ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 3916 |
تۆھپىسى: سەر |
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا سەۋدا تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-2-10 23:08
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، ئەزىز مۇنبەر ئىشتىراكچىلىرى، تۆۋەندە سىلەرگە پۇتبول بىلەن زىچ باغلانغان پۇتبولغا مۇناسىۋەتسىز بىر نەچچە ناخشىنى تەڭ ھوزۇرلىنىش مەخسىتىدە ھوزۇرۇڭلارغا سۇندۇم.
ئالدى بىلەن ھوزۇرۇڭلاردا بولىدىغىنى ‹2013- يىللىق ئەڭ پەيزى روھلاندۇرۇش (رىغبەتلەندۈرۈش) كۈچىگە ئىگە ناخشا› دىگەن شەرەپسىز نامغا ئېرىشكەن ئىنگىلىز تىلىدىكى ناخشا. بۇ ناخشىنى ‹ھۆكۈمران پۇتبول› پىروگراممىسى (天下足球) بىلەن ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق مۇسابىقىسى ئورگىنى دىكىراتسىيە ناخشىسى قىلىپ بىكىتكەن. ھەممىمىزگە مەلۇم بولغىنىدەك، بىز ئۆزىمىز ياقتۇرىدىغان، ياكى مەستانە بولغان كوماندىلارنىڭ مۇسابىقىسىنى ۋاقىت شارائىتىمىز يىتىشىچە ئىز قوغلاپ، كېچە ئۇخلىماي كۆرسەكمۇ، يەنە بەزى نۇرغۇن زەردارلارنىڭ مۇسابىقىسىنى قالدۇرماي تولۇق كۆرۈشكە ۋاقىت ۋە شارائىت يار مەرمەيدۇ، شۇڭا ۋاقتىمىز چىققاندا كۆرۈشكە يار بەرمىگەن مۇسابىقىلەرنىڭ 4-5 مىنۇتقا يىغىنبچاقلانغان فىلىملىرىنى كۆرۈپ، باشقا زەردارلاارنىڭ ئەھۋالىدىن ئاز تولا بولسىمۇ خەۋەر تىپىپ تۇرىمىز. مۇشۇنداق جەۋھەرلەرنى كۆرگەندە فىلىمگە كىرىشتۈرۈلگەن مانا مۇشۇنداق كىشىنى ھاياجانغا سالالايدىغان دىكىراتسىيە ناخشىسى قوشۇلغان مۇسابىقە جەۋھىرى كىشىگە ئۆزگىچە زوق ئاتا قىلىدۇ. مانا بۇ ناخشىمۇ ئەنە شۇنداق ناخشىلارنىڭ بىرى. مەن بۇ ناخشىنى ‹ھۆكۈمران پۇتبول› پىروگىراممىسىدا ئاڭلىغاندىن كىيىن، بۇ ناخشىغا بولغان قىزىقىش پەيدان بولغان بولۇپ، كىم ئورۇنلىغان، قايسى ناخشىدۇ دەپ شۇنچە ئويلىنىپ، بىلەلمىگەن ئىدىم. بۈگۈن تۇيۇقسىز فىلىم تور بىتىدىكى بىر ماۋزۇغا كۆزۈم چۈشۈپ، پۇتبول بىلەن مۇناسىۋىتى بارئىكەن دەپ ئويلاپ، ئاڭلاپ باقاي دەپ ئاچسام نەق مەن ئىزدىگەن ناخشىكەن. MTV سى بىر قۇر كۆرگەندىن كىيىن، چەتئەلنىڭ بەزەن بىر ناخشا - فىلىملىرىگە سىلىشتۇرغاندا، ئۇنچە بەك ناچار مەزمۇننىڭ يوقلىقىنى كۆرۈپ مۇنبەرداشلار ھوزۇرىغا سۇنۇشقا ماس كەلگىدەك دەپ قاراپ مۇنبەرداشلارنى ھوزۇرىغا سۇنىشىم، مېغىزىنى چىقىرىۋىتىپ، شاكىلىدىن ھوزۇرلانغان ئاساستا تىڭشاپ بىقىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن، ئەلۋەتتە، ماڭا يارىغىنى يەنە بىراۋلارغا يارىماسلىقى مۇمكىن، ئەمما مەندىن باشقا ھىچكىمنىڭ ياقتۇرماسلىقىغىمۇ ئىشەنمەيمەن، شۇڭا ياقمىغان بولسا مۇنداقلا ئۆتۈپ كىتىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن.
