- تىزىملاتقان
- 2013-4-27
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-3-28
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 1437
- نادىر
- 6
- يازما
- 1437
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا باقاۋۇل تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-2-8 00:18
تۆت سائەت بولدى ، مۇنبەر جىمجىت . يازاي دىسەم يىڭى خەۋەر يوق !
شۇڭا بىكا ئولتۇرغىچە دەپ ، مۇنبەرداشلارغا بىر چاقچاق يازدىم. ئويۇننىڭ قائىدىسى مۇنداق: مۇنبەردىكى مەن پىششىقىراق تونۇيدىغان بىر قىسىم ئەزالارغا ئاتاپ شىئرىي تىپىشماق ( يەرلىك قوشاق) يازدىم ، مەزمۇنىغا ئاساسەن ، كىملىكىنى تاپىسىلەر، ھەممىنى توغىرا تاپقانلارغا ( ئالدىنقى ئۈچ ) 100 ياۋرۇ مۇكاپات بىرىلىدۇ . ( ئۈچ كۈنگىچە ئەمىلىيلىشىدۇ) . مۇكاپات ئاز ، پەقەت مۇنبەر كەيپىياتىنى كۆتۈرش ئۈچۈن . بۇ پەقەت چاقچاق خالاس ، ئۇيۇنغا نامى قىتىلغانلار ياقتۇرمىساڭلار ۋاقتىدا تەھرىرلەيمەن، باشقىلارنىڭ زىتىغا تىگىدىغان ئىنكاس يازماسلىقىڭلارنى ئۈمۈد قىلىمەن.
1.چىلسى دىسە جاننى بىرىدۇ ،
قانلىرىمۇ كۆكمىكىن دەيمەن .
تورىس بىشىدا ئۇيغۇر دوپپىسى ،
بىرەر ۋىنتا كاممىكىن دەيمەن!
2.تانكىلارنىڭ سادىق كۈيچىسى ،
سىرىق ئىدى قىزىلغا كۆچتى .
ھەركاللىدا بار ھەرخىل خىيال،
ھەرىلەردىن بىر سادىق ئۆچتى .
3.مىلەن ئۈچۈن ھەممىدىن كەچتى ،
كاكا ئۈچۈن جىق قوشاق قاتتى .
ئۆزى سادىق قوشۇنى ئۈچۈن ،
سولاقلاردا تولاراق ياتتى .
4.ئاشۇنداق بىر قىزىقچىمىز بار ،
ھەر تىمىدا ئۆزگىچە پىكىر .
دۈشمەن ئەمەس دوس ئىدى دىدى ،
[چىن كۆڭۈمدىن قوللايمەن پىقىر.
5.باشقۇرىدۇ چەكتىن ئاشقاننى ،
ھەر تىمىدا يۈرەر ئارىلاپ .
قەلبى باسا ، سۈرىتى يۈرەك،
تىچلىق ئۈچۈن مۇنبەر چارلاپ.
6.دۇل-دۇل ئۈستىدە ،
باتۇر چەۋەنداز.
مۇنبەر ئۈچۈن ئۇ ،
سالار پايانداز.
7.ۋىروس يۇقتى مۇنبەرگە ،
ئىنگىلاندنىڭ بالىسى .
شادۇ قىلسا يوقىماس ،
ئىچىدىكەن ئالىسى .
8.پاپىدادا باسا گىرىبى ،
يۈرىكىدە ئالەم ئىستىكى .
قەلبداشمىز ، يوللىرىمىز بىر .
ئۈزۈلمىسۇن ھۇررا پۇشتىكى .
9.شىلەپىلىك ئالا بالداق قوچاق ،
ئۇزۇن بولدى كۆرمىدۇق سىنى .
توپ ئۇرمىسا مىسسىي ۋارتاغا ،
يوق بولامسەن مۇنبەردىن قىنى ؟
10.كاكا بىلەن ئوزىلنى ،
بايراق قىلىپ ئىسىپسەن .
خىلى بولدى قىنى سەن ،
ئۇزۇن تۇمۇشۇق ئىزىپسەن.
11.بىرزىلىيە خاندانلىق ،
شۇئارىڭدۇر بىلىمىز .
ئىشىۋالسام ھاي دەيسەن،
نىمە دىسەڭ قىلىمىز.
12.دۇئا قىپتۇ ئوزىلجان ،
گەپلىرىڭىز تىتىملىق .
مادىرىتتا بارمۇسىز،
نىيەتلەرگە قىتىغلىق.
13.ئوت ئۆچكەندە نەدە ئۇچقۇنى ،
باشقۇرامدۇ ئۆيدە خوتۇننى .
مۇنبەرلەردە نىمە ئىش بولدى ،
تۇتاشقۇغا سالماي ئوتۇنننى .
14.مو تەلۋىدەك بىر سەبداش باردۇر،
ئومۇ ئوخشاش چىلسىلىق ساراڭ.
مۇنبەردىكى ئىسمى چەت دۆلەت ،
شۇ بولمىسا قىزىماس پاراڭ .
15.بىكخام دىسە ئۆلەپ بىرىدۇ ،
يىڭى ئىسمى ھەيۋەتلىك چوققا ،
تىما يوللاپ ھارمايدۇ ئەسلا،
مۇنبەر ئۈچۈن ئەسەبىي بۇقا.
ئىسمى ھەيۋەت كەينىدە 7 ،
مادىرتقا مەستانە شۇندا.
مۇنازىرە قىزىماس ئەسلا،
ھەر تاماندا نەق بولار ئۇندا.
|
-
ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 100
تۆھپە + 10
شۆھرەت + 10
تەجرىبە + 10
باھا خاتىرىسى
|