- تىزىملاتقان
- 2010-10-16
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-3-27
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 7913
- نادىر
- 5
- يازما
- 7913
|

ھەل قىلغۇچ دەقىقىلەر يىتىپ كەلدى....ئالدىنقى يىللىق ئىنتىقام ئالىدىغان چاغ يىتىپ كەلدى........
ئەتە سەھەر سائەت1دە(ئۈرۈمچى ۋاقتى) ئىسپانىيە شاھلىق لوڭقىسى يىرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى تۇنجى ئۇچۇرشۇش خان مادرىت بىلەن مادرىت رىقابەت ئوتتۇرسىدىكى كەسكىن كۈرەش باشلىنىدۇ. مۇسابىقە خان مادرىت مەيدانىدا يەنى بىرنابو مەيدانىدا ئىلىپ بىرىلىدۇ. شۇنى تەكىتلەپ ئۆتۈش كىرەككى ئالدىنقى يىلى مادرىت رىقابەت دەل مۇشۇ بىرنابو مەيدانىدا خان مادرىتتىن شاھلىق لوڭقىسىنى تاتىۋالغان. بۇ يىللىق بىرلەشمىدىمۇ مادرىت رىقابەت 1-0نەتىجە بىلەن خان مادرىتنى مۇشۇ بىرنابو مەيداندا يەڭگەن. دىمەك مادرىت رىقابەت ئۈچۈن ئىتقاندا بىرنابو پۇتبۇل مەيدانى ئۇتقىلى بولمايدىغان مەيدان ئەمەس. خان مادرىت تەرەپتە بولسا بىل تولۇق ساقىيىپ مەشىققە قاتناشتى. ۋە چوڭ تىزىملىككە كىردى. رونالدونىڭ قىزىل كارتىسى شاھلىق لوڭقىسى بىلەن مۇناسىۋەتسىز. شۇڭا ئۇلانىڭمۇ بۇ تۇنجى ئۇچۇرشۇشتا چوقۇم غەلبە قىلىپ كىيىنكى ئۇچۇرشۇشقا ياخشى ئاساس تىكلىشىگە ئىشەنچىسى زور. قىنى كىم غەلبە قىلىدۇ؟ كىم ھەل قىلغۇچ باسقۇچقا كىرەلەيدۇ؟ قىزىقسىڭىز بۈگۈن كىچە ئۇيقىنىڭ مەرىدىن كىچىڭ.....ئالغا مادرىت....ساڭا ئامەت تىلەيمەن.......
سەھەر سائەت3تە يەنە بىر مەيدان يىرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە بارسىلونا كوماندىسى ئۆز مەيدانىدا خانلىق جەمىيەتنى كۈتىۋالىدۇ. ئالاھىدە ئەھۋال كۆرۈلمىسە بارسىلونانىڭ خانلىق جەمىيەتنى شاللاپ ھەل قىلغۇچقا كىرىشى تەس ئەمەس. ئەگەر خان مادرىت مادرىت رىقابەتنى شاللاپ ھەل قىلغۇچقا كىرەلىسە ئۇ چاغدا شاھلىق لوڭقىسى ھەل قىلغۇچتا بىر مەيدان ئەسىر دىربىسى ئوينالغۇسى.... |
|