جىننىس لوڭقىسى 8كۈچلۈك كوماندىنى ئېلان قىلدى
ۋاڭيى تەنتەربىيسى 5-فېۋرال خەۋىرى:
بېيجىڭ ۋاقتى 2-ئاينىڭ 5-كۈنى سەھەردە، جىننىس خەلقئارا چىمپىيونلۇق لوڭقىسى ئورگان تەرەپ بۇ يىللىق مۇسابىقىگە قاتنىشىدىغان 8زەردار كۇلۇبنىڭ تىزىملىكىنى ئېلان قىلدى. مانچېستىر بىرلەشمىسى، ئىنتىر مىلەن، ئا س مىلەن، خان جەمەتى مادىرىد، رىم، لىۋېرپول، مانچېستىر شەھىرى ۋە ئولىمپىياكىس كوماندىلىرى.
مەيئامىدىكى نۇرلۇق تەنتەربىيە مەيدانىدا جىننىس خەلقئارا چىمىپيونلۇق لوڭقىسى ئورگان تەرەپ بۇ يىللىق مۇسابىقىگە قاتنىشىدىغان سەككىز كوماندىنى ئېلان قىلدى، ئېنگلاند بىرلەشمىسىدىن مانچىستىر بىرلەشمىسى، لىۋېرپول، مانچېستىر شەھىرى كوماندىلىرى؛ ئىتالىيە بىرلەشمىسىدىن ئىنتىر مىلەن، ئا س مىلەن، رىم كوماندىلىرى؛ ئىسپانىيەدىن خان مادىرىد؛ گىرىتسىيەدىن ئولىمپىياكىس كوماندىلىرى قاتناشتى. تۇنجى قېتىملىق جىننىس لوڭقىسى مۇسابىقىسى بىلەن سېلىشتۇرغاندا پەقەت ئىنتىر مىلەن، ئا س مىلەن ۋە خان مادىرىد قايتا قاتناشتى، يۇۋېنتۇس، چېلسى، ۋالۇنسىيە ۋە ئېۋىرتون قاتنىشالماي قالدى، ئەمما رىم، مانچېستىر بىرلەشمىسى، مانچېستىر شەھىرى ۋە لېۋىرپول قاتارلىق كۈچلۈك كۇلۇبلار قوشۇلدى.
جىننىس لوڭقىسى مۇسابىقىسى بىرازىلىيە دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن ئېلىپ بېرىلىدىغان بولۇپ، 2014-يىلى 7-ئاينىڭ 26-كۈنى باشلىنىپ 8-ئاينىڭ 4-كۈنى ئاخىرلىشىدۇ، ئىلگىرى كېيىن بولۇپ ئىككى ھەپتە ۋاقىت كېتىدۇ. مۇسابىقە ئامېرىكىنىڭ 13شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلىدۇ، ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە مەيئامىدا ئېلىپ بېرىلىدۇ. سەككىز كوماندا ئىككى گۇرۇپپىغا ئايرىلىپ، ھەربىر كوماندا ئۈچ مەيداندىن مۇسابىقە ئوينايدۇ. 8-ئاينىڭ 4-كۈنى، ئىككى گۇرۇپپىدىكى 1-ئورۇندىكى ئىككى كوماندا ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە ئوينايدۇ. گۇرۇپپا ئايرىمىسى ۋە مۇسابىقە ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى 2-ئاينىڭ 20-كۈنى ئېلان قىلىنىدىغان بولسىمۇ، بىراق تاراتقۇلارنىڭ ئاشكارىلىشىچە مىلەن، مانچېستىر شەھىرى، لىۋېرپول ۋە ئولىمپىياكىس بىر گۇرۇپپا، خان مادىرىد، مانچېستىر بىرلەشمىسى، ئىنتىر مىلەن ۋە رىم بىر گۇرۇپپىغا ئايرىلغان.
8كوماندىنىڭ ھەممىسى ياۋروپادىن كەلگەن كوماندىلار. بۇلارنىڭ ئىچىدە مىلەن، خان مادىرىد ۋە مانچېستىر بىرلەشمىسى زەردارلارنىڭ ۋەكىلى. «مەيئامى ئاۋانگارد گېزىتى» نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، «بۇ يىللىق ئالتۇن توپ مۇكاپاتىنىڭ 5نامزاتى مۇسابىقىگە قاتنىشىدىغان بولۇپ، س رونالدو، سۇئارىز، يايا. تۇرى، ۋان پېرسى ۋە بېل. 8كوماندا جەمئىي 150 بىرلەشمە چىمىپىيونلۇقى ۋە 27ياۋروپا چىمىپىيونلۇق لوڭقىسى ئالغان. بۇلتۇر ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە خان مادىرىد بىلەن چېلسى ئوتتۇرىسىدا ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، 67273نەپەر تاماشىبىن نەقمەيداندا مۇسابىقە كۆرگەن، مۇسابىقە تەشكىلىي كومىتىتىنىڭ بۇ يىللىق مۇسابىقىنىڭ بۇلتۇرقىدىنىمۇ ئۇتۇقلۇق ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقىغا ئىشەنچىسى چوڭقۇر.»
