- تىزىملاتقان
- 2007-5-1
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-3-28
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 1398
- نادىر
- 1
- يازما
- 1398
|
خانبالىق ۋاقتى 2-ئاينىڭ 5-كۈنى ئىسپانىيە پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى خانلىق مادرىد توپچىسى كىرىستىيانو رونالدۇنىڭ 3 مەيدان مۇسابىقىدىن چەكلەنگەنلىكىنى ئىلان قىلدى. ئۇنىڭ ئىچىدە 1-مەيدان بېلباۋ رىقابەت كوماندىسى بىلەن بولغان مۇسابىقىدە رونالدو 2 سېرىق كارتا ئىتىمال قىلىپ قىزىلغا ئۆزگىرىپ مەيداندىن چۈشۈپ كەتكەن. قائىدە بۇيىچە كىيىنكى مەيدان بىرلەشمە مۇسابىقىسىدە توختىتىلىشى نورمال ھىساپلىنىدۇ، بىراق 2 مەيدان قۇشۇپ جازالاش رونالدونىڭ مەيداندىن ئايرىلغاندىكى رىپىرغا بولغان نارازىلىق ھەركىتى ( قول ئىشارىسى ) بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن. 2-ئاينىڭ 5- كۈنى رونالدونىڭ تۇغۇلغان كۈنى. تۇغۇلغان كۈنىدە بۇ شۇم خەۋەرنى ئاڭلاش رونالدوغا نىسپەتەن خۇشاللىنارلىق ئىش ئەمەس ئەلۋەتتە.
نۆۋەتتە رونالدۇ 2-ئاينىڭ 9-كۈنىدىكى سېرىق سۇ ئاستى كىمىسى بىللىيالىئار كوماندىسى بىلەن بولغان مۇسابىقىگە، 2-ئاينىڭ 16-كۈنىدىكى گىتاف بىلەن بولغان مۇسابىقىگە، 2-ئاينىڭ 23-كۈنىدىكى ئېلچى كوماندىسى بىلەن بولغان مۇسابىقىگە قاتنىشالمايدۇ. بىراق شاھلىق لوڭقىسى، ۋە ئۇزغۇنلۇق شاللاش مۇسابىقىسىگە نورمال قاتناشسا بۇلىدۇ. خانلىق مادرىد كۇلۇبى نارازىلىق ئەرىزى سۇنغان. ئىسپانىيە پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى سوت كۇللىگىيسى بۇ ئىشنى كىينكى جۈمە كۈنى مەسلىھەتلىشىپ قارار چىقارماقچى بولغان. ئەگەر بۇ ئىشمۇ ئۈنۈم بەرمىسە خانلىق مادرىد كۇلۇبى ئىسپانىيە رىقابەت كومىتىتىغا نارازىلىق ئەرزى سۇنماقچى بولغان.
|
|