- تىزىملاتقان
- 2011-5-10
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-3-28
- ھوقۇقى
- 150
- جۇغلانما
- 2898
- نادىر
- 4
- يازما
- 2898
 
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئەلبارىس تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-2-6 20:51
شاھلىق لوڭقىسىدا مېھمان مەيدان مادرىد قا ئۇتتۇرۇپ قويغان بولسىمۇ ، لېكىن مادرىد ئاتلېتكا كۇلۇبىنىڭ قاپقىچىسى . «ياۋروپا قىزىل ئالۋاستىسى» نىڭ قاپقىچىسى كورتۇۋانىڭ مۇسابىقىدە بىۋاستە سەۋەنلىكى كۆرۈلمىدى. تېخى خېسې ۋە مۇدرىچ، رونالدونىڭ ئەجەللىك توپلىرىنى جايىدا بىر تەرەپ قىلدى. لېكىن لېۋېرپول تەرەپتىن كەلگەن سادا بۇ قاپقىچىنى سەل ئاچچىقلىتىپ قويدى.
ئىشنىڭ جەريانى مۇنداق: لېۋېرپول كوماندىسىنىڭ ھازىرقى قاپقىچىسى مىنگولىت مۇخبىرلارنىڭ زىيارىتىنى قۇبۇل قىلغاندا مۇنداق دېگەن:« مېنىڭ بىلگىيە كوماندىسىنىڭ 1- نومۇرلۇق قاپقىچىسى بولغۇم بار» دەل مۇشۇ سۆز ھازىرقى بېلگىيەنىڭ 1- نومۇرلۇق قاپقىچىسى كورتۇۋا نىڭ ئاچچىقىنى كەلتۈرۈپ قويغان. ئۇ مۇسابىقىدىن كېيىن دەرھاللا ئىنكاس بىلدۈرۈپ مۇنداق دېگەن:
« ئىسپانىيەدە، دېھېيا، رېينا ۋە ۋالدىس ھېچقايسىسى مەن كاسىللاسنىڭ ئورنىغا چىقىپ 1- قول قاپقىچى بولىمەن دېمەيدۇ. ئۇلار ھەممىسى كاسىللاسنى ھۆرمەت قىلىدۇ. لېكىن مىنگولىتنىڭ بۇ سۆزنى مېنى بىئارام قىلدى. مەن بىلگىيە كوماندىسى ئۈچۈن نۇرغۇن توپلارنى توسىدىم، ھەمدە كۇلۇبتىمۇ ناھايىتى ياخشى ئىپادەمنى جارىي قىلدۇرىۋاتىمەن، مېنىڭچە مىنگۇلىت ئۆزىنى تۇتىۋېلىشى كېرەك، باشقىلارنى ھۆرمەتلەشنى بىلىشى كېرەك» |
|