2014- يىلى 2-ئاينىڭ 7- كۈنى مانچىستىر بىرلەشمىسى ئورگان تورىدا، ۋىدىچنىڭ بۇ پەسىللىك مۇسابىقىدىن كېيىن كوماندىدىن ئايرىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
تۆۋەندە كوماندا باشلىقىنىڭ مانچىستىردىكى ھاياتى بىلەن تونۇشۇپ چىقىمىز...
شەخسى شەرەپلىرى
2006- يىلى ۋىدىچ (Nemanja Vidic) موسكىۋا سىپارتاك كوماندىسىدىن 7 مىليون ياۋرولۇق باھا بىلەن مانچىستىر بىرلەشمىسىگە قوشۇلغان. ئۇ مانچىستىردا ھازىرغە قەدەر جەمئى 290 مەيدان مۇسابىقىگە چۈشكەن. چوڭ-كىچىك بولۇپ 15 چىمپيونلۇق لوڭقىسىغا ئېرىشكەن. 35 توپ كىرگۈزگەن... ۋىدىچنىڭ كىرگۈزگەن توپلىرى ئاساسلىقى ھالقىلىق مۇسابىقىلەردە بولۇپ، مانچىسىتىر بىرلەشمىسىنىڭ غەلبە قىلىشىغا زور تۆھپە قوشقان... سىربىيە دۆلەت كوماندىسى ئۈچۈن 59 مەيدان مۇسابىقىگە قاتنىشىپ 2 توپ كىرگۈزگەن... 2 قېتىم سىربىيە پۇتبول ئەپەندىسى ( 2005- يىلى ۋە 2008- يىلى) بولۇپ باھالانغان. 2 قېتىم ئىنگىلاد بىرلەشمىسىدىكى يىللىق ئەڭ مۇنەۋۋەر ماھىر مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. 3 قېتىم PFA باھالىغان ئەڭ ياخشى سەپ شەكلىگە تاللانغان. بىر قېتىم خەلقئارالىق پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى تەرىپىدىن ئەڭ مۇنەۋۋەر 11 ماھىرنىڭ بىرى بولۇپ تاللانغان... ۋە باشقا نۇرغۇن شەرەپلەر...
ئېرىشكەن لوڭقىلىرى: 5 قېتىم
ئىنگىلاد دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمە لوڭقىسى
2007 ، 2008، 2009، 2011، 2013
ئىنگىلاد بىرلەشمىسى لوڭقىسى: 3 قېتىم
2006 ، 2009، 2010
رايون لوڭقىسى: 5 قېتىم
2007، 2008، 2010، 2011، 2013
ياۋروپا ئۇزغانلىق لوڭقىسى: 1 قېتىم
2008- يىلى
دۇنيا كۇلۇپلار لوڭقىسى: 1 قېتىم
2008-يىلى
ئۇنىڭ پۇتبولچىنىڭ ھاياتىدىكى ئۇنتۇلماس سۈرەتلەر!
2006- يىلى 1-ئاينىڭ 4-كۈنى فۇرگىسىن ۋىدىچنى كوماندىغا قوشىۋالدى...
2006- يىلى 1-ئاينىڭ 6-كۈنى تۇنجى مەشىققە قاتناشتى
2006- يىلى 1-ئاينىڭ 9-كۈنى ئۇ 15- نومۇرلۇق كىيىمنى تاللىدى
2006- يىلى 1-ئاينىڭ 25-كۈنى بىرلەشمە لوڭقىسى يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە ئۇ تۇنجى قېتىم مەيدانغا چىقتى.
2006- يىلى 2-ئاينىڭ 26-كۈنى ئۇ مانچىستىرغا قوشۇلۇپ تېخى 2 ئاي بولمايلا تۇنجى لوڭقىغا ئېرىشتى...
2006- يىلى 10-ئاينىڭ 14- كۈنى ئۇنىڭ ئىنگىلاد بىرلەشمىسىدىكى تۇنجى توپى
2007- يىلى 5-ئاينىڭ 2- كۈنى ئۇزغانلىق يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى، مانچىستىرغا قوشۇلغىلى ئەمدىلا بىر يىلدىن ئاشقان ۋىدىچ، شۇ ۋاقىتتىكى توسۇپ بولغىلى بولمايدىغان كاكانى مۇداپىئە قىلىۋاتىدۇ...
