- تىزىملاتقان
- 2011-3-17
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-3-27
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 3196
- نادىر
- 1
- يازما
- 3196
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا c.ronaldo77 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-2-7 17:22
ئېنگلاند بىرلەشمىسنىڭ 24-ئايلانما مۇسابىقىسدە چېلسى كوماندىسى 1-0 نەتىجە بىلەن مانچېستىر شەھىرىنى يەر چىشلەتتى. ئەگەر چېلسىنىڭ تەلىيى ئوڭدىن كەلگەن بولسا بەلكىم بۇنىڭدىن چوڭ نەتىجە پەرىقى بىلەن غەلبە قىلىشى مۇمكىن ئىدى. چۈنكى مۇسابىقە جەريانىدا ئېتو، ماتېچ، كاخىللار تۇۋرۇك سوقتى. ئەمما شەھەر كوماندىسى بولسا چېلسىنىڭ مۇستەھكەم مۇداپىيە قورغىنىدىن ئۆتەلمەي قالدى. بۇنىڭدىن چېلسى كوماندىسدىكى بارلىق توپچىلار ۋە مەستانىلەر قاتتىق ئۈمىدلەندى. شۇنداقلا چېمپيون بولۇش ئىرادىسى يەنە بىر بالداق كۈچەيدى. يەنە بىر كىشىلەرنىڭ دېققىتىنى تارتىدىغان نوقتا شۇ بولدىكى بۇ مەيدان مۇسابىقىدە مورىنخونىڭ تاكتىسىكى ھەقىقەتەن ئۇنۇمىنى كۆرسەتتى.
بۇ ھەقتە چېلسىنىڭ غوللۇق توپچىسى خازارد مۇخپىرلارنىڭ بىر-قانچە سۇئاللىرىغا جاۋاپ بىرىپ مۇنداق دېدى:‹‹ ئەينى ۋاقىتتا نۇرغۇن ئادەملىرى بىزنى ئومۇمى سەپ بۇيىچە مۇداپىيەدە تۇرىدۇ دەپ ئويلىغان ئىدى. بىراق ئەمىلىيەت دەل ئۇنىڭ ئەكسچە. بىز مانچېستىر شەھىرنىڭ توپ ئويناش ئۇسۇلىنى كۆزىتىپ چىقتۇق. بىز ئۆزىمىزگە تونۇشلۇق بولغان كوماندىلار بىلەن مۇسابىقىلەشسەك چوقۇم يېڭىپ چىقىمىز.››
مورىنخو ھەققىدە سورالغاندا:‹‹ مورىنخو بولسا بىر قالتىس تېرنىر، ئۇ بىزگە مەشىق جەريانىدا ناھايتى قاتتىق تەلەپ قويىدۇ. بىزنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى مۇسابىقللىرىمىز تېخىمۇ مۇھىم. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ بىزگە تېخىمۇ قاتتىق تەلەپ قويىۋاتىدۇ.››
كېيىنكى نېشانى توغۇرلۇق سورالغاندا:‹‹ چېلسىدىكى ھەممىمىز بىر ئائىلە كىشىلىرىگە ئوخشايمىز. مورىنخونىڭ يتەكچىلىكى ئاستىدا بىز تېىخمۇ مۇكەممەللىشىمىز. چېلسىنىڭ ئاخىرقى نېشانى بولسا چىمپيون بولۇش. بىز چوقۇم شۇنداق قىلالايمىز.››
|
|