ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 1701 |
تۆھپىسى: سەر |
|
خۇپۇ تورى خەۋىرى، ئۇكرائىنا دونسىك كانچىلار كوماندىسى كۇلۇپ تور بىتىدە خەۋەر بىرىپ كوماندىنىڭ 25 ياشلىق ھۇجۇمچىسى مايكوننىڭ قاتناش ھادىسىسىگە ئۇچراپ بەخىتكە قارشى قازا قىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى. دونسىك كۇلۇبىنىڭ باياناتىدا :" دونسىك كۇلۇبى ئېغىر قايغۇ ئىچىدە شۇنى ئېلان قىلىمىزكى، 2014-يىلى 2-ئاينىڭ 8-كۈنى مايكون ئېچىنىشلىق ھالدا ئۆز ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇردى. ئۇ دونسىك شەھرىدىكى بىر قىتىملىق قاتناش ھادىسىسىدە قازا قىلدى، ئۇ ئىنتايىن تالانتلىق پۇتبولچى ئىدى، ئۇ تۇرمۇشنى قىزغىن سۆيەتتى، تۇيۇقسىز كەلگەن بالا-قازا ئۇنى ئارىمىزدىن ئېلىپ كەتتى، ئۇ ئەمدى تېخى 25 ياشقا كىرگەن ئىدى، ئۇنىڭ ۋاپاتى ھەممىمىزگە نىسبەتەن چوڭ زەربە بولدى، ئۇنىڭ دوسىتلىرى ۋە ئائىلىسىدىكىلەرگە چوڭقۇر ھېسداشلىق قىلىمىز" دېيىلدى.
ئىگىلىنىشچە بۇ قىتىمقى قاتناش ھادىسىسىنىڭ كونكىرىت ئەھۋالى تېخى ئېنىقلانمىغان، مايكوننىڭ كۆپ قىسىم كەسپى ھاياتى ئۇكرائىنادا ئۆتكەن بولۇپ، ئۇكرائىنادىكى بىر نەچچە كۇلۇبتا توپ تەپكەن.ئۇ كەسپى ھاياتىدا 83 مەيدان مۇسابىقىگە قاتناشقان ھەمدە 43 توپ كىرگۈزگەن. دونسىك كانچىلار كوماندىسىدا ئالتە مەيدان مۇسابىقىگە قاتنىشىپ بىر توپ كىرگۈزگەن.
|
|