جىننىس لوڭقىسى مۇسابىقىسى توغرىسىدا چۈشەنچە
جىننىس لوڭقىسى مۇسابىقىسى خەلقئارا چىمىپىيونلۇق لوڭقىسى مۇسابىقىسى دەپمۇ ئاتىلىدىغان بولۇپ، ئەمەلىيەتتە ئۇ بىرخىل دۇنياۋى پۇتبول رىقابەت مۇسابىقىسى، مۇسابىقە ئورنى ئامېرىكا، مۇسابىقە ۋاقتى بولسا ھەريىلى 7-ئاينىڭ ئاخىرىدىن 8-ئاينىڭ باشلىرىغىچە بولىدۇ. ھەريىلى ئامېرىكىدا بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلىدۇ، مۇسابىقە تەشكىلىي كومىتىتى 5قىتئەدىكى چىمىپىيون كوماندىلار ياكى زەردار كوماندىلارنى ئامېرىكىغا تەكلىپ قىلىش شەكلىدە ئېلىپ بېرىلىدىغان بەدەن قىزىتىش خاراكتىرىدىكى سودا مۇسابىقىسى، تەكلىپ قىلىنغان كوماندىلار موشۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، يېڭىدىن قوشۇۋالغان توپچىلار بىلەن ماسلىشىش مەشىقى ئېلىپ بارىدۇ.
2013-يىلى تۇنجى قېتىملىق جىننىس لوڭقىسى مۇسابىقىسى ئامېرىكىدا ئۆتكۈزۈلگەن. ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە خان مادىرىد ۋە چېلسى چۈشكەن بولۇپ، 13-مىنۇتتا مارسېلو خان مادىرىد ئۈچۈن چېلسىنىڭ دەرۋازىسىنى ئاچقان، ئاندىن لۇكاكۇنىڭ پاس بېرىشى بىلەن رامىرىس بىر توپ ئۇرۇپ تەڭلەشكەن. 32-مىنۇت ۋە 57-مىنۇتتا رونالدونىڭ توپ ئۇرۇشى بىلەن، خان مادىرىد 1:3نەتىجە ئارقىلىق چېلسىنى يېڭىپ، جىننىس لوڭقىسىنىڭ چېمىپىيونلۇقى ئەنچىلودىغا مەنسۇپ بولغان.
مۇسابىقە قائىدىسى
ئىككى گۇرۇپپىغا بۆلۈنگەن كوماندىلار ئۆز ئىچىدە ئىككى مەيدان مۇسابىقە ئوينايدۇ، مۇسابىقىدە ئۇتقان ئىككى كوماندا يەنە بىر مەيدان مۇسابىقىگە چۈشۈپ، ئىككى گۇرۇپپىدىن ئۇتۇپ چىققان ئىككى كوماندا ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە ئوينايدۇ. ئىككى گۇرۇپپا ئىچىدىكى يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە ئۇتتۇرغان ئىككى كوماندا 3-لىكنى تالىشىدۇ. ئىككى گۇرۇپپىدىكى دەسلەپكى ئۇچرىشىشتا ئۇتتۇرۇپ قويغان ئىككىدىن كوماندا ئۆزئارا مۇسابىقە ئېلىپ بېرىپ، ئىككى گۇرۇپپىدىن يەڭگەن ئىككى كوماندا 5-لىكنى تالىشىپ ، يېڭىلگەن ئىككى كوماندا 7-لىكنى تالىشىدۇ.
2014-يىللىق جىننىس لوڭقىسى مۇسابىقىسىنىڭ قائىدىسىگە ئازراق تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، ئىككى گۇرۇپپىدىكى ئالدىنقى ئىككى كوماندا يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە ئوينايدۇ، يېڭىپ چىققان ئىككى كوماندا ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە ئويناپ، يېرىم ھەل قىلغۇچتا يېڭىلگەن ئىككى كوماندا 3-لىكنى تالىشىدۇ.
بەيدۇ قامۇسى |