ئەگەر بۇ ناخشىنىڭ توغرا بولغان ئىسمى ياكى ناخشى ئورۇنلىغۇچىسىنىڭ ئىسمى بىلەن تەمىنلىگۈچىلەر بولسا، يىقىن بولسا خوگو بىلەن، يىراق بولسا موگو بىلەن مېھمان قىلىمەن.
ئەمدى تۆۋەندە ھوزۇرۇڭلاردا بولىدىغىنى بولسا ‹ھۆكۈمران پۇتبول› پىروگىراممىسىنىڭ بىكخامغا ئاتاپ ئىشلەنگەن فىلىمىگە كىرىشتۈرۈلۈش شەرىپىگە ئىرىشكەن، ئامىرىكىلىق داڭلىق ئايال ناخشىسىچىسى كىللىي كىلاركسون ئىجراسىدىكى ‹پەقە سەن بولغاچقا› (Bacause of you) ناملىق ناخشىسى.
بۇ بولسا يۇقارقى ناخشىنىڭ مۇنبەردىكى ئوت يۈرەك قېرى مەھمۇدكامغا ئاتاپ ئىشلەنگەن نۇسقىسى. {:s94:}
‹ئۇسسىغانغا سۇ بىرىش ئىماننىڭ جۈملىسىدىندۇر› دىگەن ھىكمەتلىك سۆزىمىز بار، ئەگەر سىزدە باشقىلارغا ياردەم بىرىشننى ياقتۇرىدىغان ئىدىيە بولسىلا، ئەتراپىڭىزغا نەزەر سىلىپ قارايدىغان بولسىڭىز نۇرغۇن كىشىلەرگە قولىڭىزدىن كىلىشىچە ياردەم قىلالايدىغانلىقىڭىزنى بايقايسىز. ئەمدى تۆۋەندىكى قىسقا فىلىم بولسا، مەزمۇنى ئاددىي، ئەمما ئىنتايىن چوڭقۇر تەربىيىۋى ئەھمىيەتكە ئىگە فىلىمدۇر. بۇ فىلىمنى 3-4 يىل بۇرۇن باشقا دوسىتلىرىم بىلەن ئورتان ھوزۇرلىنىش ئۈچۈن، ۋىتۋالاق بوشلۇقۇمغا يوللاپ قويغان ئىدىم. مۇنبەرگىمۇ يوللاشنى ئويلاشقان، بىراق پۇتبول بىلەن مۇناسىۋەتىسز بولغاچقا يوللىمىغاندىم، بۈگۈن يۇقىرىقى بىر نەچچە فىلىمىنى يوللاش مۇناسىۋىتى بىلەن بۇ فىلىمنىمۇ ماتىرىيال ئامبىرىدىن قىدىرىپ چىقىپ، ھوزۇرۇڭلارغا سۇنۇشنى لايىق تاپتىم، كۆرمىگەن تورداشلارنىڭ كۆرۈپ بىقىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
[ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، ئەزىز مۇنبەر ئىشتىراكچىلىرى، تۆۋەندە سىلەرگە پۇتبول بىلەن زىچ باغلانغان پۇتبولغا مۇناسىۋەتسىز بىر نەچچە ناخشىنى تەڭ ھوزۇرلىنىش مەخسىتىدە ھوزۇرۇڭلارغا سۇندۇم.
|
باھالاش
-
باھا خاتىرىسى
|