ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 5458 |
تۆھپىسى: سەر |
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا بايرېن تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-2-9 09:48
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ...
2013 - 2014 - يىللىق گىرمانىيە بىرلەشمىسىنىڭ 20 - ئايلانما مۇسابىقىسى 8 - چىسلا چۈشتىن كىيىن سائەت 20:30 دە باشلاندى ، نەتىجىلەر تۆۋەندىكىچە :
نىرۇنبۇرگ 0 - 2 بايرېن
بايرېن كوماندىسى مىھمان مەيداندا بىر رايۇندىكى نىرۇنبۇرگ كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىلەشتى ، بۇ مەيدان مۇسابىقە 188 - قىتىملىق بايرېن دىربىسى مۇسابىقىسى ئىدى ... ئالدىنقى مەيدان باشلىنىپ نىرۇنبۇرگ كوماندىسى كۈچلۈك ھۇجۇم قىلىپ ئوينىدى ، كىيىن بايرېن كوماندىسى قايتۇرما ھۇجۇمنى كۈچلۈك قىلىپ 18 مىنۇت بولغاندا مەنزۇلىچ بىر توپ ئۇرۇپ ئۈستىنلىككە ئۆتتى ، ئالدىنقى مەيدان 0 - 1 ئاياغلاشتى . كىيىنكى مەيدان باشلىنىپ 49 مىنۇت بولغاندا بايرېن كاپىتانى لام بىر توپ ئۇرۇپ نەتىجىنى 0 - 2 قىلدى ، كىيىنكى مىنۇتلاردا نەتىجە ئۆزگەرمەي بايرېن كوماندىسى مىھمان مەيداندا 0 - 2 نەتىجە بىلەن غەلبە قىلىپ ئۇدا ئۇتتۇرماسلىق رىكوتنى 45 مەيدانغا يەتكۈزدى ...
بىرمىن 1 - 5 دورتمۇند
سېرىق ھەرە قوشۇنى - دورتمۇند كوماندىسى مىھمان مەيداندا بىرمىن كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىلەشتى ، بۇ مەيدان مۇسابىقىدە دورتمۇند كوماندىسىنىڭ ئىپادسى كۆرنەرلىك ياخشى بولدى ، 90 مىنۇتلۇق مۇسابىقىدىن كىيىن دورتمۇند كوماندىسى 1 - 5 نەتىجە بىلەن مىھمان مەيداندا رەقىبىنى يۇقىرى پەرىق بىلەن مەغلۇب قىلدى ، دورتمۇند كوماندىسىدىن لەيۋەندوۋىسكى 2 توپ ، مىكتارىيان 2 توپ ئۇردى ...
مىنشىنگىلادباخ 0 - 1 لىۋىرىكسۇن
كۈچلۈك بولغان مىنشىنگىلادباخ كوماندىسى ئۆزمەيدانىدا لىۋىرىكسۇن كوماندىسىنى كۈتىۋالدى ، بۇ مەيدان مۇسابىقىدە ھەر ئىككىلى كوماندىنىڭ ئىپادىسى ياخشى بولدى ، كىيىنكى مەيدان مۇسابىقىدەلىۋىرىكسۇن توپچىسى كورىيەلىك سون بىر توپ ئۇرۇپ لىۋىرىكسۇن كوماندىسى مىھمان مەيداندا غەلبە قىلدى ۋە قىممەتلىك 3 نۇمۇرنى قولغا كەلتۈردى ...
ھامبۇرگ 0 - 3 بىرلىن ھېرتا
ۋولفىسبۇرگ 3 - 0 مايىنىز
كۈچلۈك ۋولفىسبۇرگ كوماندىسى ئۆزمەيدانىدا مايىنىز كوماندىسىنى كۈتىۋالدى ، 90 مىنۇتلۇق كەسكىن مۇسابىقىدىن كىيىن ۋولفىسبۇرگ كوماندىسى ئۆزمەيدانىدا 3 - 0 نەتىجە بىلەن غەلبە قىلدى ، ۋولسۇنبۇرگ كوماندىسىدىن گۇستاۋو قاتارلىقلار توپ ئۇردى ...
فىرانكفۇرت 3 - 0 بىرانسىۋىگ
فىرۇنبۇرگ 1 - 1 خوفىنھام
|
|