2007- يىلى 5-ئاينىڭ 13-كۈنى ئىنگىلاد دەرىجىدىن تاشقىرى لوڭقىسىغا ئېرىشكەن ۋىدىچ...
2007- يىلى 8-ئاينىڭ 5- كۈنى چېلسىنى ئۇتۇپ رايونلار لوڭقىسىغا ئېرىشىش
2007- يىلى 11-ئاينىڭ 4-كۈنى ۋىدىچ ئوڭۇشلۇق توختام ئۇزارتتى...
2008- يىلى 1-ئاينىڭ 12-كۈنى ئوۋىننى مۇداپىئە قىلىۋاتقان ۋىدىچ
2008- يىلى 4-ئاينىڭ 1-كۈنى ئۇزغانلىق يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى مانچىستىر بىرلەشمىسى بىلەن رىم كوماندىسىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى مۇسابىقىدە يارلانغان ۋىدىچ...
2008- يىلى 5-ئاينىڭ 11-كۈنى يەنە بىر دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمە لوڭقىسىغا ئېرىشىش
2008- يىلى 5-ئاينىڭ 21-كۈنى قارا دىۋە دىروگبانى مۇداپىئە قىلىۋاتقان ۋىدىچ
2008- يىلى 12-ئاينىڭ 21- كۈنى دۇنيا كۇلۇپلار لوڭقىسىغا ئېرىشىش
2009- يىلى 5-ئاينىڭ 16-كۈنى 3-قېتىم ئىنگىلاد دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسىنىڭ لوڭقىسىغا ئېرىشىش
2009- يىلى 5-ئاينىڭ 17-كۈنى سېر باسبى مۇكاپاتى (巴斯比爵士) ئەڭ مۇنەۋۋەر يىللىق ماھىر مۇكاپاتىنى ئېلىش
2009- يىلى 5-ئاينىڭ 23-كۈنى... ئىنگىلاد پەسىللىك ئەڭ مۇنەۋۋەر ماھىر مۇكاپاتى
2009- يىلى 10-ئاينىڭ 25- كۈنى توررىس بىلەن ۋىدىچ
2010- يىلى 2-ئاينىڭ 28- كۈنى... 2- قېتىملىق بىرلەشمە لوڭقىسىغا ئېرىشىش
2010- يىلى 8-ئاينىڭ 8-كۈنى چېلسىنى ئۇتۇپ يەنە بىر رايونلار لوڭقىسىغا ئېرىشىش
2010- يىلى 8-ئاينىڭ 20-كۈنى 2- قېتىم ئوڭۇشلۇق توختام ئۇزارتىش
2011- يىلى 5-ئاينىڭ 22-كۈنى 4- قېتىملىق ئىنگىلاد دەرىجىدىن تاشقىرى لوڭقىسىغا ئېرىشىش
2011- يىلى 8-ئاينىڭ 7-كۈنى 2 توپ كەينىدە قالغان ئەھۋال ئاستىدا، كەينى-كەينىدىن 3 توپ ئۇرۇپ رايونلار لوڭقىسىغا ئېرىشىش
2013- يىلى 3-ئاينىڭ 5-كۈنى كونا سەپداشلار ئۆز-ئارا جەڭگە چۈشتى...
2013- يىلى 5-ئاينىڭ 12-كۈنى 5- قېتىم ئىنگىلاد دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمە چىمپيونلۇقىغا ئېرىشىش... بۇ ئۇنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ئىنگىلاد بىرلەشمىسى لوڭقىسى شۇنداقلا فۇ بوۋاينىڭمۇ ئەڭ ئاخىرقى بىرلەشمە لوڭقىسى چىمپيونلۇقى ھەم شۇنداقلا، بۇلارنىڭ ئەڭ ئاخىرقى قېتىم مۇشۇ لوڭقىنى تۇتۇپ بىرلىكتە سۈرەتكە چۈشىشى..
2013- يىلى 8-ئاينىڭ 11-كۈنى ۋىگاننى ئۇتۇپ رايونلار لوڭقىسىنى كۆتۈرۈش... بۇ بەلكىم ئۇنىڭ مانچىستىردىكى ئەڭ ئاخىرقى لوڭقىسى بولۇپ قېلىشى مۇمكىن...
خوش ۋىدىچ... مانچىستىر مەستانىلىرى سىنى مەڭگۈ ئەسلەپ تۇرىدۇ...