ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 150 |
جۇغلانمىسى: 3276 |
تۆھپىسى: سەر |
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئەلبارىس تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-2-6 20:54
قىشلىق بازار ئېچىلىشى بىلەنلا ، جۇڭگۇ ئالىي بىرلەشمىسىدىكى گۇاڭجۇ خېڭدا كۇلۇبى ،ئىتالىيە ئا دەرىجە بىرلەشمىسى بولوگىنا كوماندىسىدىكى ئىتالىيەلىك توپچى دىيامەندىگە توختىماي تەكلىپنامە ئەۋەتتى. ئەلۋەتتە بۇنىڭدا تېرىنىر لىپىنىڭ ھەسسىسى كۆپرەك بولدى. شۇنداق قىلىپ ، ئىقتىسادى جەھەتتىكى ئەۋزەللىك بۇ توپچىنى جۇڭگۇ بىرلەشمىسىگە كېلىپ توپ تېپىشكە قىزىقتۇردى. ئەڭ دەسلەپ خېڭدا تەرەپ دىيامەندىگە 7 مىلىيونلۇق يۆتكىلىش تەكلىپ سۇنغان. بىراق بولوگىنا كوماندىسى تەرەپتىن رەت قىلىنغان ئىدى. نەچچە ۋاقىتتىن بېرى تېرىنىر لىپىنىڭ قايتا-قايتا تىرىشچانلىقى ئاستىدا دىيامەندى كۇلۇبقا بېسىم چۈشۈرۈشكە باشلىغان. شۇنىڭ بىلەن كۇلۇپ دىيامەندىگە قويغان 9 مىلىيون باھانى كېلىشىپ 8 مىلىيونغا چۈشۈرگەن. خېڭدا تەرەپمۇ بۇ باھاغا قوشۇلغان. جۇڭگۇ ئالىي بىرلەشمىسىنىڭ يۆتكىلىش ئىشىكى 2-ئاينىڭ 28-كۈنى تاقىلىدۇ. ھېسابتا ئىككى كۇلۇب بىرلىككە كېلىپ بولدى. پەقەت توختامغا قول قويۇپ ، ئورگان تورىدا ئېلان قىلىۋەتسىلا ئىش تۈگەيدۇ. شۇنداق بولغاندا دىيامەندىنىڭ بولوگىنا كۇلۇبىدا يەنە 3 مەيدان مۇسابىقە ئويناش پۇرسىتى قالدى. |
|