- تىزىملاتقان
- 2013-8-1
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-3-27
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 1552
- نادىر
- 0
- يازما
- 1552
|
ئەسالامۇئەلەيكۇم....

پارىژSG كوماندىسى نەنتىنى چوڭ ئۇتۇق بىلەن ئۇتقاندىن كىيىن،ئىبراھىمنىڭ ۋاكالەتچىسى يەنە بىر قىتىم ئۆزىنىڭ شىرىكىنى ماختىدى،ئۇ چاقچاق قىلىپ ئىبراھىمدىن چىرايلىق توپلارنى كۆپ كىرگۈزمەسلىكنى،باشقىلارنىڭ فىرانسىيە پۇتبۇلچىلىقىنى بەك تۆۋەن چاغلاپ قىلىشىدىن ئەنسىرەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
شۇ جاي ۋاقتى ھەپتىنىڭ ئىككى پارژSG كوماندىسى فىرانسىيە لوڭقىسىنى تالشىشى مۇسابىقىسىنىڭ يىرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە 2-1 نەتىجە بىلەن نەنتىنى ئۇتقان،ئىبراھىمموۋىچ ئىككى توپ كىرگۈزۈپ،يەنە بىر قىتىم مۇسابىقىدىكى مۇھىم بىر شەخىس بولۇپ قالغان،ئۇنىڭ ئارىسىدا 25 مىتىردىن ئۇرۇلغان توپ كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتقان.
ئىبراھىمنىڭ ۋاكالەتچىسى رايىئو مۇسابىقىدىن كىيىن،مۇنداق يۇمۇرۇستىك ئىپادە بىلدۈرگەن:(كۆپ توپ كىرگۈزمىگىن ئىبراھىم)،چۈنكى ئبراھىم ئۇنداق چىرايلىق توپلارنى كىرگۈزىۋەرسە باشقىلار فىرانسىيە پۇتبۇلچىلىقىنىڭ سەۋىيىسىنى بەك تۆۋەن چاغلاپ كىتىدىكەن.
<<فىرانسىيە پۇتبۇل>>ژورنىلىنىڭ زىيارىتىنى قۇبۇل قىلغاندا،رايىئو مۇنداق چاقچاق قىلغان:<<ئۇ بىرىنچى توپنى كىرگۈزگەندە مەن كۈلدۈم،قارىماققا ئۇ كىچىك بالىلار بىلەن توپ تىپىۋاتقاندەك قىلاتتى.مۇسابىقىدىن كىيىن مەن ئۇنىڭغا(سەندىن ئۆتۈنۈپ قالاي،بۇنداق توپلارنى كىرگۈزمە،چۈنكى باشقىلار فىرانسىيە پۇتبۇلچىلىقىنى بەك تۆۋەن كۆرۈپ قالىدۇ)>> |
|