ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 285 |
تۆھپىسى: سەر |
|
باسا مەستانىلىرى رونالدونى قۇلۇقىغا بىرنەرسە سالىدۇ ، پوچى دەپ ياراتمىساق ، رونالدو مەستانىلىرى مىسسىنى بويى پاكار ، كالتىسىي كەم دەپ ياراتمىساق مۇنبىرمىزدە جېدەل قۇرۇمايدۇ ، ، ، مەن ئوچۇق دەۋېرەي ، مۇنبىرمىزدە مىسسى مەستانىسىدىن قەيسەر يۈرەك ، تەنتەربىيە ، 1414 قاتارلىق بىر قانچە قېرىندىشىمىز بار ، رونالدو ياكى خانلىق مادرىدقا مۇناسىۋەتلىك تېمىلار بۇلۇپ قالسا چاق چاق قىلدىم دەپ بەزى بىرئىنكاسلارنى يېزىپ قويدۇ ، رونالدو مەستانىلىرمۇ بۇنىڭ چاقچاق ئىكەنلىكىنى بىلمەي سېسىق گەپتىن بىر نەچچىنى قىلدۇ ، شۇنىڭ بىلەن تېما سېسىق گەپ بىلەن ئاخىرلىشىدۇ ، ئەلۋەتتە رونالدو مەستانىلىرمۇ مىسسى ۋە باسانىڭ گېپى چىقىپ قالسا چاق چاق قىلىپ بىر نەچچە ئېغىز ئىنكاس يازدۇ دە شۇنىڭ بىلەن بۇ تېمىمۇ سېسىق گەپ بىلەن ئاخېرلىشىدۇ ، ، ، ھەممىمىزنىڭ قېنى ، تېنى ، جېنى بىر قېرىنداشلىرىم ، بىر - بىرسىمىزگە سېسىق گەپ قىلۋالدىم دىگەن بىلەن خەقنىڭ ئاغزىمۇ ئېتىكلىك ئەمەس ، خەقمۇ بىلدۇ سېسىق گەپ قىلىشنى ، شۇنىڭ بىلەن نەدىكى بىر خەقنى دەپ ئۆز قېرىندىشىمىزنىڭ دىلىنى رەنجىتىمىز ، شۇڭا ئىنكاس يازغاندا دىققەت قىلساق ، ، ، يۇقاردا بىر نەچچە قېرىندىشىمىزنىڭ ئىسمىنى ئاتاپ سالدىم ، ئەگەر كۆڭلىڭلىگە كېلىپ قالسا تۆۋەنچىلىك بىلەن ئۆزرە سورايمەن ، ، |
|