىن قۇتۇلالمىدى.



——————————————————————————————————————————————————



20100609003224874.jpg

2006-يىللىق گېرمانىيە دۇنيا لوڭقىسى-  ئىتالىيە كوماندىسى

Img273057267.jpg

گەرچە بۇ نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسىدىن بۇرۇن ‹‹تېلفون ۋەقەسى›› نىڭ سېسىق نامى پۇتبول دۇنياسىنى بىر ئالغان بولسىمۇ، ئەمما ‹‹تېلفون ۋەقەسى›› نىڭ باش پېرسوناژى بولغان يۇۋېنتۇس كوماندىسى ئەزالىرىنى ئاساس قىلىپ تەشكىللەنگەن ئىتالىيە دۆلەت كوماندىسى 2006-يىللىق دۇنيا لوڭقىسىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى غەلبە قىلغۇچىسى بولۇپ قالدى. بۇ دۇنيا چېمپىيۇنى قوشۇنى تەركىبىدىكى باش تېرنىر لىپى دىن تارتىپ، بۇففون، دېل پىئېرو، كاناۋارو، زامبىروتتا ۋە كامورانېسى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى
‹‹تېلفون ۋەقەسى›› دىن ئىبارەت سېسىقچىلىققا چوڭقۇر چۆكۈپ قالغان ئىتالىيە بىرلەشمىسىنىڭ زەردار كۇلۇبى يۇۋېنتۇستىن كەلگەن ئىدى، شۇنداقلا يۇقارقى 5 نەپەر يۇۋېنتۇس توپچىلىرى فىرانىسيە كوماندىسى بىلەن ئوينالغان ھەل قىلغۇچ جەڭدە كارامەت چاقنىدى. تىلغا ئېلشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، 2-لىككە ئېرىشكەن فىرانسىيە قوشۇنى تەركىبىدىمۇ تۇرام، ۋىئېرا ۋە تېرىزگۇتتىن ئىبارەت 3 نەپەر يۇۋېنتۇس توپچىسى بۇ مەيدان ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە ئوخشاشلا مەيدانغا چىقتى.



——————————————————————————————————————————————————

تامام!

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1مۇنبەر پۇلى +50 يىغىش سەۋەبى
پەرۋەر + 50 قالتىس!

باھا خاتىرىسى

پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-1-29 17:29:31 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سۈبھى يوللىغان ۋاقتى  2015-1-29 17:16
نادىر تېمىلىرىڭ ئۈزۈلمىگەي.....   يوقاپمۇ كەتمە......   
سېن ...

پارلاق، پۇتبول، تانكىچاقلار مۇنبەرنى راستىنلا تاشلىۋەتتى. توپ تەپكۈچىنى كۆرمىگىلىمۇ خېلى زامانلار بولدى. سەن ئىسمىنى تىلغا ئالغانلاردىن ئامېرىكا، چوكىناتلار بار، لېكىن ھازىر مۇنبەردە ئىزلىرى شۇنچىلىك ئاز.  
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-1-29 17:10:26 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
داۋامېنى ساقلايمەن  
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-1-29 17:16:55 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-1-29 17:26:56 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سۈبھى يوللىغان ۋاقتى  2015-1-29 17:16
نادىر تېمىلىرىڭ ئۈزۈلمىگەي.....   يوقاپمۇ كەتمە......   
سېن ...

/forum.php?mod=viewthread&tid=32630
مانا مۇشۇ تېما شۇ. داۋامىنى ماتىرىيال توپلاپ خېلى بىر نەرسىلەرنى يىغقان، ئاشۇ يۈتۈپ كېتىپ قىزغىنلىقىمدا 180 گىرادۇس بۇرۇلۇش بولدى، شۇ سەۋەپتىنمۇ مۇنبەرگە باتناپ بىرەر ئايدەك كىرمەي، يەنە قايتىپ كەلدىم. ئۇ تېمامنى تولۇق پۈتتۈرۈش مۇنبەردىكى ئېغىر ۋەزىپەمنىڭ بىرسى، چوقۇم تولۇق پۈتتۈرىمەن.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-1-29 17:48:31 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھونگىرىيە ، بۇ كوماندىنىڭ تارىخى شان-شەرىپى بىلەن ھازىرقى ھالىتى نېمىدىگەن سېلىشتۇرما ھە ... مۇشۇ دۆلەتتنى چىققان بىرە داڭلىق توپچىنىڭ ئىسمىنى ئاڭلاشقىمۇ مۇمكىن بولماس بولۇپ كەتتى.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-1-29 17:56:53 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  سابىق يۈگۈسلاۋېيىنىڭمۇ دۆلەت كۇماندىسى بەك كۈچلۈك بولىدىغان، پارچىلنىپلا يۇقاپ كەتتى
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-1-29 18:01:24 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىتالىيە تۇرىن دۆلەت كوماندىسىغا ئەينى چاغدا پۈتۈن ئىتالىيەنى مونۇپول قىلغاچقا كۆزتىگىپتۇ.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-1-29 18:16:47 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇشۇ تارىخقا ئالاھىدە قىزىقمەن، پۇتبولغىمۇ ھەم شۇنداق  تېما ئىسل چىقپتۇ ھارمىغايسىز
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-1-29 18:23:06 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دۇنيا پۇتبول مۇسابىقىسىدە تارىختىن بۇيان بىرازىلىيە قىززىق نوقتا. مۇشۇ بىرازىلىيە كوماندىسىنىڭ گۇرىپىدىن چىقالماي شاللانغان ۋاقىتلىرى بارمىدۇ؟تېخى يېزىپ ،نۆۋەت بىرازىلىيە كوماندىسىغا كەلمىگەن بولسىمۇ قىزىقىپ سوراپ باققۇم كەلدى.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-1-29 18:37:15 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-1-29 18:39:24 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۈرگىچاق يوللىغان ۋاقتى  2015-1-29 18:23
دۇنيا پۇتبول مۇسابىقىسىدە تارىختىن بۇيان بىرازىلىيە ق ...

ئۇمۇ چىقىپ قالار
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-4-25 04:47

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش