ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 150 |
جۇغلانمىسى: 3289 |
تۆھپىسى: سەر |
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئەلبارىس تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-2-6 20:52
ھەممىزگە مەلۇم بولغىنىدەك ، ئىتالىيە زەردارى ئېنتىر مىلەن كۇلۇبىنى ھىندونوزىيەلىك بار توشىر سېتىۋالغاندىن كېيىن ،ئۇ مەستانىلەرگە بەرگەن كۆپ مەبلەغ بىلەن كۇلۇبنى قايتا قۇرۇپ چىقىش ۋەدىسىنىڭ تېخى بىرىنىمۇ ئەمەلگە ئاشۇرۇپ باقمىدى. قىشلىق بازاردىمۇ جىمجىت . شۇنىڭ بىلەن توپ مەستانىلىرىنىڭ قوللىشى بارغانسىرى تۆۋەنلەپ مېڭىشتەك خەتەرلىك ئەھۋالغا دۇچ كەلدى.
ئىتالىيەدە چىقىدىغان «مىلەن تەنتەربىيە گېزىتى» نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا ، توشىر چوڭ سودىدىن بىرنى قىلىشقا تۇتۇش قىلىۋاتقان. يەنى مانچىستېر بىرلەشمىسىنىڭ ئوتتۇرا بېكى، كاپىتانى ۋىدىچنى مىئاززاغا يۆتكەپ كېلىشنى پىلانلىغان. بۇنىڭدىنكى ئاسالىق ھەركەتلەندۈرگۈچ كۈچ يەنىلا مانچىستېر بىرلەشمىسىنىڭ ھازىرغىچە ۋىدىچ بىلەن توختام ئۇزارىتماي تۇرىۋالغانلىقى ئىكەن. ۋىدىچ بىر نەچچە قېتىم كۇلۇب بىلەن توخـتاملىشىشقا تىرىشقان بولسىمۇ كۇلۇب تەرەپتىن سادا بولمىغان. ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ قارىشىچە مانچىستېر بىرلەشمىسى كۇلۇبى نىڭ بۇ يىل يازدا ۋىدىچنى يولغا سېلىپ قويۇش ئېھتىماللىقى يۇقىرى ئىكەن. شۇنىڭ بىلەن توشىر تۆمۈرنى قىززىقىدا سوقاي دەپ بۇ سودىغا تەييارلىق قىلىۋاتقان. لېكىن ئا س مىلەن كۇلۇبى بىلەن يۇۋىنتۇس كۇلۇبىنىڭمۇ بۇ سودىغا ئارلىشىش مۇمكىنچىلىقىنى نەزەردىن ساقىت قىلىشقا بولمايدىكەن. بىراق توشىر ئىتالىيە بىرلەشمىسىنىڭ «ئىش ھەققى تۈزىمى» نى بۇزۇپ ۋىدىچقا يىللىقى 2.5 مىلىيون ياۋرولۇق توختام تەييارلىغان. لېكىن ۋىدىچنىڭ مانچىستېر بىرلەشمىسىدىكى يىللىق مائاشى 4.5 مىلىيون ياۋرو ئىكەن. بىراق مانچىستېر بىرلەشمىسى ۋىدىچتىن ۋاز كېچىپ قالسا ،ئۇنىڭ ئىتالىيە كۇلۇبىغا كېلىشىنى يوق دەپ قارىغىلى بولمايدىكەن. توشىرنىڭ قارىشىچە ، داڭلىق توپچىلارنى جەلىپ قىلىش ئارقىلىق ، كۇلۇبنىڭ ئوتتۇرا شەرىق رايونىدىكى تەسىر كۈچىنى ئاشۇرۇپ ، تېخىمۇ كۆپ پاي قوشقىچىنى جەلىپ قىلىش ئىكەن. |
|