- تىزىملاتقان
- 2008-2-22
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-3-27
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 2375
- نادىر
- 5
- يازما
- 2375
|
"ماركا گېزىتى" خەۋىرى، خان جەمەتى مادرېد 0:3 مادرېد ماھارەت كوماندىسىنى يەڭگەن مۇسابىقىدىن كېيىن خان جەمەتى مادرېد كوماندىسىنىڭ سول بېكى مارسېلو بىر قىسىم مادرېد ماھارەت كوماندىسى مەستانىلىرىنىڭ كەمسىتىشىگە ئۇچرىغان.
"ماركا گېزىتى" نىڭ فوتوگرافى گارسىيانىڭ ئاشكارىلىشىغا قارىغاندا مۇسابىقە ئاخىرلاشقاندىن كېيىن بىرقىسىم مەستانىلەر مارسېلوغا قارىتا ھاقارەت سۆزلىرىنى ئېيتىپ ۋارقىرىغان، ئۇلار "مارسېلو دېگەن مايمۇن" دەپ ۋارقىراپ ناخشا ئوقۇغان. بۇ ۋاقىتتا مەيدان ئاساسەن قۇرۇق بولۇپ پەقەت ئاز بىر قىسىم مەستانىلەر قالغان ئىدى. تېخىمۇ ئېغىر بولغىنى مارسېلو مەيداننىڭ بىر يېقىغا بېرىپ ئۆزىنىڭ ئوغلىنى ئېلىپ ماڭغاندا بىر قىسىم مەستانىلەر يۇقىرى ئاۋازدا "مارسېلو سېنىڭ داداڭ ئەمەس" دەپ توۋلىغان.
بۇنىڭغا قارىتا مارسېلو تېۋتىردا ئىنكاس قايتۇرۇپ "مەستانىلەرنىڭ مېنى قوللىغىنىغا رەھمەت ئېيتىمەن، گەرچە بۇ تۇنجى قېتىملىق ئىش بولمىسىمۇ مەن سىلەرگە شۇنى دەپ قوياي، ئىرقىي كەمسىتىش مەڭگۈ مېنىڭ تۇرمۇشۇمنىڭ خاتىرجەملىكىگە تەسىر كۆرسىتەلمەيدۇ، مېنىڭ ئائىلەمگە تېخىمۇ تەسىر كۆرسىتەلمەيدۇ" دېگەن.
|
|